تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارلىق دالىدىكى قىزىل ئىزنالار

− شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خاتىرە (2)

□خۇاڭ زۇڭشىڭ، لى كاڭ، يۈ تۇڭ

ئەتىيازنىڭ سوغۇقى بولۇۋاتقان مەزگىلدە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ جەڭ ئاپتوموبىللىرى گۈرۈلدەپ، يەنە بىر قېتىم ئېگىزلىكتە جەڭگە ئاتلىنىپ، جەڭ بايرىقىنى قاراقۇرۇم چوققىسىغا تىكلىدى. 62 يىل ئىلگىرى، بۇ شىدىكى ئەجدادلار قارلىق ئېگىزلىككە يۈرۈش قىلىپ، چېدىردا تۇرۇپ، چۆل - باياۋاندا قونۇپ، دالىدا غىزالىنىپ، قار - مۇزلارنى كېچىپ، غەربىي جەنۇبتىكى چېگرانى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، شىزاڭدا 20 يىل جاپالىق جەڭ قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى دەۋردىكى قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى پېشقەدەملەرنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ نەتىجە يارىتىپ، قارلىق ئېگىزلىكتە گازارما رايونى قۇردى، قۇدۇق قازدى؛ يېڭى جابدۇقلارنى، يېڭى جەڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلدى، مەشىق قىلدى؛ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاممىغا ياردەم بەردى، ئۇلارنى يۆلىدى، تۇرۇشلۇق جايدىكى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ غېمىنى يەپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى، قورقماس جاسارەت بىلەن ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىدى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى.

ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا «ئېگىزلىكتىكى بوستانلىق»نى بەرپا قىلىش

باش باھار مەزگىلىدە، قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىدە قەھرىتان سوغۇق تېخى يىراقلاپ كەتمىگەنىدى، دېرىزە سىرتىدا يەنىلا سوغۇق شامال ھۇۋۇلداپ، تامچە سۇ مۇزغا ئايلىناتتى.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان جايدىكى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ گىرەلىشىپ جايلاشقان ھەرقايسى گازارمىلىرىنىڭ ئىچى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، باھاردەك ئىللىق ئىدى. مەشىقتىن قايتىپ كەلگەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن ئوكسىگېن مىقدارى ئوخشاش بولغان ساپ ھاۋادا ئەركىن نەپەسلىنەتتى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ياتىقىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇلغان تارىلىش شەكلىدىكى قاتار - قاتار ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى خىزمەت قىلىشقا باشلىدى، ھەربىر تارىلىش شەكلىدىكى ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى پەقەت بىرنەچچە مىنۇتتىلا ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى %90تىن كۆپرەككە يەتكۈزەلەيدۇ، ئون نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق تاختا ئۆي ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت يېرىم سائەتتىلا ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئۆي سىرتىدىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن كۆپرەككە يەتكۈزەلەيدۇ.

ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۆزى قول سېلىپ قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان تاختا ئۆي ياساپ، كۆكتاتنى يېڭى پېتى ساقلايدىغان ئورا كولاپ، تاتلىق سۇ قۇدۇقى قېزىپ، تارىلىش شەكلىدىكى ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، ئىسسىنىش، ئوكسىگېن سۈمۈرۈش، يېڭى كۆكتات يېيىش، ساغلام سۇ ئىچىش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلدى.

جاپالىق بولسىمۇ ۋايسىماي كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يەڭدى. 90 يىلدىن بۇيان، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك، قارلىق ئېگىزلىك، چۆل - باياۋان... قىزىل ئارمىيە شىسى بىر جاپالىق رايوندىن يەنە بىر تېخىمۇ جاپالىق رايونغا باردى، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلىدى.

بۇ شى مەلۇم تۇەنىنىڭ 3 - يىڭىدا نۇقتىدا تۇرۇۋاتقان تۇەن سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى لېي بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا <ئېگىزلىكتىكى بوستانلىق>نى بەرپا قىلىش، ئەڭ جاپالىق جايدا يىلتىز تارتىش دەل ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ <جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش> روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىدۇر».

1979 - يىلى، بۇ شى غەربىي جەنۇبتىكى چېگرادىن غەربىي شىمالدىكى چېگرانى مۇداپىئە قىلىشقا يۆتكەلدى. شىنجاڭغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، بىر ئېغىز ئۆي، بىر تۈپ دەرەخمۇ يوق ئىدى، قىسىم ئامالسىز گەمە كولاپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى ۋاقىتلىق ئارىيەتكە ئېلىپ ۋاقتىنچە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. جاپالىق تەبىئىي شارائىت ئالدىدا، پۈتۈن شىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چەكسىز چۆل - باياۋان ۋە قۇم - شېغىل ئۇچۇپ تۇرىدىغان 100 چاقىرىملىق شامال رايونىدا يېڭى ماكان قۇرۇپ، ئۆزلىرى قول سېلىپ گازارما قۇرۇپ، گازارما رايونىنىڭ مۇھىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

بىر دەۋرنىڭ شۇ دەۋرگە خاس ھېكايىسى بولىدۇ، روھقا ۋارىسلىق قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ كۆككە ئەڭ يېقىن، سىرلىق بىپايان تۇپراقتا، 40 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ھاياتىنىڭ گۈزەل چاغلىرىنى بۇ يەرگە بېغىشلاپ، ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ يەنە بىر قېتىم قاراقۇرۇمغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

دەسلەپتە قونالغۇ رايونىغا بارغاندا، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغىنى چۆل، قاقاسلىق، قۇم - بوران ئىدى... 3 - يىڭدىكى جۇڭشى جاۋ جېڭشۈەننىڭ قەلبىدە بۇ قېتىمقى «چېدىر خاتىرىسى» ئۇنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدۇ −

ئېگىزلىككە يېڭى كەلگەندە، شارائىت ناچار بولغاچقا چېدىردا تۇرۇشقا توغرا كەلدى، قارا بوران ھەمىشە تۇيۇقسىزلا قۇم - شېغىللارنى ئۇچۇرۇپ كېلەتتى، چېدىر ئىچىنىمۇ قۇم - شېغىل قاپلاپ كېتەتتى. تاماق يەيدىغان چاغدا، توپا - چاڭ چېدىردىن ئۆتۈپ تاماق ئۈستىلىنى بىر ئالاتتى، ئاق مىفەننىڭ يۈزىنى بىر قەۋەت قۇم قاپلاپ كېتەتتى. جاۋ جېڭشۈەن قىزىقچىلىق قىلىپ، بۇ، شىزاڭنىڭ غەربىدىكى سىرلىق جايلار بىزگە سوۋغا قىلغان «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات» دېدى.

ئورەك كولاپ ئۇل سېلىش، تاختا ئۆي ياساش، قۇدۇق كولاش، كۆكتات ئورىسى ياساش... بۇ «بوران چىقسا قۇم - شېغىل ئۇچۇپ تۇرىدىغان، ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان، 6 - ئايدا قېلىن قار ياغىدىغان، تۆت پەسىلدە پاختىلىق چاپان كىيمىسە بولمايدىغان» قارلىق ئېگىزلىكتە، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قۇم - بوران بىلەن جەڭ قىلىپ، قەھرىتان سوغۇق بىلەن ئېلىشىپ، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە تاقابىل تۇرۇپ، قورقماس جاسارىتى بىلەن ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

ئىسسىق قان توڭ تۇپراققا چېچىلىپ، ناھايىتى تېزلا تۇپراق قاتلىمىدا غايىب بولدى... ئۇل كولاۋېتىپ، جاۋ جېڭشۈەن گۈرجەكتە توپىنى كۈچەپ ئاتقاندا، ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ تىرنىقى ئېھتىياتسىزلىقتىن قايرىلىپ كەتتى، ئەمما نەق مەيدان يەنىلا تىنچ بولۇپ، ھېچقانداق پاتىپاراقچىلىق يۈزبەرمىدى. ئۇ ئۆزى يالغۇز چېدىرغا قايتىپ كېلىپ قولىغا يود سۈركەپ، داكا بىلەن ياخشى ئوراپ، گۈرجىكىنى كۆتۈرۈپ يەنە «جەڭ ئورنى»غا جىمجىتلا قايتىپ كەلدى.

سان - ساناقسىز جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، قۇمدىن ئالتۇن سۈزگىلى بولىدۇ. ھازىر، 3 - يىڭنىڭ گازارما رايونى ئىچىدە ياتاق، ئۆگىنىش ئۆيى، يۈز يۇيۇش ئۆيى، ئاشخانا، ئوكسىگېنخانىدىن ئىبارەت بەش بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ھەممە نەرسە تولۇق. سىرتتا شىۋىرغان چىقىپ، تامچە سۇ مۇزغا ئايلانغان تەقدىردىمۇ، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃15 ئەتراپىدا ساقلىغىلى بولىدۇ.

«ئېگىزلىكتىكى چۆلدە يىلتىز تارتىشتا، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ نەتىجە يارىتىش روھى بولمىسا بولمايدۇ.» 3 - يىڭنىڭ جياۋداۋيۈەنى لى جۈنلى مۇنداق دېدى: قاقاس چۆل - باياۋاندىن ھاياتلىق بوستانلىقىغىچە، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى، ئۇچۇپ تۇرغان قۇم - شېغىلنى يېڭىشتە، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ نەتىجە يارىتىش روھىغا تاياندى، يۈزى يېرىلىپ كۆكىرىپ، قوللىرى يېرىلىپ قاداق بېسىپ كەتسىمۇ، يەنىلا چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

تىپنى ئۆزگەرتىپ، قايتا يارىتىپ، «قىزىل ئاساس»نى ساقلاش

قىزىل ئارمىيە شىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، جاپانى ھەمراھ قىلىپ، جاپانى شەرەپ، جاپانى خۇشاللىق، دەپ بىلدى، 35 قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى، ئون نەچچە قېتىم ئالمىشىپ مۇداپىئەدە تۇردى، ھەر قېتىم يۆتكىلىپ مۇداپىئەدە تۇرۇش بىر جاپالىق رايوندىن يەنە بىر تېخىمۇ جاپالىق رايونغا يۆتكىلىش بولسىمۇ، لېكىن مەيلى قەيەرگىلا بارسۇن، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى باشتىن - ئاخىر ئۇرغۇپ تۇردى.

40 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ شى شىزاڭدىن شىنجاڭدا مۇداپىئەدە تۇرۇشقا يۆتكەلدى، دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن ئەڭ تۆۋەن ئويمانلىققىچە، كۈمۈش رەڭ لىباس كىيگەن سوغۇق قۇتۇپتىن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى تومۇز ئىسسىق بولىدىغان «ئوت يۇرتى»غىچە، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىر پارچە كاھىش، بىر ئېغىز ئۆي، بىر تۈپ دەرەخ بولمىغان شارائىتتا، قۇم - بوران، پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، تومۇز ئىسسىقنى يېڭىپ، چۆل - باياۋانلاردا گازارما قۇرۇپ يىلتىز تارتتى.

«بۇ 2930 كۈمۈش تەڭگىنى ئەينى يىلى شى پارتىيە كومىتېتى تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرۇپ يىغقان. كېيىن قىسىم كۆپ قېتىم يۆتكەلگەن بولسىمۇ، كۈمۈش تەڭگىدىن بىرىمۇ كېمىيىپ قالمىدى...» بۇ شىنىڭ شى تارىخى سارىيىدىكى كۆرگەزمە ئىشكاپىدا ئۈچ ساندۇق كۈمۈش تەڭگە كۆرگەزمىگە قويۇلغانىدى. مۇخبىرلار زىيارەت قىلغاندا، چۈشەندۈرگۈچى فەن تيەنلې يېڭى جەڭچىلەرگە كۈمۈش تەڭگىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ شى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نەچچە ئون قېتىم تەڭشەپ ئۆزگەرتىشنى، تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ يۆتكىلىپ مۇداپىئەدە تۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، «قىزىل ئاساس»نى ياخشى ساقلىغان. بۇ كۈمۈش تەڭگىلەر ئىزچىل قىسىمغا ئەگىشىپ جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ، بىرىمۇ يوقاپ كەتمىگەن ياكى زىيانغا ئۇچرىمىغان.

ئىگىلىكنى ساقلاپ قېلىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل ئارمىيە شىسى قۇرۇلۇشىنى كۈندىن - كۈنگە يۈكسەلدۈردى. بۇ شى مالىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، بۇ شى دىققەتنى جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق مەشىقنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئالاقىلىشىش مەشىق مەيدانى، توپچى ئەسكەرلەر ئۇنىۋېرسال قارىغا ئېتىش مەشىق مەيدانى قاتارلىق نۇرغۇن مەشىق مەيدانلىرىنى قۇردى. بۇ شى ئىسلاھ قىلىپ تىپىنى ئۆزگەرتكەندىن بۇيان، پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىپ، بىرىكمە ئۇرۇشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۇچۇرنى ئاساس قىلىش، سىستېما بويىچە قارشىلىشىش قاتارلىق زامانىۋى ئۇرۇش قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىككى يىل ۋاقىت ئىزدىنىش ئارقىلىق، جەڭگىۋارلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

بۇ شىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدە، چوڭ ئېكراندىكى قوماندانلىق كۆرۈنمە يۈزىدىلا قوماندانلىق مەخسۇس تورى، ئارمىيە ئۇنىۋېرسال تورى، ئالاقە تورىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن، ئۈچ تور تۇتاشتۇرۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ، بىخەتەر يۇغۇرما ھالقىما تورنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش تەرتىپىنى زور دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇپ، قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4500 مېتىر كېلىدىغان قارلىق ئېگىزلىكتە، بىر مەيدان بىرىكمە يىڭ ھۇجۇم مانىۋېرى باشلاندى.

«ئوت كۈچى ئامىلى بىلەن <دۈشمەن>نىڭ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامىغا زەربە بېرىلسۇن، بىرونېۋىكلىق زەربىدار ئاپتوموبىللار توپى تېز سۈرئەتتە يول ئاچسۇن!» بۇ شى مەلۇم تۇەنى بىرىكمە 3 - يىڭىنىڭ يىڭجاڭى چيەن لىمىن ۋە بىرنەچچە يىڭ سەنمۇسى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق، پىيادە ئەسكەرلەر، توپچى ئەسكەرلەر، قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى قاتارلىق ئون نەچچە ئەسكەر تۈرى شۆبە ئەترىتىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ، «دۈشمەن»گە دەل جايىدا زەربە بېرىشىگە قوماندانلىق قىلدى.

بىر يىل ئىلگىرى، 3 - ئەۋلاد ئاساسىي جەڭ قورال - جابدۇقلىرى سەپلەنگەندە، يېڭى تىپتىكى جابدۇقلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى قانداق قىلىپ تېزدىن شەكىللەندۈرۈش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان يېڭى تېما بولۇپ قالغانىدى. كەسپىي ئىختىساسلىقلار بولمىغان، تەشكىللىك مەشىق يېتەكچىسى بولمىغان، مەشغۇلات قائىدىسى بولمىغان قىيىن ئەھۋالدا، يىڭجاڭ چيەن لىمىن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يېتەكلەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەشىق تەشكىللەش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش، جەڭ ئۇسۇلى، مەشىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال قانات يايدۇردى...

مەشىق پىلانىنى تۈزۈپ بولغاندا، سەھەر سائەت 2 بولغانىدى، چيەن لىمىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ پەقەت بىر ئادەتتىكى كېچە ئىدى. بۇلتۇر 2 - ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئۇ قانچە قېتىم كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلىغانلىقىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ، ئاشۇ ئاي - يۇلتۇزلار يورۇتۇپ تۇرغان قايتىش يولى ئۇنىڭ «تىپنى ئۆزگەرتىپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش»ىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدى.

چيەن لىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى قورال - جابدۇق مەشىقىنى ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇلار «زەپەر» پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تۆت يۈرۈش دەرسلىك تۈزۈپ، كۆپ يۈرۈش كەسپىي مەشىق نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تاكتىكا مەشىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى رەتلەپ چىققان.

«ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قىسىمغا نىسبەتەن تىپىنى ئۆزگەرتىپ، قايتا يارىتىش، شەخسكە نىسبەتەن <سۇمۇرغنىڭ تاۋلىنىشى> بولۇپ، پۈتۈن شىدا ماڭا ئوخشاش مەشىقنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغانلار يەنە ناھايىتى كۆپ.» چيەن لىمىن ھەممىنى پىششىق بىلىدۇ: زەمبىرەك تېخنىكى، 2 - دەرىجىلىك جۈنشىجاڭ ۋاڭ دۇڭلىن پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچىگەن بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك نەتىجىسى كېڭەيتىپ قوللىنىلىپ، «قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئون چوڭ ئۈلگە» بولۇپ باھالاندى؛ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى جاڭ كەي پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىقتىدارىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان، ئۇ تۈزگەن پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى دەرسلىكى ئەمەلىي مەشىق جەريانىدا ئۈنۈملۈك يېتەكچىگە ئايلىنىپ، بۇلتۇر شەرەپ بىلەن 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى؛ ئايال ئەسكەر ۋېي رۇن قارىغا ئېتىش مەيدانىدا 100 قەدەم ئارىلىقتىن ئوقنى دەل جايىغا تەگكۈزۈپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق شى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر مەرگەن» بولۇپ باھالاندى.

ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىش جەريانىدا، بۇ شى جەڭگىۋارلىق شەكىللەندۈرۈشنى كۆزلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئەمەلىي تاكتىكا ھاسىل قىلدى. ئادەمسىز ئۇرۇش تەتقىقاتى، قورالنىڭ ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى دەلىللەش، كىچىك سىستېما بويىچە بىرلىشىپ مەشىق قىلىش، «ئۈچ جەڭ» تەتقىقاتى قاتارلىق بىر قاتار ھەرىكەتلەر قاراقۇرۇمنىڭ ئىچكىرىسىدە قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.

خەلقنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببەتنى پۈتۈش

ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بىر قىش كۈنى، شىزاڭنىڭ غەربىدىكى رىتۇ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا كەيپىيات قىزغىن ئىدى. ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئارمىيە - خەلق بىرلەشمە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدى.

قىزىل ئارمىيە شىسى ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلغاندىن بۇيان، دائىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ كەنتكە بېرىپ سەييارە كېسەل كۆرۈپ، دورا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ھال سوراپ، ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

يېقىندا، قىزىل ئارمىيە شىسى مەلۇم ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لېي شۇاڭجيانىڭ باشلامچىلىقىدا، ياچېيكا رىتۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن قوشماقلاشتى، لېي شۇاڭجيا دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ رىتۇ كەنتىنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، رىتۇ كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى بايقىدى ھەم ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ياڭرىغاندا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، نەق مەيداندىكى كەنت ئاھالىلىرى نەزەر سالىمى بەردى، بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قولىنى كۆتۈرۈپ ھەربىيچە سالام بەردى، مەيدان كەيپىياتى كەسكىن ھەم سۈرلۈك ئىدى.

لېي شۇاڭجيا قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆز ليەنىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە رېمونت قىلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھارىتى ۋە رېمونت قىلىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، يېشى ماس كېلىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھارىتى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ماھارىتىنى ئۆستۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قىسىمنىڭ ئىلغار خىزمەت تەجرىبىسى ۋە تۈزۈمى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئاشۇردى ھەم پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، ئۇچۇر تارقىتىش، سىياسەت تەشۋىقاتى ۋە ئەمەلىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇرچنى زىممىگە ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئىتتىپاق ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈردى.

يىل ئاخىرىدا، بۇ ليەننىڭ پارتىيە ياچېيكىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، ياردەم قىلىۋاتقان ۋە يۆلەۋاتقان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇ جايدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىرقانچە قۇرۇلۇش تەرەققىيات تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە ماھارەت، ماددىي ئەشيا جەھەتتە يۆلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەدرىجىي ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشتى.

ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشكە ئېرىشكەن زاڭزۇ كەنت ئاھالىسى گېساڭ شىچۆ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئازادلىق ئارمىيە كېلىپ، بىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. ئۇلار بىزنىڭ قوغدىغۇچىمىز».

زاڭزۇلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى تىل ئالاقىسى راۋان بولماسلىق قىسىمنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى زاڭزۇ ئامما بىلەن بولغان بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تىل تەرجىمە ئاپپاراتىنىڭ ياردىمىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، زاڭزۇ ئامما بىلەن ئۆزئارا تونۇشتى، زاڭزۇ ئاممىغا «ئالقانچىلىك زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمىز» ناملىق خورنى ئېيتىپ بەردى، ھەربىيچە مۇشتلىشىش گۇمپىسى، نەيزىۋازلىق ماھارىتىنى كۆرسەتتى، بۇ ئارقىلىق زاڭزۇ ئاممىغا چېگرا رايون جەڭچىلىرىنىڭ ۋەتەننى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئېتىقادىنى ھېس قىلدۇردى.

«قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە زاڭزۇلار رايونىدىن ئۆتكەندە، زاڭزۇ قېرىنداشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارپا، تۇز ۋە قارا شېكەرنى قىزىل ئارمىيەگە بەردى ھەم ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەردى...» ئارمىيە - خەلق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش باش تېما پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، مەلۇم بىرلەشمە يىڭنىڭ جياۋداۋيۈەنى ۋاڭ ۋېنچىڭ زاڭزۇ ئاممىنىڭ قىزىل ئارمىيە بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن بىللە ئۆتكەنلىكىدەك ئۇنتۇلغۇسىز تارىخنى سۆزلەپ بېرىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. دەرستىن كېيىن زاڭزۇ ئامما بەس - بەستە پەرزەنت ئەسكەرلەرگە خادا تەقدىم قىلدى.

بۇ شىنىڭ رەھبىرى مۇنداق تونۇشتۇردى: خەلقنى سۆيۈش، خەلققە ياردەم بېرىش قىزىل ئارمىيە شىسى قىسمىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بۇ قېتىم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ «خەلقنى سۆيۈش، خەلققە ياردەم بېرىشنى زاڭزۇ ئائىلىلىرىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، گازارمىدا تۆھپە يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشتىن ئىبارەت.

قىسىم قەيەرگە بارسا، ئارمىيە - خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتى شۇ يەرگىچە قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، قىزىل ئارمىيە شىسى ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئېسىل ئەنئەنە.

1996 - يىلى 4 - ئايدا، بۇ شىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر دۆلەت مۇداپىئەسى نۇر كابېلى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، قۇرۇلۇش بۆلىكىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار، گىئولوگىيەسى مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپ قىسمى قاتتىق تاشلىق يەر، قۇم - شېغىللىق يەر، شورلۇق يەر قاتارلىق قۇرۇلۇش قىلىش تەس بولغان يەر ئىدى. ئىنتايىن جاپالىق مۇھىتتا، پۈتۈن شىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر جاپا تارتسىمۇ ۋايسىماي، ھەر كۈنى 14 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىدى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قوللىرى قاپىرىپ كەتتى، بەزىلىرىنىڭ بارماقلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ھەتتا چوكىنىمۇ تۇتالماي قالدى.

16 قېتىم جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا نۇر كابېل قۇرۇلۇشى قىلىش، ئۈچ قېتىم «ھالاكەت دېڭىزى» لوپنۇرغا بېرىپ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش؛ چىڭگېداخۇ كەنتى، لىياڭ كەنتى قاتارلىق ئونغا يېقىن كەنتكە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش؛ قىسىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئەتراپىدىكى قاقاس تاغلارغا يېشىل تون كىيگۈزۈش... «خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت قىزىل گېن قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى تۈركۈم - تۈركۈم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تومۇرىدا داۋاملىشىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى. شەنشى - گەنسۇ ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ھەربىي يۈرۈش قىلىپ ئۇرۇش قىلغاندا، ئۇلار ئاممىۋى ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ ھويلىسىغا كىرمىدى، ئۆيىگە كىرمىدى، پۇقرالارنى ئاۋارە قىلمىدى، ئايرىلىدىغان چاغدا يۇرتداشلارنىڭ ھويلىسىنى پاكىز تازىلاپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئىدىشلىرىنى سۇغا لىق توشقۇزۇپ، ئوچاق بېشىغا ئوتۇن دۆۋىلەپ بېرىپ، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. مىللەتلەر رايونىغا ئورۇنلاشقاندا، ئۇلار ھەربىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قىلچىلىك خاتالىق ئۆتكۈزمىدى، «ئۇخلىماسلىققا رازىكى، لاما ئىبادەتخانىسىغا كىرمەسلىك» «ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا قولىنى كۆتۈرۈپ باش كىيىمىنى تۈزەشتۈرمەسلىك، قوغۇنلۇقتا ئېڭىشىپ ئاياغ بۇغىچىنى ئەتمەسلىك»تەك ئاددىي ئىشلار ئۇلارنىڭ خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

90 يىلدىن بۇيان، قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ كۈرەش ئىزلىرى غەربىي قىسىمدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا تارقالدى، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيە قىسمىنىڭ ياخشى ئىستىلىنى غەربىي قىسىمدىكى كەڭ زېمىنغا تارقاتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ ياخشى ئىستىل، ياخشى ئەنئەنىلەر بۇ شىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جىسمىدا دەل جايىدا گەۋدىلەندى.

بوران - چاپقۇننى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن كىشىنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولىدۇ، ئازراق نەتىجە يارىتىپ توختاپ قالسا بولمايدۇ، چۈنكى ئالدىدىكى يول تېخى ئۇزۇن. يېڭى دەۋردىكى قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى دەۋرنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلىمەكتە. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، بۇ شى پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم، زور غەلىبىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نۇرغۇن ئوفىتسېر - ئەسكەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن «ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىسى» بولۇپ تەقدىرلەندى، نۇرغۇن ليەندۈي قىسىم تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن «ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ تەقدىرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.