تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​كورلا نەشپۈتىنىڭ خۇش ھىدىنى داۋاملىق تارىتىمىز

ۋەكىل لى بىن:​

كورلا نەشپۈتىنىڭ خۇش ھىدىنى داۋاملىق تارىتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. كورلا نەشپۈتى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى بىن كۆپ يىللاردىن بۇيان سىجىل دىققەت قىلىۋاتقان ساھە.

«بىز چوقۇم يۇرتىمىزنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسىغا ئايلاندۇرىمىز.» 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، لى بىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە كورلا نەشپۈتى كەسىپ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولدا مېڭىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ئەلا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، لى بىن كۆپ قېتىم بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە چارە - ئامال تېپىپ ئورتاق ھەل قىلدى.

«بۇ يىللاردا، كورلا نەشپۈتى دۆلەتنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرىپ، دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قاتارىغا تاللىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگىنى قوغداش تىزىملىكىگە تاللىنىپ، داڭلىق ماركا رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچى تېز ئاشتى.» ۋەكىل لى بىن مۇنداق دېدى: كورلا نەشپۈتىنىڭ داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن بىللە، نەشپۈت دەرەخلىرى قېرىپ كېتىش، ھوسۇلى تۆۋەنلەپ كېتىش، سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلمەكتە، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىكى مەسىلىگە ئايلاندى.

كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەم كەسىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ دەلىللىشى ئارقىلىق، ۋەكىل لى بىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تولۇقلاپ تىكىش، تولۇقلاپ بىنا قىلىش، كېسىۋېتىپ يېڭىدىن تىكىش، دەرەخ تۈپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەلا مېۋە نىسبىتى تۆۋەن، مو بېشى ھوسۇلى سىجىل نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تۆۋەن ھوسۇللۇق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك باغلارنى ئۆزگەرتىپ، نەشپۈتنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.

لېكىن كونا مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئالماشتۇرۇپ، قايتىدىن مېۋىگە كىرگۈزۈشكە ئۈچ يىل ۋاقىت كېتىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كىرىمگە تەسىر يېتىدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئالماشتۇرمىغاندا كەسىپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدۇ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ۋەكىل لى بىن جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم شۇ جايدىكى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دېھقانلار، تېخنىكلار بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئالاقىدار پىكىرلەرنى توپلاپ، تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، كونا مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

توختىماي ئىزدىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرى دېھقان ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. «مېۋىلىك دەرەخنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، قىسقا مۇددەتلىك كىرىم زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، يىراقنى ئويلىشىپ، بىز يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنى كىرگۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدۇق.» ۋەكىل لى بىن مۇنداق دېدى: يېمەكلىك زەمبۇرۇغى يېتىشتۈرگەندە مېۋىلىك دەرەخنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن كېرەكسىز مېۋىلىك دەرەخلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلار ھەربىر زەمبۇرۇغ خالتىسىدىن تۆت يۈەن نەپكە ئېرىشىدۇ. بىرنەچچە يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، تېكىچى يېزىسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى پارنىكىدىن 400نى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى 2000غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ۋەكىل لى بىن «كورلا نەشپۈتى كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، دېھقانلارنىڭ بېيىش يوللىرىنى كۆپەيتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، باشلامچى كارخانىلارنى يېتەكچى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ئاساس، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى ۋاسىتە قىلغان بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئىگىلىك تىجارەت تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «جىتۇەنجۈن» شەكلىدە كورلا نەشپۈتىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.