تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ خەينەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەينەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋۇجىشەن شەھىرىنىڭ شۇيمەن يېزىسى ماۋنا كەنتىدە شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەينەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ياڭپۇ خەلقئارا يۈك ساندۇقى پىرىستانىدىكى شياۋچەنتەن پورت رايونىدا، نەق مەيداندىكى مەشغۇلاتچى خادىملار، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەينەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەينەننى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن شياۋمىڭ، ئۆلكە باشلىقى فېڭ فېينىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سەنيا، ۋۇجىشەن، دەنجوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، دۆلەت باغچىسى، لىزۇلار كەنتى، پورت، پىرىستان قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن سەنيا شەھىرى ياجوۋۋەن پەن ـ تېخنىكا شەھەرچىسىگە جايلاشقان ياجوۋۋەن ئۇرۇقچىلىق تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ پەن ـ تېخنىكا شەھەرچىسى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ۋە تەجرىبىخانىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تەجرىبىخانىنىڭ سۇپا قۇرۇپ، ئۇرۇقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تىرەك بولۇش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى، دەل جايىدا مولېكۇلا لايىھەلەش، سورت يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە كىرىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئۇرۇقلۇقنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇقچىلىق پەن ـ تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇقلۇق مەنبەسىنى مۇستەقىل كونترول قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئۇرۇقلۇقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پېشقەدەم يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەتەننى قەلبكە پۈكۈش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىش غەيرىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو دېڭىز ـ ئوكيان داشۆسى سەنيا دېڭىز ـ ئوكيان تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، دېڭىز ـ ئوكياننى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، «شېنخەي 1 ـ نومۇر» مەشغۇلات سۇپىسىدىكىلەر بىلەن ئۇلىنىش ئارقىلىق كۆرۈشتى. ئالدىنقى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار باش شۇجىغا بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، ئۇلارغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى، سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دېڭىز ـ ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. دېڭىز ـ ئوكيان پەن ـ تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ جابدۇقلىرى ئارقىلىق نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىپ، ئېنېرگىيە بىلەن ئۆزىمىزنى تەمىنلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

تەكشۈرۈش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ دېڭىز بويىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم 12 يىل ئىلگىرى ئۆزى تىككەن بىر تۈپ قارىغاي دەرىخىنى ئوغۇتلىدى، سۇغاردى. شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويى رايونلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى تاپىلىدى.

خەينەن ئۆلكىسى 2011 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئارالدىن ئايرىلىدىغاندا باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى. 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سەنيا خەلقئارا باج كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىگە كېلىپ، ئارالدىن ئايرىلىدىغاندا باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش، يولغا قويۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ياخشى بازار مۇھىتى ۋە قانۇنچىل مۇھىت يارىتىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەينەن ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋۇجىشەن شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش دۆلەت باغچىسىنىڭ بىرى. شى جىنپىڭ ۋۇجىشەن تەۋەلىك رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياغاچ كۆتۈرمە يولنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ باغچىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ، دەل ـ دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشى، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەينەن ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئۆلكە قۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنى قاتتىق قوغداشنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

شۇيمەن يېزىسىنىڭ ماۋنا كەنتى ۋۇجىشەن شەھىرىدىكى بىر لىزۇلار كەنتى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتكە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەنت يولىنى بويلاپ ماڭغاچ كۆزدىن كەچۈردى. لىزۇ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ بەيخې بىر ئائىلە كىشىلىرى باش شۇجىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيىگە باشلىدى. شى جىنپىڭ ھويلا ـ ئاران، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى، قول ھۈنەر چايخانىسىدا چاي قورۇش ئەمگىكىگە قاتناشتى ھەم ئىككى خالتا چاي سېتىۋالدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى چاي تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، كۈنلىرىنى تېخىمۇ باياشات ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

كەنتتىكى شىپاڭدا، شى جىنپىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجى، يېزا ـ بازارلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، بېيىش باشلامچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، شۇ جاينىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئاچقۇچ ئادەمگە تايىنىشتا. سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، بېيىش باشلامچىلىرى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ كارىدورنى بويلاپ مېڭىپ لىزۇ مىللىتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە لىزۇ تاۋار ـ دۇردۇنى، شۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. مەيداندا لەرزان ناخشا ئاۋازى، رىتىملىق دۇمباق ساداسى ياڭراپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرى بامبۇك ئۇسسۇلى ئويناپ يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: لىزۇ يۇرتداشلارنى يوقلاپ كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، سىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق تۈردە بارلىق خەلق ئورتاق بېيىشقا ئاتلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ـ كەنت ساياھىتى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، زورايتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، بارلىق زېھنىنى پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە سەرپ قىلىشى كېرەك.

4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەينەن ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دەنجوۋ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كۆرگەزمە سارىيىدا، شى جىنپىڭ ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى، كەلگۈسى يىرىك پىلانى ھەمدە ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ نەتىجىلىرى قاتارلىقلارغا ئائىت كۆرگەزمىنى تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ ئالدىن يولغا قويۇش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەينەننىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، «جۇڭگو ياڭپۇ پورتى»نىڭ پاراخوت تىزىملاش پورتى بولۇشتەك سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىن يولغا قويۇشى، ئالدىن سىناق قىلىشى كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ياڭپۇ خەلقئارا يۈك ساندۇقى پىرىستانىدىكى شياۋچەنتەن پورت رايونىغا كېلىپ، پورت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان خادىملار، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پورتلارنى گۈللەندۈرۈش، تىرانسپورت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئورۇننى ياخشى ئىگىلەپ، ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پورت تەرەققىياتى بىلەن ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ـ بىرىنى تولۇقلىشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى ئەركىن سودا پورتىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا تاللاپ ئەۋەتىشى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى، شۇنداقلا كادىرلارنى تەربىيەلەپ چېنىقتۇردى، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، خەينەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، خەينەننىڭ «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى جۇڭگو سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل نام كارتىسى قىلىپ بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىر مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، تارماقلار قوللاش، ئۆلكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، ئىش بېجىرىپ، باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بېكىتىلگەن خاراكتېرنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاۋۋال يېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن كونىنى قالدۇرۇش، يېڭىنى تۇرغۇزمىغۇچە كونىنى قالدۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەينەننى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تۈپ چىقىش يولى. دىققەتنى ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىسسىق بەلباغ خاس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن تاغلىق رايونلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، بايلىق يۈرۈشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلار بىلەن رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە ـ مېخانىزم نۇقسانلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، شەھەر ـ بازارلارنى ئېچىۋېتىش پاسىلىدىن ئىبارەت ئۈچ كونترول لىنىيەسىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. شەھەر ـ يېزىلار بىلەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت نەنفەن پەن تەتقىقات سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي كاۋچۇك كەسپىنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان دېڭىزنى دائىرىگە ئېلىپ تىندۇرۇشنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ۋە قىرغاق لىنىيەسىنى ئېچىشنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسى دۆلەتنىڭ گۆھىرى بولۇپ، ئۇ سۇ ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، تېخىمۇ مۇھىمى كاربون ئامبىرى، ئۇنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تىرىشىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى قانچە چوڭقۇرلاشتۇرغانسېرى، ئېچىۋېتىشنى قانچە كېڭەيتكەنسېرى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىش كېرەك. غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىللىقلىققا تولغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى بىلەن شەھەر ـ يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تۈگىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، دېڭىزغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەينەن چيۇڭيا زۇڭدۈيى خاتىرە مەيدان ـ سورۇنى، قىزىل ئاياللار قوشۇنى خاتىرە باغچىسى قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەپ، «قابىلىيىتى يېتىشمەسلىك ۋەھىمىسى»، ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك قاپلىشىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يەر تەستىقلاش، ئىجارىگە بېرىش، ئۆي ـ مۈلۈك تەرەققىياتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە، پۇختا تۇتۇش كېرەك. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى تۈگىتىپ، ۋىرۇس ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.