تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەربىر تال ئۇرۇقلۇقنى ياخشى يېتىشتۈرۈش «بەخت گۈلى»نى ئېچىلدۇرۇش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، باھاردىكى قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى، ساۋەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ 370 مو كېۋەز سورتى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، چۈ يەنيىڭ ھەربىر تال كېۋەز ئۇرۇقلۇقىنى تەپسىلىي كۆزىتىۋاتاتتى.

ئۇرۇقلۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى دەل «ئۆزەك»نىڭ قوغدىغۇچىلىرى − ھەر يىلى 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، 4 ـ ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، كېۋەز يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى چۈ يەنيىڭ كوللېكتىپ ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ ئۇرۇقلۇق رەتلەپ، تىۋىتىنى ئايرىپ، يېڭى بىر پەسىللىك كېۋەز تېرىش، سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

«ئەتىيازدا يەر تېرىلىدۇ، كۈزدە ھوسۇل يىغىلىدۇ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە ئالدىراش بولۇنىدۇ، ئېتىز بېشىدىن تەجرىبىخانىغىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىكى مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ كېۋىزى يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر.» چۈ يەنيىڭ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل كېۋەز ئۆسۈش پەسلىدە، كوللېكتىپتىكىلەر ئېتىز ـ ئېرىقلارغا بېرىپ ـ كېلىپ ماتېرىيال توپلاپ، پاختىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى ۋە ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقىنى باھالايدۇ، قىشتا يەنە سەنياغا بېرىپ ئۆسۈش دەۋرىيلىكىنى كۆپەيتىپ تاللاپ سورت يېتىشتۈرىدۇ».

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، ئاساسلىقى قۇرۇقلۇق كېۋىزى ۋە ئارال كېۋىزى تېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %98 تىن كۆپرەكى قۇرۇقلۇق كېۋىزى بولۇپ، «ئارال كېۋىزى پەقەت %2نى ئىگىلەيدۇ. ئارال كېۋىزى بىز دائىم دەيدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختا بولۇپ، ئۇنىڭ ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك، تالاسى ئىنچىكە، ئۇزۇن، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى، پارقىراقلىقى ياخشى بولۇپ، توقۇمىچىلىق تالاسىنىڭ ئەڭ ئېسىل ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.» كوللېكتىپ ئەزاسى نى جىيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئارال كېۋىزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېرىلغۇ كۆلىمى كىچىك بولغاچقا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېتىلمىغان پاختىدا ھەمىشە ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراتماقتا.

ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى كېۋەز سورتىنى قانداق يېتىشتۈرۈش جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى، بۇ يەنە چۈ يەنيىڭ كوللېكتىپىنىڭ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ كۈرەش قىلىشىدىكى نىشانى.

«بىز گېن گۇرۇپپىسى بىلەن كۆچۈرۈپ خاتىرىلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆلچەش تەرتىپى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پاختا تالاسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئىرسىيەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندۇق.» چۈ يەنيىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئارال كېۋىزى تالاسىنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەلا گېننى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كوللېكتىپىمىز كېۋەزنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە مولېكۇلالىق بەلگىنى قوشۇمچە ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق تاللاپ سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى خىزمىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان تۇپراق تاياقچە باكتېرىيەسى ۋاسىتىلىك ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئارال كېۋىزىنىڭ ھاشاراتقا تاقابىل تۇرۇش گېنىنى يۆتكەپ، بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئارال كېۋىزىنىڭ گېنىنى قۇرۇقلۇق كېۋىزىگە يۆتكەپ، قۇرۇقلۇق كېۋىزىنىڭ سورتىنى ياخشىلاپ، تالا سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، مولېكۇلالىق سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئادەتتىكى سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ كوللېكتىپ پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، كۆپ جەھەتتە چىدامچانلىققا ئىگە بولۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سورتنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇرۇقلۇق كېۋىزىنىڭ يېڭى سورت (سىستېما) ىنى يېتىشتۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

نۆۋەتتە، بۇ كوللېكتىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان قۇرۇقلۇق كېۋىزىنىڭ يېڭى سورتى شىننۇڭدا كېۋىزى 1 ـ نومۇر، شىننۇڭدا كېۋىزى 4 ـ نومۇر ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى ۋە پاختىكارلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شىنجاڭ بويىچە كېڭەيتىلگەن كۆلەم 5 مىليون مودىن ئېشىپ، 150 مىليون يۈەن ئەتراپىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىننۇڭدا كېۋىزى 1 ـ نومۇر %30تىن كۆپرەك سۇ تېجەيدىغان بولۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

پۈتۈن يەر شارى پاختىچىلىقىدا جۇڭگوغا قاراش، جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا قاراش كېرەك. پاختىچىلىق كەسپى شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى تۈۋرۈكلۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى كېۋەز تەتقىقاتى، يېڭى سورت يېتىشتۈرۈشتە بولسۇن ياكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىدە نۇرغۇن پەن تەتقىقات ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

2005 ـ يىلىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىككى ئادەمدىن ھازىرقى ئون نەچچە ئوقۇتقۇچى، دوكتور ئاسپىرانت، ماگىستىر ئاسپىرانتتىن تەشكىللەنگەن پەن تەتقىقات كوللېكتىپىغىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى دېھقانچىلىق شۆيۈەنىنىڭ كېۋەز يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، نۇرغۇن تەتقىقات يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈردى. كېۋەز ئۇرۇقى پىلازمىسى بايلىقىدىن جەمئىي 1300 نۇسخىدىن ئارتۇق (قۇرۇقلۇق كېۋىزىدىن 800 دىن ئارتۇق، ئارال كېۋىزىدىن 500دىن ئارتۇق)نى تېرىپ، ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىپادىسى ئەلا بولغان يەتتە سورتنى يېتىشتۈردى، بىخ ھالىتىدىكى 300 نەچچە ئارىلىق ماتېرىيال ۋە يېرىم تەييار ماتېرىيالنى يېتىشتۈرۈپ، كېۋەز ئۇرۇق پىلازمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇللۇق كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

«80 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار»نى ئاساس قىلغان بۇ ياش كوللېكتىپ پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە تۇرماقتا. يېقىنقى بەش يىلدا، بۇ كوللېكتىپ مائارىپ مىنىستىرلىقى كېۋەز قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى كېۋەز بويىچە ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى سۇپىسى ۋە شىنجاڭ زىرائەت ئىرسىيىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۇرۇق پىلازمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى پەن تەتقىقات تۈرىدىن 30 نەچچىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

«شىنجاڭنىڭ كېۋەز ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە، بىز مەكتەپنىڭ زامانىۋى پاختىچىلىق كەسپى شۆيۈەنىگە تايىنىپ، ھۆكۈمەت ـ ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ـ ئەمەلىي قوللىنىشتىن ئىبارەت كۆپ مەنبەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كېۋەز پەن تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈۋاتىمىز.» چۈ يەنيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كوللېكتىپىمىز يەنە پەن تەتقىقات يۇرتى ـ ئورنى، كارخانىلار بىلەن بولغان چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كېۋەز يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، شىنجاڭدا كېۋەز تەتقىقاتى كۈچلۈك رايونى بىلەن كېۋەز تېرىش چوڭ رايونىنى ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.