تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەسىپلەر گۈللەندى كىرىمنى ئاشۇرۇشتا يول بار بولدى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى  كەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شۇ جايىدىكى بايلىققا تايىنىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاسلىقى روشەن تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، كەنت گۈزەل، خەلق باي بولۇشتەك گۈزەل مەنزىرە تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ئاستا-ئاستا نامايان بولدى...

  4-ئاينىڭ 7-كۈنى، باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرىنىڭ بەخت مەھەللىسى ساۋمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ساۋمېي ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىگە ساۋمېي پەرۋىش قىلىش بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار ئېھتىياجى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، «يېزا ئىگىلىكى+ساياھەتچىلىك» يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

نيەن لېي فوتوسى

  4ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى شىنجۇاڭ كەنتى فېڭجىيۈەن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى رېن ۋېنشيا ئالقات مايسىسىنىڭ ئوتىنى ئوتىماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

  4-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ جىڭچىشېن ئالقات تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالقاتنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

  4ـ ئاينىڭ 6ـ كۈنى خىزمەتچىلەر پارنىكتا شىڭباۋگۇ ئۈزمەكتە. لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى دۆڭ كۈزلۈك كەنتىگە جايلاشقان خوتەن كوئېنلۇن جۈنيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنىكىدا ئۆستۈرۈلگەن شياڭگۇ، چاشۇگۇ، شىڭباۋگۇ قاتارلىق زەمبۇرۇغ موگۇلىرى ئەتىيازلىق ئۈزۈش پەسلىگە كىردى، خىزمەتچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ بازارغا سېلىپ ساتتى.

مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

  3-ئاينىڭ 28-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتىدىكى پارنىكتا ھەسەن-ھۈسەن تاۋۇز ئۈزۈشكە تەييارلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پارنىكتا قوغۇن-تاۋۇز، گۈل-گىياھ، كۆكتات قاتارلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى خاس كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

نىياز راخمان فوتوسى

  كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتىدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ھەسەن-ھۈسەن تاۋۇز(3-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).

نىياز راخمان فوتوسى

  4ـ ئاينىڭ 6ـ كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى داۋزىيا كەنتىدىكى دېھقانلار يەرلىك توخۇنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى قاتارلىق تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

ۋۇ لې فوتوسى

  4-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى توشقاننىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى «كارخانا + بازار + دېھقان ئائىلىسى» تىجارەت ئەندىزىسىگە تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى گۆش توشقىنى، ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا پائال يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

نىياز راخمان فوتوسى

  3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ قىزىل بازىرى ئوقتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە باقمىچىلار بىرلىكتە توزنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ كەنت توز، تۆگىقۇش، كۈركە توخۇ، توشقان قاتارلىق ئۆزگىچە ھايۋانلارنى كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

ئەزىز سامساق فوتوسى

  3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى قىزىل بازىرى ئوقتېرەك كەنتىدە بېقىلىۋاتقان تۆگىقۇش.

ئەزىز سامساق فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.