تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا تاماملانغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 5 مىليون مودىن ئاشتى

ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ. 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىگە قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دا ئۇرۇق سېلىنىپ بولغان كۆلەم 5 مىليون 55 مىڭ مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 501 مىڭ 900 مو كۆپىيىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تېز بولغان.

ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان شايار ناھىيەسىدە، 1 مىليون 850 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، 30 مىڭ (يۈرۈش)دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ سايمىنى ئۆلچەملەشكەن مەشغۇلاتقا قاتناشتۇرۇلدى، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان سېيالكا بىر قېتىمدىلا يوپۇق يېپىش، ئۇرۇق سېلىش، توپا كۆمۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تاماملىيالايدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 260 مىڭ مو يازغى بۇغداي تېرىش خىزمىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، شۇ جايدىكى تېخنىكلار ئېتىز بېشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي ئوغۇتلاپ، ئۇرۇق سېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي، ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئەڭ يېڭى يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىكى يازغى بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 500 مىڭ مودىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 400 نەچچە مىڭ مو كۆپەيگەن، يازغى بۇغداي تېرىشتا نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %32.1ى تاماملانغان، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشقان، ياغلىق دان، قىزىلچا، كۆكتات قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك ئاشقان.

ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداي كۆكلەش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلىدى، شىمالىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداي ئارقا ـ ئارقىدىن كۆكلەشكە باشلىدى. بۇلتۇر كۈزگى بۇغداي تېرىش مەزگىلى سەل كېچىكىش، قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر يۇقىرى بولۇش، قار ئاز يېغىش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈزگى بۇغداينىڭ قايتا كۆكلىشى بۇلتۇرقىدىن بىرقەدەر ئاجىز بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى كۈزگى بۇغداينىڭ ئەتىياز پەسىللىك ئېتىز پەرۋىشى سالمىقىنى زورايتىپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى نۇقتىدا تۇرۇپ دائىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، كۈزگى بۇغداينىڭ قايتا كۆكلەش مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئېتىز پەرۋىشى تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇغداي مايسا ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈزگى بۇغدايغا 3 مىليون 941 مىڭ مو قېتىم باش سۈيى قۇيۇلدى، 7 مىليون 200 مىڭ مو قېتىم باش ئوغۇت بېرىلدى، 117 مىڭ 900 مو قېتىم كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تاماملاندى، كۈزگى بۇغداينىڭ قايتا كۆكلەش ئەھۋالى ياخشىلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.