تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاپتونوم رايونىمىزدا يازغى بۇغداي تېرىش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېرىلغان يازغى بۇغداي كۆلىمى 100 مىڭ موغا يېقىنلاشتى

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئېتىزلىقتا، دېھقانلار تىراكتوردا يازغى بۇغداي تېرىماقتا.

نەن دېڭ فوتوسى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق  قىسمەن رايونلاردا يازغى بۇغداي تېرىش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىپ، تاماملانغان تېرىلغۇ كۆلىمى جەمئىي 100 مىڭ موغا يېقىنلاشقان. شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا كۈزگى بۇغداي ئارقا-ئارقىدىن قايتا  كۆكلەش مەزگىلىگە كىرگەن، يازغى بۇغداي تېرىش مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى سەل ئاشقان، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتقان، شارائىتى بار رايونلار يازغى بۇغداي تېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ياغلىق دان قاتارلىق زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون چۈشۈرگەن ئاشلىق ۋە ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىشان-ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ھوسۇل ئېلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن.

     ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، سولياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تەڭشەپ يۆتكەشنى پائال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كەنتلەرگىچە، ئائىلىلەرگىچە، ئېتىز باشلىرىغىچە يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتتى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىك خادىملىرىنى كەنتلەرگە بېرىشقا، ئائىلىلەرگە كىرىشكە كۆپ خىل شەكىلدە تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋەزىپىسى ئېغىر، ئەمگەك كۈچى قىس رايونلارغا قارىتا، ماشىنىلارنى باشقا جايدىن تەڭشەپ تەقسىملەشكە، رايون ئاتلاپ كېلىپ مەشغۇلات قىلىشقا تەشكىللىدى ھەم ۋاكالىتەن تېرىش، ۋاكالىتەن ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەشغۇلات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشقان بولۇپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

    كىلىماتنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈزگى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ قايتا كۆكلەش ئەھۋالى بۇلتۇرقىدىن سەل ئاجىز بولدى، قايتا كۆكلەش مەزگىلىدىكى ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن زۆرۈر. شۇڭا ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانا قاتارلىق جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتىدىكى رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈزگى بۇغداينىڭ قايتا كۆكلەش مەزگىلىدە ئاجىز بولۇشتىن كۈچلۈك بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك ئېتىز پەرۋىشى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، مايسا ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.