3-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىشچىلار ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)غا جايلاشقان لېتيەن سانائەت بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى تۈرى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى لېتيەن سانائەت بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى تۈرىدە 2020-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل 9-ئايدا پۈتۈنلەي تاماملىنىدىكەن. بۇ بازا مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش-لايىھەلەش، كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كەسىپ بازىسى بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.