تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل گېننى قان تومۇرغا سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىش كېرەك

ما شىڭرۇي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلىدى ھەم ئېكسكۇرسىيەدە ۋە ئۆگىنىشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قىزىل گېننى قان تومۇرغا سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى

4-ئاينىڭ 5-كۈنى چىڭمىڭ بايرىمى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ئارمىيە تارىخى سارىيىغا كېلىپ تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى.

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 5-كۈنى چىڭمىڭ بايرىمى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىغا كېلىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل قىزىل ئارمىيە شىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى. بۇ، ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى قۇرغان قىزىل ئارمىيە قىسمى بولۇپ، ئىنتايىن چوڭقۇر قىزىل گېن ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئارمىيە تارىخى سارىيىغا كىرىپ، قىسىمنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش مۇساپىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر پارچە سۈرەت ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ، تەپسىلىي سوراپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ قان كېچىپ جەڭ قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ جان پىدا قىلغانلىقى، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە قىزىل گېننى چوڭقۇر ئۆگەندى، چۈشەندى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، كوممۇنىستلار ھەر ۋاقىت ھايات-ماماتلىق سىناققا دۇچ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، ئىنقىلابنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىغا تىرەك بولغىنى مۇستەھكەم غايە-ئېتىقادتىن ئىبارەت. ھەر قېتىم ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئىدىيەمىز تاۋلىنىپ، قەلبىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قىزىل ئارمىيە شىسى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋە قىزىل گېنغا ئىگە، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك قەھرىمان قىسىم بولۇپ، كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ، بىزنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. شى جۇشىنىڭ غەمخورلۇقى، تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قىزىل گېننى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ قان تومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار كۈرەش قىلغان، قۇربان بەرگەن ئۇلۇغ ئىشلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

رەئىس ھېكايىسى باغچىسىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار سۈرەتلىك، يېزىقلىق تونۇشتۇرۇشلارنى كۆرۈپ، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، ھەر مىللەت ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ما شىڭرۇي ھەر مىللەت ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىنى قەتئىي قوغداپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، بۇرچنى ئادا قىلىشتىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوللايدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىگە قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن ياڭ چېڭ، قادېن كەبىن، ما باۋچۇەن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.