تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئائىت خۇلاسە دوكلاتىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەر يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئائىت خۇلاسە دوكلاتىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەر يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى​

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ھەم 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما يىغىنىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئائىت خۇلاسە دوكلاتىدىكى تەلەپلەر قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىشنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش بويىچە ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپلىگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئاشتى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق بولۇش، چىڭ بولۇش، پۇختا بولۇش، ئىنچىكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا، قەتئىي، كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ، يامراپ كېتىشىنى توسۇپ، كۆلەملىك قايتا كۆرۈلۈش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك. قىسمەن دائىرىلىك يۇقۇم ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېزدىن خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوزغىتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكنى تەكشۈرۈش بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرىكەت ئىزىنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ، مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈپ تەھلىل قىلىشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، رايونلار ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى تېز يەتكۈزۈپ، مۇۋاپىق تۈردە دائىرىنى كېڭەيتىپ، قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە رايونلاردا خېسۇەن تەكشۈرۈشنى تېز، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېپىق ھالەتتىكى تىزگىنلەش رايونى، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش رايونى، ئالدىنى ئېلىش رايونىنى دەل جايىدا ئايرىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ۋە رايونلارغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي قۇتقۇزۇش، داۋالاش خىزمىتىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش، داۋالىنىش قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يەرلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك، ياخشى تۇتۇپ، پورت، چېگرا رايونلىرىدا يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، سوغۇق ساقلاش زەنجىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان ۋاكسىنا ئەملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى ئومۇميۈزلۈك زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك. «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، زىچ ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پولات ئىستىھكامىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، يوقىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، سانائەت ساھەسىدىكى يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە رەقەملەشتۈرۈپ تىپنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋىلاشقان سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە ھازىرقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى مەنبەدىن ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كان، قاتناش - تىرانسپورت، ئوت ئۆچۈرۈش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىنى توق قىلىش، خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.