4-ئاينىڭ 11-كۈنى، 1200 تۈپ زاكازنى خېرىدارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، گۈل تېرىيدىغان دېھقان پىدائىي بىلەن بىرلىكتە پارنىكتىكى سەبدەرگۈلنى پارلىماقتا.
ۋۇ لې فوتوسى
ئانار بۇلۇت خەۋىرى يېقىندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسىنىڭ چىنەباغ كەنتى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ كەنتتە ھازىر گۈل-گىياھ پارنىكىدىن ئونى بولۇپ، ھەربىر پارنىكنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 150 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
4-ئاينىڭ 11-كۈنى، 1200 تۈپ زاكازنى خېرىدارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، گۈل تېرىيدىغان دېھقان پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە پارنىكتىكى سەبدەرگۈلنى پارلىماقتا.
ۋۇ لې فوتوسى
4-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرىدىكى فۇچياڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلىپ، بازارغا سېلىشقا تەييارلانماقتا.
نىياز راخمان فوتوسى
بۇ يىل، فۇچياڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆكتات تېرىش ئاساسىدا گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
4-ئاينىڭ 11-كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزى بازىرى قوستوغان كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى پارنىك كۆكتات بازىسىدا خاڭگا ئۈزمەكتە. ھازىر، بۇ بازىدىكى 30 پارنىكتا تېرىلغان خاڭگا، دوۋجياۋ، لازا قاتارلىق كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋاقتىدا ئۈزۈپ بازارغا سالدى.
سەي يۇڭجيې فوتوسى