تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىشتىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىگە يۈزلىنىش

− ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنات - سودا سىستېمىسى ئوبوروت، تەمىنلەش ئاساسىي يولىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا كۈچ قوشتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويا

تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئوبوروتى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئاساسىي يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىستېمىسى بالدۇر پىلانلاپ، خىمىيەۋى ئوغۇت بازىرىنىڭ بازار ئەھۋالى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بويىچە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش - ئېھتىياج ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تىجارىتى تورىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، يۆتكەش - توشۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى مال مەنبەسىنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەمىنات - سودا سىستېمىسى ھەرقايسى جايلارنى جەمئىي 905 مىڭ 800 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 6500 توننا سولياۋ يوپۇق، 1936 توننا دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن تەمىنلىگەن.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى تەۋەلىك رايونىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى گۇرۇھى شىمالىي ۋوگزال ئامباردا ساقلاش شۆبە شىركىتىدە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى يىغىلىش - تارقىلىش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئامبار رايونىنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن لىق تولغانلىقىنى، ئامبار رايونى يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بوش يەرگە بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى ماللارنىڭ رەتلىك تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى. ئامبار رايونىدا يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى كەينى - كەينىدىن كىرىپ - چىقىپ تۇراتتى، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى يۆتكەش - توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ جىددىي توشۇۋاتاتتى.

«1 - ئايدىن باشلاپ، بۇ يەردىن ئۆتكۈزۈلگەن مال جەمئىي 40 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يەتتى، نۆۋەتتە ئامبار قالدۇقى 30 مىڭ توننا بولۇپ، ھەر كۈنى كىرىپ چىقىدىغان مال مىقدارى 1200 توننا ئەتراپىدا» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى گۇرۇھى شىمالىي ۋوگزال ئامباردا ساقلاش شۆبە شىركىتى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى خەي.

ئەتىيازدا تېرىلىدىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، نۆۋەتتە مال مەيدانىدا زاپاس ساقلانغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئاساسلىقى ئورىيا ۋە فوسفورلۇق ئوغۇت، كالىيلىق ئوغۇتنى ئاساس قىلىدۇ. «ھازىر يۈك مەيدانىنىڭ زاپاس ساقلاش مىقدارى تويۇنۇپ قالايلا دېدى، ئوبوروت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىز ھەر كۈنى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كىرگۈزۈش - چىقىرىش مەيدانىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى لى خەي.

خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مايتاغ نېفىت خىمىيەسى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى ئورىيا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1 - ئايدىن باشلاپلا خىمىيەۋى ئوغۇت قۇرۇلمىسىنى تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى، ئالتە ئوراش - قاچىلاش لىنىيەسى ھەر كۈنى 50 كىلوگىراملىق 60 مىڭ خالتىغا يېقىن چوڭ دانىچىلىق ئورىيا تەييار مەھسۇلاتىنى ئوراپ قاچىلايدۇ.

مايتاغ نېفىت خىمىيەسى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى ئورىيا ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى تېڭ ۋېيشىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىز 790 مىڭ توننا ئورىيا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى، نۆۋەتتە كارخانىمىز كۈنىگە 2650 توننا ئەتراپىدا ئورىيا ئىشلەپچىقىرىپ، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە يەتكۈزدى. 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ شىركەت بازارغا 200 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئورىيا سالدى.

«تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش» ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر تەرەپتىن سىستېما ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ يىغىش، بىۋاسىتە سېتىۋېلىش، مەركەزلىك يىغىش، بۆلۈپ سېتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئوبوروت ھالقىسىنى ئازايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىستېما ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەش، ئالدىن مال كىرگۈزۈش، بىر تەرەپتىن كىرگۈزۈش، بىر تەرەپتىن سېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېتىۋېلىش - سېتىش باھا پەرقىنى تۆۋەنلىتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كونترول قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تىجارەت تور نۇقتىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاز پايدا ئېلىپ سېتىشتا چىڭ تۇردى، بولۇپمۇ بۇ يىل كالىيلىق ئوغۇت بايلىقى قىس بولۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى گۇرۇھى كالىي سۇلفاتنىڭ ھەر توننىسىنى بازار باھاسىدىن 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە تۆۋەن باھادا سېتىپ، كالىيلىق ئوغۇتنىڭ بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇردى.

ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنات - سودا سىستېمىسىغا كىرىشىنى قەتئىي توسۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ «كىرىش ئېغىزى»نى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، بارلىق خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، ئۇرۇق ئورۇسىغا سۈرۈشتۈرۈش ئىككىلىك كودىنى بېسىپ، «بىر خالتىغا بىر كود، بىر بوتۇلكىغا بىر كود» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «مەھسۇلاتنى پەرقلەندۈرگىلى بولۇش، ھالىتىنى خاتىرىلىگىلى بولۇش، ئۇچۇرنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش، قەيەردىلىكىنى ئىز قوغلىغىلى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى ئىنچىكە، جايىدا بولدى

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەمىنات - سودا سىستېمىسى سىستېمىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى ۋە تىجارەت تور نۇقتىلىرىنى مالنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، مۇلازىمەتنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈشكە يېتەكلىدى، نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام تەمىنات - سودا تور نۇقتىلىرى تېلېفون ۋە توردا ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى.

سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرى داشىچۈ كەنتىدىكى دېھقان شا يۈلىن ئائىلىسىنىڭ 200 مو يېرى بار بولۇپ، بۇ يىل كېۋەز ۋە قوناق تېرىدى. «بۇ ئون نەچچە يىلدا مەن بازارلىق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالدىم، سۈپىتى ئىشەنچلىك. بۇ بىرنەچچە كۈندە مەن بېرىپ كۆرۈپ كەلمەكچى، ئۇلار تەۋسىيە قىلغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ياقتۇرسام، بىۋاسىتە ئېتىزغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ» دېدى شا يۈلىن.

ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى كېۋەز يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى جۇ يوۋجى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەمىنات - سودا سىستېمىسى ناھىيە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئوبوروت تورى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، سېتىش يوللىرىنى يېزىلارغا كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئوبوروت تورى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، دېھقانلار تېلېفوندا مەسلىھەت سوراش، تەدبىر سوراش ئارقىلىق، يان تېلېفوندا توردا زاكاز قىلىش، تور سىرتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەمىنات - سودا سىستېمىسى سىستېمىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى سودىگەرلىرىدىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سودىگەرلىرىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق شىنجاڭ نۇڭجيالې يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى دېيىلىدۇ) قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتى بىلەن تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئېتىز ئارىسىدىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشكە تەشكىللەپ، مايسا ئەھۋالى، نەملىك ئەھۋالى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي ئەتراپىدا، دېھقان خې يۇڭشياڭ ھۆددە ئالغان 1400 مو يېرىگە بۇ يىل ياڭيۇ، يەم - خەشەك قونىقى قاتارلىقلارنى تېرىدى، «تېرىقچىلىق مەزگىلىدە، قانداق مەسىلە بولسا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى خادىملىرى چاقىرغان ھامان دەرھال كېلىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ» دېدى خې يۇڭشياڭ.

خې يۇڭشياڭ ئېيتقان چاقىرغان ھامان دەرھال كېلىش مۇلازىمىتى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى تەمىنلىگەن يەرنى يېرىم ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بولۇپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكىسى يېتەكچىلىكى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى بويىچە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئىلمىي ئىشلىتىش قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشتا يولۇقىدىغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشمۇ ئوخشاشلا قىزىپ كەتتى. 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى ماناس ناھىيەسىنىڭ ليۇخۇدى بازىرى قاتارلىق ئۈچ يېزا - بازاردا «ئەتىيازلىق پەن - تېخنىكا» يېزا ئىگىلىك تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، شۇ جايدىكى 140 ئوتتۇرا، ئۇششاق دېھقان ئائىلىسى تەربىيەلىنىشكە قاتناشتى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى گۇرۇھى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سەي شىشۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتىنىڭ ھەرقايسى سېتىش چوڭ رايونلىرىدا «قىشلىق پەن - تېخنىكا» «ئەتىيازلىق پەن - تېخنىكا» بويىچە تور سىرتىدا تەربىيەلەش جەمئىي 19 مەيدان قېتىم قانات يايدۇرۇلدى، مەزمۇنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ راست - يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش، زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، ھاشارات، ئوت - چۆپ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنى قاپلاش ئۈچۈن، 1 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى تېڭشۈن يىغىنى، ۋىيشىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «نۇڭجيالې چوڭ دەرسخانىسى» بويىچە توردا ئون قېتىم تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قاتناشقانلار 1000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى مەھسۇلاتلىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭ جانلاندى

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھىرى داشىچۈ بازارلىق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش زالىغا تەركىبىدە چىرىندى كىسلاتاسى بولغان ئورىيا، كۆپ مىقدارلىق ئېلېمېنتلىق سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت، بىيو باكتېرىيەلىك دورا قاتارلىق يېشىل، مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان بىيو ئوغۇتلار ۋە تۈرلۈك خىمىيەۋى ئوغۇتلار لىققىدە تىزىلغان بولۇپ، بازارلىق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى ياڭ فۇبىن دېھقانلارغا يېشىل يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى: «تەركىبىدە دېڭىز يۈسۈنى بولغان بۇ ئورىيانى بىزنىڭ يەرلىك كارخانىلىرىمىز قاتنىشىپ ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، ئىشلەتكەن دېھقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن، دەپ ئىنكاس قىلىشتى، بۇ يىلدىن باشلاپ كۆپ مىقداردا بازارغا سالىمىز».

ياڭ فۇبىن تونۇشتۇرغان مەھسۇلاتنى سانجى ئوبلاستى چاڭنۇڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى قاتنىشىپ ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، ئۇ، چوڭقۇر دېڭىزدىكى ياۋا دېڭىز يۈسۈنىنىڭ جانلىق مولېكۇلاسىنى ئايرىپ ئېلىش ھەم كۆپ خىل ئوتتۇراھال، مىكرو ئېلېمېنتلارنى خىلىتلاش، قوشۇش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان ئىقتىدار تىپىدىكى قوشۇلما قىممەت ئورىياسى.

بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى چاڭ شەنۋۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىركىتىمىز ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىپ، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدەندى. تەركىبىدە دېڭىز يۈسۈنى كىسلاتاسى بولغان ئورىيا زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، سۇ تېجەپ ئوزۇقلۇقنى ساقلايدۇ، ئۇ يېشىل بولۇش، مۇھىتنى بۇلغىماسلىقتەك ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.

دېھقان خې يۇڭشياڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېشىل ئوغۇت ئىشلىتىش خېلى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. «ئىلگىرى خىمىيەۋى ئوغۇتنى كۆپ ئىشلىتەتتۇق، نۇرغۇن جايدا ئازوتلۇق ئوغۇت زىيادە ئىشلىتىلگەنلىكتىن، تۇپراقنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەكسىچە مەھسۇلات مىقدارىغا تەسىر يەتتى. ھازىر يەرگە قانداق ئوغۇت كەمچىل بولسا، شۇنداق ئوغۇت بېرىلىدۇ، بۇلتۇر تۇپراقنى رېتسېپلىق ئوغۇتلاش تەكلىپىگە ئاساسەن، ھەرمو يەرگە بىرنەچچە كىلوگىرام ئوغۇت ئاز بېرىلدى، يېشىل، سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلدى. مۇشۇنداق قىلىپ، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارى ئازايتىلغان بولسىمۇ، بىراق مەھسۇلات مىقدارى ئازايمىدى» دېدى خې يۇڭشياڭ.

دۆلىتىمىز يولغا قويغان خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەمىنات - سودا سىستېمىسى يېشىل يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش يېڭى ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقانلارنى يېشىل، مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان بىيو ئوغۇت، باكتېرىيەلىك ئوغۇت ۋە ئىقتىدارلىق ئوغۇت ئىشلىتىشكە يېتەكلىگەندىن باشقا يەنە، ھەرقايسى جايلاردا دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت مەركىزىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، يېشىل ئورگانىك ئوغۇت، مىكرو بىيو ئوغۇت، ئىقتىدارلىق ئوغۇت سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى تەسىس قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم تونۇشتۇرۇش يىغىنى، كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەردە، سىناق قىلىش نەتىجىسى ئارقىلىق يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.