(2022 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلتۇرقى بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2022 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلدى، مەزكۇر دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە ئاڭلىق كۆرسىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سوت قىلىش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ماجىرالارنى جۇڭگوچە بىر جايدا كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش ۋە دەۋا مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوت قىلىش، ئىجرا قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ۋەزىپىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)