تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تېخنىكا يەتكۈزۈپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، سېتىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرىنىڭ بەخت مەھەللىسى ساۋمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ساۋمېي ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىگە ساۋمېي پەرۋىش قىلىش بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار ئېھتىياجى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، «يېزا ئىگىلىكى+ساياھەتچىلىك» يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش» كەسىپ ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
نيەن لېي فوتوسى

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق چىلان، ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ساتماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى «بىۋاسىتە كۆرسىتىش+دېھقان ئائىلىسى+ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى» شەكلى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىش «تېز سۈرئەتلىك يول»غا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

نىياز راخمان فوتوسى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يەرلىك توخۇلارغا يەم بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ۋۇ لې فوتوسى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى يەرلىك توخۇلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك، ساياھەتچىلىك قاتارلىق تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

ۋۇ لې فوتوسى

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى قاراجول چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى كەنت ئاھالىسى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ھويلا-ئارانلىرىنى تازىلىشىپ، چارۋىلىرىغا يەم-خەشەك بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

سۈن شۇۋېي فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.