تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

− 2022 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا بېرىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ

ۋەكىللەر:

ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن. قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. 2021 - يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە نەزەر

ئۆتكەن بىر يىل پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 3 - قېتىملىق تارىخىي قارارىنى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت، كۆپلىگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى بىرقەدەر ياخشى ئورۇنداپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

− ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىدۇق. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 114 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.1 ئاشتى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى 20 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، %10.7 ئاشتى. شەھەر - بازارلاردا 12 مىليون 690 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.1 بولدى. ئاھالە ئىستېمال باھاسى %0.9 ئۆرلىدى. خەلقئارا كىرىم - چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتى.

− يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى تېز زورايدى. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، مارس تەكشۈرۈش، بايلىق چارلاش، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتى %15.5 ئاشۇرۇلدى. رەقەم تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد تېز يۇغۇرۇلدى.

− ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ۋە رايونلارنىڭ جايلىشىشى داۋاملىق ئەلالاشتى. ئاشلىق مەھسۇلاتى 1 تىرىليون 370 مىليارد جىڭغا يېتىپ، تارىختا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %18.2 ئاشتى، ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكى بىرقەدەر تېز راۋاجلاندى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچەيدى. رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلدى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى.

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بىر تۈركۈم زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. «ھوقۇق بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 150 مىليوندىن ئاشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ئىشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %21.4 ئاشتى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغنىڭ ئېشىش ھالىتى ساقلاپ قېلىندى.

− ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلدى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە ئۇششاق دانچىلەر(PM2.5) نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %9.1 تۆۋەنلىدى. 1 - تۈركۈم دۆلەت باغچىلىرى رەسمىي تەسىس قىلىندى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

− خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلدى. ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئەمەلىي ئېشىشى%8.1كە يەتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى. ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈشى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارنىڭ كاپالەت سالمىقى ئاشۇرۇلدى. مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى. شەھەر - بازارلاردىكى 56 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، ئاز كەم 10 مىليون ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

− يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملەندى. دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ قاپلاش نىسبىتى %85تىن ئاشتى، قىسمەن رايونلاردىكى توپلىنىشتىن كېلىپ چىققان يۇقۇم ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىپ، خەلقنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، نورمال ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش تەرتىپى قوغدالدى.

ئۆتكەن بىر يىلغا نەزەر سالساق، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى تولىمۇ ئاسانغا توختىمىدى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ھېلىمۇ تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن يۇقۇم قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق زەربىسىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش، راۋاجلىنىش جەريانىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتتە يەنە بىرمۇنچە يېڭى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاش قىيىنلىشىپ كەتتى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ماكرو سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەش ۋە تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشكە ئېتىبار بېرىپ، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

بىرىنچى، ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ماكرو سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەش ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قارىتىلغان زۆرۈر قوللاش سالمىقىنى ساقلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سىياسەت ئىمكانىيىتى قالدۇرۇشنىمۇ نەزەردە تۇتتۇق. مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنىڭ دائىملىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەركەز مالىيەسىدىن 2 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن مەبلەغنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئەلالاشتۇردۇق. پۇختا پۇل سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويدۇق، تەييارلىق فوند نىسبىتىنى ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىپ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى ۋەقەلىرىنى پۇختا بىر تەرەپ قىلدۇق. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتتۇق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىدۇق، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش - ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئىشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى كۈچەيتتۇق، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتى جىددىي بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق. پۈتۈن بىر يىللىق ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاساسلىق ماكرو ئىگىلىك كۆرسەتكۈچى كۆزلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، مالىيە قىزىل رەقەم نىسبىتى ۋە ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى تۆۋەنلىدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.

ئىككىنچى، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق. 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار ئاساسىي گەۋدىسىگە نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى يۈكلەنگەن، يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان مەدەت بېرىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى ماكرو سىياسەت جەھەتتە داۋاملاشتۇردۇق. بۇلتۇر يېڭىدىن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭدىن باشقا، ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى باج ۋە ھەقنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېچىكىپ تاپشۇرۇش چارىسىنى يولغا قويدۇق. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش − كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنىڭ بىۋاسىتە، ئۈنۈملۈك چارىسى، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ «سۇنى كۆپەيتىپ بېلىق بېقىش»، باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش ھېسابلىنىدۇ، 2013 - يىلىدىن بۇيان باجغا چېتىشلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ بۇلتۇر تاپشۇرغان بېجى 4 تىرىليون 760 مىليارد يۈەنگە يەتتى. تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە، دېڭىز قاتنىشى، پورت قاتارلىقلارنىڭ تىرانسپورت كاپالىتىنى كۈچەيتتۇق. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان ساھە كارخانىلىرىغا ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرزىنىڭ ئۆسۈمى ۋە دىرىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئىناۋەتلىك قەرز ئارقىلىق قوللاش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلدۇق، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش يۈزىسىدىن بەرگەن قەرز پۇلى %27.3 ئاشتى، چوڭ سودا بانكىلىرىنىڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش يۈزىسىدىن بەرگەن قەرز پۇلنىڭ كۆپىيىش ھەجمى %40تىن ئاشتى، كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىدى.

ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. بازار سىستېمىسىنىڭ ئۇللۇق تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئالغا سىلجىتتۇق. كارخانىلارغا چېتىشلىق تەستىق رەسمىيەتلىرى ۋە ئىش بېجىرىش سۈرۈكىنى داۋاملىق قىسقارتتۇق، تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ بىر توردىلا بېجىرىلىدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. جايلارنىڭ بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتتۇق، تىجارەت - سودا مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىنىقىنى قانات يايدۇردۇق. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتۇق، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇپ ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادىل رىقابەتنى قوغدىدۇق. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەردۇق. ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى ئاساسەن تاماملىدۇق. بېيجىڭ ئاكسىيە سودا ئورنى ۋە گۇاڭجوۋ زاكاز مال سودىسى ئورنىنى تەسىس قىلدۇق. يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. تاشقى سودىنى ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، ئىمپورت يەرمەنكىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستېمال يەرمەنكىسى قاتارلىق چوڭ - چوڭ يەرمەنكىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. مۇلازىمەتچىلىك بويىچە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسىدىن يەنە تۆتنى كۆپەيتتۇق، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى ئېچىۋېتىشكە دائىر يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇردۇق. دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈردۇق، ۋاسىتىلىك خىراجەتنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، پەن تەتقىقاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتتۇق. تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدۇق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق. نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدۇق.

بەشىنچى، شەھەر، يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ جايلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردۇق. رايونلار زور ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى قوللاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم زور تۈرلەرنى يولغا قويدۇق. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارغا بىر قېتىملىق 20 مىليارد يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردۇق. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دۆلەت نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولىدىغان 160 ناھىيەنى بەلگىلىدۇق. يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ياخشىلاشنىڭ بەش يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق.

ئالتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق. خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، چارۋا - قۇش باقمىچىلىقىدىكى تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولدۇق. ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى 10 يىل مەنئى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك تارقىتىدىغان گېنېراتورلار كۆلىمىنىڭ سىغىمى 1 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشتى. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەملىكەت بويىچە كاربون چىقىرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنى ئاچتۇق. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇردۇق.

يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردۇق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، 37 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق سېلىقى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش سېلىقىنى يەڭگىللەتتۇق. كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 3 يىللىق ھەرىكەت نىشانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق. دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ كىشى بېشىغا ھەر يىلى بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى 4000 يۈەن كۆپەيتىپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 5 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدۇق. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلىنى ئۆستۈردۇق. نەپىقە ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق. تۆۋەن كاپالەت گىردابىدىكى ئائىلىلەردىكى ئېغىر كېسەللەر ۋە ئېغىر مېيىپلەرنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا يار - يۆلەك بولۇش ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلدۇق. تېخىمۇ كۆپلىگەن دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل ۋە سوزۇلما كېسەل قاتارلىقلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، بالنېستتا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى %60كە يەتكۈزدۇق. دورا، ۋاكسىنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتتۇق. ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق. ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتۇق. كاپالەتلىك ئىجارە ئۆينى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈردۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويدۇق. ياخشى تور ئېكولوگىيەسىنى ياراتتۇق. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ ئەلا نەتىجە ياراتتى. كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئاددىي، بىخەتەر، سەرخىل بولغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، يېقىندا ئېچىلغان قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىمۇ جەزمەن ياخشى ئۆتكۈزەلەيمىز.

سەككىزىنچى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. 10 پارچە قانۇن تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، 15 مەمۇرىي نىزامنى تۈزدۇق ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. گوۋۇيۈەننىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشىنى داۋاملىق قانات يايدۇردۇق، «ئالاقە تورى+نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش»نى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. شەھەر - يېزىلاردا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىشىدا يېڭىلىق ياراتتۇق. ئەرزىيەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلدۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە - كونترول سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش دائىملىق كۈرىشىنى قانات يايدۇردۇق، تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلەرگە مەركەزلىك زەربە بەردۇق ۋە ئۇنى تۈزىدۇق. بۇلتۇر بەزى رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدە كەلكۈن، ھۆلچىلىك قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بەرگەندە ھەرقايسى تەرەپلەر ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇردۇق ۋە ئەمەلىيلەشتۈردۇق. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردۇق. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتتۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى ئۇزاققىچە بوشاشماي تۈزەتتۇق، ئاساسىي قاتلامنىڭ سېلىقىنى يەنىمۇ يەڭگىللەتتۇق.

جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سىنلىق كۆرۈشۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۆھبەتلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنى، ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. كۆپ قېتىم ئاساسىي سەھنىلىك مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇردۇق، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشتۇق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتتۇق، دۇنياۋى مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇردۇق. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

ۋەكىللەر!

ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتىسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمىز دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇم ھېلىھەم داۋام قىلماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتەرلىك ئەمەس، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى يۇقىرى نۇقتىدا داۋالغۇماقتا، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىش، كەسكىنلىشىش ۋە ئېنىقسىز بولۇشقا يۈزلەنمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېھتىياج ئازىيىش، تەمىنات زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىمغا دۇچ كەلدى. قىسمەن جايلاردا يۇقۇم پات - پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئىستېمال ۋە سېلىنمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستىلاپ كەتتى، ئېكسپورتنى مۇقىملاشتۇرۇش قىيىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئېنېرگىيە، خام ئەشيا تەمىناتى ھېلىھەم سەل قىس بولماقتا، يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى ئېغىرلىشىپ كەتتى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى قىيىن بولۇۋاتىدۇ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىپ كەتتى. ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس. بەزى جايلاردا مالىيە كىرىم - چىقىم زىددىيىتى كۈچىيىپ كەتتى، ئىقتساد - پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە خەۋپ - خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپ بىرقەدەر كۆپ. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەنە بىر مۇنچە كەمتۈكلۈك بار. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھېلىھەم گەۋدىلىك بولماقتا، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغان، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار پات - پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بەزى جايلار سىياسەتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئاز ساندىكى كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالمايۋاتىدۇ، قىلىدىغاننى قىلمايۋاتىدۇ، قالايمىقان ئىش قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرگە ئېتىبارسىز قاراۋاتىدۇ، خىزمەتتە ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ. بەزى ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىلىرى ھېلىھەم كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىز كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىگە، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك!

2. 2022 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ماكرو ئىگىلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي دائىرىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتكە ھەر تەرەپلىمە ھۆكۈم قىلىدىغان بولساق، بۇ يىل دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس روشەن كۆپىيىدۇ، شۇڭا داۋان ئېشىپ، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشىمىز شەرت. قىيىنچىلىق قانچىكى ئېغىر بولغانسېرى ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىپ بارىدىغان ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرگىنى يوق، تەرەققىياتنى سىجىل داۋام قىلدۇرۇشتا كۆپ تەرەپلىك پايدىلىق شارائىت بار، بولۇپمۇ 100 مىليونلىغان خەلقتە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان كۈچلۈك ئارزۇ، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىدىغان غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدار، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىللە يېڭىدىغان كۈچلۈك ئىرادە بار، بىز زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا مول تەجرىبىلەرنىمۇ توپلىدۇق. جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى چېكىنىش بېسىمىغا جەزمەن تاقابىل تۇرالايدۇ، مۇقەررەر ھالدا پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.

بۇ يىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى پۈتۈن بىر يىلدا %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىش ھەجمى %3 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالە كىرىمى بىلەن ئىقتىسادنى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ ئاشلىق مەھسۇلاتىدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش؛ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى نىشانىنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى ئىچىدە بىرتۇتاش سىناش ھەمدە مۇۋاپىق ئېلاستكىلىققا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزمەسلىك.

ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆزلىمە نىشانىنى بەلگىلەشتە، ئاساسلىقى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجى نەزەرگە ئېلىندى ھەمدە ئىقتىسادنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى ۋە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - تەلەپلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلدى. بۇ ئېشىش يۇقىرى تۈپ سان ئاساسىدىكى ئوتتۇرا - يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، بۇنى جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ماكرو سىياسەتتە پۇختا، ئۈنۈملۈك بولۇش، مىكرو سىياسەتتە بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش، قۇرۇلما سىياسىتىدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكا سىياسىتىدە پۇختا قەدەم بىلەن نەق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، رايونلار سىياسىتىدە تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي سىياسەتتە خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، پۇختىلاش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ زور سىياسەت ۋە تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك.

ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم. پۇختا پۇل سىياسىتىنى جانلىق، مۇۋاپىق قىلىپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. سىياسەتنىڭ كۈچىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىغا سۈرۈپ، زاپاس سىياسەت قورالىنى ۋاقتىدا ئىشقا سېلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ئېغىزى شەھەرلىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ۋە ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يېڭىچە ۋاكسىنا ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزىگە خاس رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قىسمەن دائىرىدە كۆرۈلگەن يۇقۇمنى ئىلمىي، دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ساقلاش لازىم.

بۇ يىلقى خىزمەتلەردە مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىساد چېكىنىشنىڭ يېڭى بېسىمى ئالدىدا، مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم. جايلار ۋە تارماقلار ئىگىلىكنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئۈستىگە ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. مۇقىم ئاشۇرۇشنى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ۋە ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش كېرەك، يىرىك تەرەققىيات يولىنى تۇتماسلىق لازىم. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزدەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىمىزغا قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ۋە ئاممىنىڭ تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىش قىلىش - ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىشىمىز كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش چارىلىرىنى تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم.

3. 2022 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر

بۇ يىل ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ۋەزىپە ئېغىر، خىرىس كۆپ. شۇڭا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

(1) ماكرو ئىقتىسادتىن ئىبارەت چوڭ دائىرىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاش. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. ماكرو سىياسەتتە ئىمكانىيەت ۋە ۋاسىتە بولۇش، دەۋرىيلىك ھالقىغان تەڭشەش ۋە تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. بۇ يىل قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.8 ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن بىر ئاز تۆۋەنلىتىلىدۇ، بۇنداق قىلىش مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. مۆلچەرىمىزچە بۇ يىل مالىيە كىرىمى داۋاملىق ئاشىدۇ، بۇنىڭغا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە تاپشۇرغان پايدىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى قالدۇقىنى، يۆتكەلگەن خامچوتنى تۇراقلاشتۇرۇش - تەڭشەش فوندى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، چىقىم كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك كېڭىيىدۇ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان مالىيە كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە كۈچى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، ئاساسلىقى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىل مەركەزنىڭ چىقىمى %3.9 ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز تارماقلىرىنىڭ چىقىمى داۋاملىق مەنپىي ئاشىدۇ. مەركەزنىڭ جايلارغا بېرىدىغان يۆتكىمە چىقىمى تەخمىنەن 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىپ، كۆلىمى ئاز كەم 9 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %18 ئاشتى، بۇ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ زور ئېشىش ھەجىمى ھېسابلىنىدۇ. مەركەز مالىيەسىدە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ بىۋاسىتە يەتكۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەمۇ شەھەر، ناھىيەلەرنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كارخانىلارغا ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى شەرت.

ھۆكۈمەتنىڭ سېلىنما مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز. بۇ يىل يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى 3 تىرىليون 650 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۈنۈم يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، «مەبلەغ ۋە ئامىلنى تۈرگە ئەگەشتۈرۈش» ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلىتىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىمىز، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلەرنىڭ داۋاملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، شارائىتى ھازىرلانغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلار، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كونا ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلايمىز. ئەلئارا سېلىنما مەبلەغ سېلىنمىسىدا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، مۇھىم تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش رولى ۋە ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلئارا مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

ھۆكۈمەت غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېجەلگەن مەبلەغنى خەلقنى بېيىتىشقا ئىشلىتىشكە تېخىمۇ تىرىشىشى كېرەك. چىقىم قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق چىقىملارغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەتتىكى چىقىملارنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز. مالىيە زاپاس مەبلىغىنى ۋە بىكار تۇرۇۋاتقان مۈلۈكنى جانلاندۇرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، تىرىشچان - ئىقتىسادچىل بولۇشى، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باشلامچى بولۇشى شەرت. كىرىم - چىقىمنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، بۇزۇپ - چېچىپ ئىسراپ قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى يېڭىدىن سېلىشقا، ئوبراز قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ، مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ھۆكۈمەت پۇلىنى خالىغانچە بۇزۇپ - چاچقانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئېغىر بىر تەرەپ قىلىش، قىممەتلىك مەبلەغنى چوقۇم تەرەققىياتتىكى مۇھىم نۇقتىغا، خەلق تۇرمۇشىدىكى جىددىي ئىشلارغا ئىشلىتىش كېرەك.

پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت قوش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەدەتكە ئىگە قىلىمىز. يېڭىدىن كۆپىيىدىغان قەرز پۇل كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇل تەمىنات مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ نامىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس بولۇشىنى ساقلاپ، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايمىز. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايمىز. پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆتۈشمە مېخانىزمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، مەبلەغنى كۆپرەك نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا يۈزلىنىشكە يېتەكلەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى، ئالىدىغان ھەقنى ئازايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ قولايلاشقانلىقىنى، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ ھەقىقىي تۆۋەنلىگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىمىز. مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە سىياسەتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەخسۇس سىياسەتلەرنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەشكە قويۇلغان نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى قەتئىي ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. جايلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.

ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، ئېنېرگىيە، مۇھىم خام ئەشيالارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز، خەلق تۇرمۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان توكقا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز. دۆلەت ئىچىدىكى بايلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەسلەپكى مەھسۇلات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ھە - ھۇ بىلەن مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارغا زەربە بېرىمىز. مال باھا سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايمىز.

ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش. ئومۇمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، تۈرلەر بويىچە تەدبىر قوللىنىش، خەۋپ - خەتەرنى دەل جايىدا تۈگىتىش ئاساسىي فاڭجېنىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. جايلارنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خەۋپ - خەتەردىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى كاپالەت فوندى تەسىس قىلىپ، ئامانەت پۇل سۇغۇرتا تۈزۈمى ۋە ساھەلەر كاپالەت فوندىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق خەۋپ - خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، تاشقى زەربىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلايمىز.

(2) بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچەپ، ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. يۈكنى يېنىكلىتىش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلايمىز.

يېڭى بىرىكمە شەكىلدىكى باج، ھەق جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش. باسقۇچلۇق تەدبىر بىلەن تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باج كېمەيتىش بىلەن باج قايتۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىمىز. بىر تەرەپتىن، ياسىمىچىلىققا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە يار - يۆلەك بولىدىغان باج كېمەيتىش - ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز ھەمدە كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ھەجىمىنى ئاشۇرىمىز، تەتبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى باسقۇچلۇق كەچۈرۈم قىلىمىز. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك يىللىق تاپاۋىتىنىڭ 1 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە بولغان قىسمىدىن كارخانا تاپاۋەت بېجى يەنە يېرىم قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ. جايلارمۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باج - ھەقنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ، باج كېمەيتىش - ھەق تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى كېمەيتمەستىن ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانىلارنى نەق پۇل ئوبوروتى جەھەتتىن قوللاشنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئىستېمال سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلىشىش كېرەك، ئاۋۋال تاپشۇرۇپ ئاندىن قايتۇرىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن قوشۇلما قىممەت باج تۈزۈلمىسىدىكى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەپ ياخشىلايمىز، بۇ يىل توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە قالدۇرۇلغان باج سوممىسىنى ئالدىن كەڭ كۆلەمدە قايتۇرۇشنى يولغا قويىمىز. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىمىز، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە قالدۇرۇلغان ساقلانما باج سوممىسى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بىر قېتىمدىلا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە قالدۇرۇلغان كۆپەيمە باج سوممىسى تولۇق قايتۇرۇلىدۇ. ياسىمىچىلىقنى نۇقتىلىق قوللايمىز، ياسىمىچىلىق، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى - يېقىلغۇ گاز، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەردە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە قالدۇرۇلغان باجنى قايتۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىمىز. توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە قالدۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى قايتۇرۇش سالمىقى كۆرۈنەرلىك زورايتىلىپ، بازار ئىشەنچى كۈچلۈك ئاشۇرۇلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا قايتۇرۇلىدىغان، كېمەيتىلىدىغان باج سوممىسى تەخمىنەن 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ قايتۇرۇلىدىغان باج تەخمىنەن 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، قايتۇرۇلغان باج مەبلىغىنىڭ ھەممىسى كارخانىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ. مەركەز مالىيەسى يەرلىكنى مالىيە كۈچى جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ياردەم پۇل مەبلىغىنى بىۋاسىتە شەھەر، ناھىيەلەرگە يەتكۈزىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باج قايتۇرۇش، باج كېمەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىرنىڭ نەق ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك قوللىشىنى كۈچەيتىش. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قەرز پۇل ئارقىلىق قوللاش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن قايتا بېرىلىدىغان قەرزنى كۆپەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سىناشنى ياخشىلاپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىلىدىغان قەرز پۇلنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىغا، ئىناۋەتلىك قەرز ۋە تۇنجى قەرز ئالغۇچىلار نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىرېدىت سىياسىتىنى توغرا ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان ساھە كارخانىلىرىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن داۋاملىق قوللاپ، ساھە خاراكتېرلىك قەرز بېرىشكە چەك قويۇش، قەرزنى قايتۇرۇۋېلىش، قەرزنى ئۈزۈپ قويۇش ئەھۋاللىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. سىياسەت خاراكتېرلىك، تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن بىرىكتۈرۈپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، باج، تاموژنا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكىنىڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ياخشى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېكولوگىيەسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇش. توك بىلەن ئۇلاپ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى نامۇۋاپىق باھا قوشۇشنى ئېنىقلاپ، جايلارنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرنىڭ توك ئىشلىتىشىگە قارىتا باسقۇچلۇق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىمىز. چوڭ سۇپا كارخانىلىرىنى ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك سودا كارخانىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمىز. ساھە جەمئىيەتلىرى، سودا ئۇيۇشمىلىرى، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ ھەق ئېلىشىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرىمىز. كارخانىلارغا چېتىشلىق بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تۈزەش ۋە بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان ھېسابات پۇلىنى ئېنىقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا ئېتىراپلىق پېرېۋوت چېكىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرىمىز، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى قەرزنى باشلامچىلىق بىلەن سۈرۈك ئىچىدە تۈگىتىشى كېرەك. يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، پارچە سېتىش، مەدەنىيەت، ساياھەت، يولۇچى توشۇش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئېغىر، شۇڭا تۈرلۈك ياردەم قىلىش - يۆلەش سىياسەتلىرىدە بۇلارغا مايىللىشىپ، بۇ ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ چىداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈپ، ئىستىقبالغا ئېرىشىشىنى قوللاش كېرەك.

مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق باسقۇچلۇق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز. ئادەم قىسقارتمىغان، ئاز قىسقارتقان كارخانىلارغا قارىتا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قايتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قايتۇرۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىمىز. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ، شۇڭا ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ئۈزۈلدۈرمەي مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېيىپلەرنىڭ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار - يۆلەك بولۇش كېرەك. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش - ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش - يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا قارىتىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى كەسپىي زەخىم كاپالەت سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى جىنس، ياش، ئوقۇش تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمسىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىمىز. ئەمگەك كاپالىتى بويىچە تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرىمىز. كەڭ كۆلەملىك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش، بىر تۈركۈم ئاممىۋى تەربىيەلەش بازىلىرىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 100 مىليارد يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلىتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەشكە مەدەت بېرىمىز، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت ئىگىلەش، ھەممە كەسىپتە ئىختىساسلىقلار كەينى - كەينىدىن يېتىشىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

(3) ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىمىز.

ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تېز ئۆزگەرتىش. يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، «ھوقۇق بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز، تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە بېرىشتە، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى تەڭ قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. بازار ئىجازىتىدە داۋاملىق ئازادە يول تۇتىمىز. مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىدە تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسپاتلارنى يەنىمۇ ئازايتىپ، «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش» دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ۋە گۇۋاھنامىنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى باشقا جايدا بېجىرىش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىمىز. مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى توپلاشتۇرۇپ بېجىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرىنى ئەلالاشتۇرىمىز ۋە يولغا قويىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ساھە مەسئۇل تارماقلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بوش قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشتىن بۇرۇن، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىنكى پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن ساھەلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھە، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قائىدىسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. ئادىل رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل، تەرتىپلىك بازار مۇھىتىنى قوغدايمىز.

كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئورتاق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرىمىز. كاپىتالنىڭ خاسلىقى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، كاپىتالنىڭ قېلىپلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز ۋە يېتەكلەيمىز. كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار بەس - بەستە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىمىز، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دىققەتنى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتكە، ئاساسلىق كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ تىرەك بولۇش ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا يېقىن، پاك مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىمىز. كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىدىن كۆپرەك پىكىر ئېلىپ، بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشىغا، خاتىرجەم تىجارەت قىلىپ روناق تېپىشىغا مەدەت بېرىمىز.

مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش. خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خامچوتنىڭ چەكلەش كۈچىنى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىمىز. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. باج ئېلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج ئوغرىلاش - باج ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىمىز. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز. ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتى ۋە شىركەت سۈپىتىدە ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناچار مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

(4) يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى چەكلىمە، توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئون يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئۇزاققىچە مۇقىم قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقات خىراجىتىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرىمىز، دۆلەت تەجرىبىخانىسى ۋە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پەن - تېخنىكا جەھەتتە باھالاش - رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جايلارنىڭ پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە رايون يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللايمىز. پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىمىز. دۇنياۋى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىملار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىق قىلىش، قوللىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىمىز. ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەن - تېخنىكا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى %75تىن %100كە ئۆستۈرىمىز، ئۇل تەتقىقاتقا مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا قارىتا باجدا ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويىمىز، ئۈسكۈنە - سايمانلارنىڭ ئامورتىزاتسىيەسىنى تېزلىتىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. بۇ، دۆلەتنىڭ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەبلەغ جەھەتتىن كەڭ كۆلەمدە مەدەت بەرگەنلىكىگە باراۋەر. يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز.

ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خام ئەشيا - ماتېرىيال، ھالقىلىق زاپچاس بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، باشلامچى كارخانىلاردا كاپالەت زەنجىرى، مۇقىملىق زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ياسىمىچىلىققا بېرىلىدىغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرزنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەيمىز. بىر تۈركۈم كەسىپ ئاساسىنى قايتا ھاسىل قىلىش تۈرلىرىنى باشلايمىز، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئاقىل ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. «كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، ئىجادچان» كارخانىلارنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، يېتىلدۈرۈش سۇپىسى قۇرۇش جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللايمىز. سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. رەقەملىك ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىپ، 5Gنى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ رەقەملىشىشكە بۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئاقىل شەھەر، رەقەملىك يېزا - كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. سانائەت ئالاقە تورى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق رەقەملىك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق يۇمشاق، قاتتىق دېتال تېخنىكىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامىل بازارلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاپ، ئۇنى تەتبىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى تېخىمۇ ياخشى كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىمىز.

(5) ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمال ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك كۈچىنى ئاشۇرىمىز.

ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى كۆپ يوللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. توردىكى ئىستېمال بىلەن تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرىمىز. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا داۋاملىق مەدەت بېرىمىز، جايلارنىڭ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىمىز. مەھەللىدە كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بالا بېقىش جەھەتلەردىكى يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پىلانلاش، يەر ئىشلىتىش، ئۆي ئىشلىتىش جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ قوللايمىز. ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ناھىيەلەرنىڭ سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنى راۋاجلاندۇرىمىز. مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا كۈچەپ ماسلىشىپ، ئىستېمال ئارزۇسىنى ئاشۇرىمىز.

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىش. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى چۆرىدەپ، ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىن يولغا قويىمىز. نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى، مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى قۇرىمىز، شەھەر يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسى قاتارلىق تۇرۇبا تورلىرىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاشنى تېزلىتىمىز، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. مەركەز خامچوتىدا 640 مىليارد يۈەن سېلىنما مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىدا خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلەرگە تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىپ، جەمئىيەت بىلەن خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىللار كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئايرىم پىلانلاش كېرەك. مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، مەبلەغ سېلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

رايونلار تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭلۇق، ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىش. رايونلار مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرىمىز، بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، شەرقىي رايوننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىلھام بېرىمىز، كەسىپلەرنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىگە ۋە رايون ھەمكارلىقىغا مەدەت بېرىمىز. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىمىز. دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرىمىز. ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار رايونلار دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. شەھەرلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، كونا قۇرۇلۇشلار ۋە ئەسلىھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز، شەھەر - بازارلاردىكى بىر تۈركۈم كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلاپ، لىفىت قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىشقا مەدەت بېرىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. دائىم تۇرۇشلۇق جاي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ناھىيە بازارلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. شەھەرلەر توپى، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر، رايون تەسىس قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىمىز. شەھەر - يېزا يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىدا تارىخ - مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەرنى تېجەپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىمىز. ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

(6) يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاشلىق قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، بۇغداينىڭ كېچىكىپ تېرىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يازلىق ئاشلىق ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىش، دادۇر ۋە ياغلىق دان مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىمىز. خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەمىناتىغا ۋە باھا مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا يەنە بىر قېتىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىشتىن مۇۋاپىق نەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تۇتۇشتا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىمىز. 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى تولۇق، ئەمەلىي ئايرىپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا» ئىشقا ئىشلىتىشنى ھەقىقىي توسۇپ، «ئاشلىقتىن باشقا» زىرائەت تېرىشقا ئىشلىتىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئالىمىز. ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن 100 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىمىز، بىر تۈركۈم چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق سۇغىرىش رايونلىرىنى يېڭىدىن قۇرىمىز ۋە ئۆزگەرتىمىز. قارا تۇپراقنى قوغداش ۋە شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدە سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكى، بىنەم يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. مەملىكەت بويىچە 3 - قېتىملىق تۇپراقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باشلايمىز. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇ تېخنىكىنى كېڭەيتىش - قوللىنىشنى كۈچەيتىمىز، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھايۋانات - ئۆسۈملۈك يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز، چارۋا - قۇش، سۇ مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىناتىنى چىڭ تۇتىمىز، زامانىۋى ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز. پاختا، شېكەر قومۇشى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەدەت بېرىمىز. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ھەممە جاينىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئاشلىق يۆتكەپ كىرگۈزىدىغان رايونلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، «ئاشلىق»، «كۆكتاتنى» تولۇقلاپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ياردەم قىلىش - يۆلەش بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىقى، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق ياردەم قىلىدىغان - يۆلەيدىغان ناھىيەلەرنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆچۈرۈلگەنلەرنى داۋاملىق يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ھەمكارلىقىنى، نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم قىلىش - يۆلەش ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر ياردەم قىلىش - يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز.

يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى پۇختا، سالماقلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش. 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى ناھىيە بويىچە سىناق قىلىش ئىشىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. تەمىنات - سودا كوپىراتىپى، كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، دۆلەت ئورمانچىلىق رايونى ۋە ئورمانچىلىق مەيدانى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ناھىيە ئىقتىسادىنى زورايتىش كېرەك. كەنتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش - قوشۇۋېتىش ئىشلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى ۋە يېزا - كەنتلەر قىياپىتىنى قوغداش كېرەك. يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى باشلاپ، يىرىك پىلان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سۇ، توك، يول، گاز، ئۇچۇر، پوچتا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنىڭ ھاجەتخانا ئۆزگەرتىشى ۋە پاسكىنا سۇ، ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىشىنى شارائىتىغا قاراپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەدەنىي كەنت - بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى چوقۇم تېخىمۇ كۆپەيتىشىمىز كېرەك.

(7) يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاشقى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز.

كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش. ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېكسپورت كىرېدىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، تاشقى پېرېۋوت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ زاكازنى، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز. تاشقى سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەلدە بىر تۈركۈم ئىسكىلاتلارنى قۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى پائال كېڭەيتىمىز. مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك سودىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش - ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز.

تاشقى مەبلەغدىن پائال پايدىلىنىش. تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا بولغان پۇقراۋى مۇئامىلىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئوتتۇرا ھال - يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، تەتقىق قىلىپ يارىتىش، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە ۋە ئوتتۇرا - غەربىي رايونلارغا، شەرقىي شىمال رايونلىرىغا سېلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى قوللايمىز. تاشقى مەبلەغنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتچىلىكتە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىمىز. ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو چوڭ بازىرى مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىكى ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىق يېڭى ساھەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىمىز. غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز.

كۆپ تەرەپلىك ۋە قوش تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنى شەكىللەندۈردى، كارخانىلارنىڭ تاموژنا بېجىدا ئېتىبار بېرىش، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايغا جۇغلىنىش قاتارلىق قائىدىلەردىن ياخشى پايدىلىنىشىغا مەدەت بېرىپ، سودا ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا تۈرتكە بولىمىز. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىمىز. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە كۆپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

(8) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش. بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما ئازايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىمىز. ئاتموسفېرادىكى كۆپ خىل بۇلغىمىنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەش ۋە رايونلار ھەمكارلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم دەريا، كۆل، دېڭىز قولتۇقلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز. قاتتىق تاشلاندۇق ۋە يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش، مىقدارىنى ئازايتىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇشنى يولغا قويىمىز. ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، كېرەكسىز بۇيۇملاردىن ئايلانما پايدىلىنىش قاتارلىق مۇھىت قوغداش كەسىپلىرىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايون بويىچە ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇرت - ماكانىمىزنى تېخىمۇ يېشىللاشتۇرۇشىمىز، تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بۇزۇش، ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئېنېرگىيەنى تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مىقدارنى ئازايتىش - سەپلىمە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىشنى تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەش - كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش، جانلىق ئۆزگەرتىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش بويىچە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىمىز. چوڭ تىپتىكى شامال - فوتو ئېلېكتىر بازىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن تەڭشىمە ئېلېكتىر مەنبەسى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تارتما سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك توكنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. بىيوماسسا ئېنېرگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز. يېشىل، تۆۋەن كاربون تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، نېفىت - خىمىيە، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز، قاتناش ۋە بىناكارلىقتا ئېنېرگىيە تېجەشنى كۈچەيتىمىز. ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى كۆپ، سەۋىيەسى تۆۋەن تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسىمىز. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش كونترول قىلىش»نىڭ كاربون چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ۋە سىجىللىقىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت «قوش كونترول قىلىش»قا بۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە دائىر رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرىمىز.

(9) خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش. بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىش، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز.

مائارىپ ئادىللىقىنى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا ۋە شەھەر - يېزىلار ئارا بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ بايلىقىنى دائىملىق ئاھالىنىڭ كۆلىمىگە ئاساسەن تەقسىملەپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش ۋە خىزمەتتە تەربىيەلەشنى، ئۇلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى سېلىقنى يەڭگىللىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلى مائارىپى بايلىقىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن كۆپەيتىمىز. ناھىيەلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملاشما مائارىپ، مەخسۇس مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىمىز. ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى تۈرگە ئايرىپ قۇرۇپ، سانائەت پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، تېببىي پەن تۈرىدىكى كەسىپلەردە كەمچىل بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى قوللايمىز. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە يېزىلارغا مايىللىشىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىمىز. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. تور مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. دۆلىتىمىزدە 290 مىليون ئوقۇغۇچى بار، مائارىپتىن ئىبارەت مىليونلىغان ئائىلىگە ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. ئاھالە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتىدە كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يەنە 30 يۈەن ۋە 5 يۈەن كۆپەيتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بىرتۇتاش غەملەشكە تۈرتكە بولىمىز. دورا ۋە قىممەت تېببىي خورىما ماتېرىياللىرىنى مىقدارى بويىچە مەركەزلىك تۈركۈملەپ سېتىۋېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. دورا، ۋاكسىنىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا دورا ئىشلىتىش دائىرىسىنى مەملىكەت بويىچە ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرىمىز. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ساغلاملىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. يۈرەك - مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى، راك كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەر ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا دورا ئىشلىتىش كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنىڭ ماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئاممىۋى سەھىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زور يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەق ئېلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقۇم تۈپەيلىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا داۋاملىق يار - يۆلەك بولىمىز، ئانا - بالىلار بۆلۈمى، روھىي ساغلاملىق، ياشانغانلار تېبابىتى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايمىز. جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا دوختۇرلىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ ۋە داۋالىنىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ شەھەر، ناھىيەلەرگە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا تېخىمۇ ياخشى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش. كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى پۇختا يولغا قويۇپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئۇنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۈچىنچى تۈۋرۈك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى داۋاملىق قېلىپلاشتۇرىمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. ئىشتا يارىلىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بىرتۇتاش غەملەشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا ئېتىبار - نەپىقە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ئائىلە بىلەن مەھەللە ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. شەھەر - يېزىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش، غىزالىنىشقا، تازىلىققا ياردەملىشىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە پەرۋىش قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىگە مەدەت بېرىمىز، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى سىنىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەكلىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ياشانغانلار مائارىپىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنىڭ يانداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارنى بېقىش خىراجىتىنى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس تۈر بويىچە قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى كۆپ خىل يول بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلىنىڭ تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلىتىمىز. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى ۋە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىمىز. مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنى قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا داۋاملىق ياخشى كاپالەتلىك قىلىش. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق ئىجارىلىك ئۆي بازىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاۋار ئۆي بازىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىنى قوللاپ، يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر كۆرۈپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن ۋە ئارخىپ ئىشلىرىنى گۈللەندۈرىمىز. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. ئالاقە تورىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئاممىۋى مەدەنىيەتنى رەقەملىكلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئاممىنىڭ ئەتراپىدا تەنتەربىيە مەيدان - ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش. خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز، ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئىجتىمائىي خىزمەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئىشلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئاممىۋى پاراۋانلىق - خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش - سېتىۋېلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي كاپالەتلەندۈرىمىز. ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئەرزىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى تەكشۈرۈش ۋە ھەل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ھەل قىلىمىز. ئىجتىمائىي پىسخىكا مۇلازىمىتىگە ئەھمىيەت بېرىمىز. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ۋە قانۇن ياردىمىنى كۈچەيتىمىز. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەلكۈن - ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى، گېئو ئاپەت، يەر تەۋرەش قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىشنى ۋە مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىمىز. يېمەكلىك پۈتۈن زەنجىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە، زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسىمىز. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. تور بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنىڭ دائىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرىمىز.

ۋەكىللەر !

يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلىشى كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەتتە ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى لازىم. تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئاممىۋى پىكىرنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ۋە ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى لازىم. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى لازىم. پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى لازىم. ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇننىڭ، رېۋىزىيەنىڭ ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلقنى باشتىن - ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلقنىڭ چاكىرى دېگەن نامغا مۇناسىپ ئىش قىلىشى كېرەك.

قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى تۇتۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى شەرت. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى توختىماي ئىزچىل تۈزىتىشى، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش قىلىدىغان، بىر - بىرىگە بەس سېلىپ، قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىدىغان ئەھۋاللارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى، ھوقۇقنى خالىغانچە ئىشلىتىش ۋە خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال بولۇش ئەھۋاللىرىنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە سەل قاراشتەك ئېغىر دەرىجىدە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، سىياسەت ئىجرا قىلىشتا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتمۇقات ئېغىرلىتىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەڭ كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىنى، ماھىرلىق بىلەن ئىشلىشىنى قوللاش كېرەك. مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە كۈچنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەيدىغانلا بولساق، چوقۇم يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يارىتالايمىز.

ۋەكىللەر !

بىز مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي رايونلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىشىمىز لازىم. پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ۋەكىللەر !

ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلىدۇق. يېڭى بىر يىلدا، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي كۈرەشنى قەتئىي، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. زامانىۋى ھەربىي ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى، ئارمىيەنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قورال - جابدۇقلارنى زامانىۋى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇشىمىز لازىم. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تاماملاپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملىشى كېرەك.

ۋەكىللەر !

بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى داۋاملىق تۈردە ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىگە مەدەتكار بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز.

بىز تەيۋەن خىزمىتىگە دائىر زور سىياسەت، فاڭجېنلاردا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. بىز «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك.

ۋەكىللەر !

بىز مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپاچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى، تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ !

ۋەكىللەر !

جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلگەن، جۇڭگو خەلقى ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇنى يېڭەلەيدىغان جاسارەت، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(تەرجىمىسىنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.