تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ھەربىر مىللەت، ھەربىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

ۋاقىتنى 2017 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگە قايتۇرايلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ ۋەكىللەرنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن ۋەكىل مەمەترېيىم مەمتىمىن سۆز قىلغاندا، قۇربان تاغىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تىلىكىنى باش شۇجىغا يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى چوقۇم مەڭگۈ ئەستە ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇربان تاغىنىڭ ھېكايىسى نەچچە ئەۋلاد كىشىنى تەسىرلەندۈردى، بۈگۈنكى كۈندە پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرىدا، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بۇ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقانلىقى، چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى!

«پارتىيەنىڭ شەپقىتى ھەقىقىيدۇر»

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرىسى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئىككى ئەڭگۈشتەر بار، بىرى، ماۋجۇشى قۇربان تۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى سۈرەت، يەنە بىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزىغا قايتۇرغان جاۋاب خەت.

«مەن كىچىكىمدىنلا مومامدىن ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى.

ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭقۇر؟ رۇقىيەم مەتسەيدى كىچىك چېغىدا بۇنى پەقەت ھېكايىلەردىنلا ھېس قىلاتتى.

رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، يۇرتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭغا ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

يۇرتنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، مۇستەھكەم خىش كاھىشلىق ئۆيلەر كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتى، ھەممە ئائىلە تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى...

ئۆزگىرىش بولغىنى يالغۇز كەنت قىياپىتىلا ئەمەس، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشىدە، يۇرتداشلارنىڭ روھىي قىياپىتى بارغانسېرى جانلاندى. تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئىلگىرىكى نامرات ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ، يانچۇقىنى بارغانسېرى تومپايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتى. «پارتىيەنىڭ شەپقىتى ھەقىقىيدۇر» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى.

پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش ئائىلە ئىستىلىنىڭ تاۋلىشىدا، رۇقىيەم مەتسەيدى كىچىكىدىنلا ھەربىي بولۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى، 2012 - يىلى، دېڭىز ئارمىيەسى شىنجاڭغا ئەسكەر قوبۇل قىلغىلى كەلگەندە، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا تىزىمغا ئالدۇردى ھەم ئارزۇسىغا يەتتى. ئۇنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغىنى شۇكى، ئۇ يېڭى ئەسكەرلەر ليەنىدىن تاللىنىپ، جۇڭگونىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق تۇنجى ئاۋىياماتكىسىدىكى ئايال ئەسكەرگە ئايلاندى. «پالۇباغا قەدەم قويغان ئاشۇ پەيتتە، قەلبىم شۇ ھامان ۋەتەندىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدى» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى.

ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن، رۇقىيەم مەتسەيدى يۇرتىغا قايتىپ، كېرىيە ناھىيەسى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن قۇربان بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمەن».

«بەختلىك تۇرمۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەت بەردى»

ھازىر، دەل كۆپ تۆللەيدىغان قوينىڭ تۆللەش يۇقىرى پەللە مەزگىلى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى باغچى كەنتىدە، يېڭى تۇغۇلغان قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن كەنت ئاھالىسى مەمەتجان سىراجىئەخمەتنىڭ چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى.

«يېڭى تۇغۇلغان قوزىدىن 60 نەچچىسى بار، يەنە تۆللەيدىغان قويلار بار، بۇ يىل تۆللەش نىسبىتى %95كە يېتىدۇ.» مەمەتجان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بەختلىك تۇرمۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەت بەردى».

مەمەتجاننىڭ ھاياجانلىق سۆزلىرى يۈرەك قېتىدىن چىققانىدى. 2014 - يىلى، مەمەتجان ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن ئۆيىدىكى يىغقان پۇللىرىنى خەجلەپ تۈگەتتى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دەپ پەرقلەندۈرۈلدى، ئائىلىسىدىكى 12 مو يەرگە بۇغداي تېرىلغان، ئۇنىڭغا ياڭاق كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، يىللىق كىرىمى ئارانلا 5000 يۈەندىن ئاشاتتى، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى.

2017 - يىلى، مەمەتجان ئائىلىسى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقتى. «كەنت ئاھالە كومىتېتى ماڭا ياردەم قىلىپ بانكىدىن قەرز ئىلتىماس قىلىپ، كۆپ تۆللەيدىغان قويدىن ئوننى ئېلىپ بەردى، يەنە مەخسۇس ئادەم تەكلىپ قىلىپ ماڭا تېخنىكا ئۆگەتتى، شۇ يىلى 18 تۆل ئېلىپ، يىل ئاخىرىدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى» دېدى مەمەتجان.

بۈگۈنكى كۈندە، مەمەتجاننىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قويىنىڭ سانى 250كە يەتتى، ئۇ كۆپ تۆللەيدىغان قوي بېقىشقا تايىنىپ، كەنتتىكى خېلى نامى بار بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

مەمەتجاننىڭ ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى بىر جانلىق ئەمەلىي مىسال. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات نوپۇس قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مەردانە ئىلگىرىلىمەكتە.

«بىز ھەممىمىز قۇربان تاغىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.» مەمەتجان مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز.

«پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز»

«ۋەتىنىمىز قۇدرەت تاپتى، شۇنداقلا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.» 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇدىرى جياڭ پىڭئەن بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىختىيارسىز ھاياجانلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللەت روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدىكى مەنىۋى رىشتە. يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش مىللەت روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، بىز ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئىسلاھ قىلىپ، <ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى>نى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنىمۇ كېڭەيتىپ <دەرسلىككە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيەنى سىڭدۈردۇق.>» جياڭ پىڭئەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى قاتارلىق نەزەرىيە دەرسلىكلىرىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆتۈپلا قالماي، ھەربىر كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي دەرس ئوقۇتۇشى جەريانىغا ئىدىيەۋى تەربىيەگە ئائىت مەزمۇنلارنى سىڭدۈردى.

2021 - يىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشقا ئىرادە باغلاش» «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» تېمىسىدىكى كوللېكتىپ ئىتتىپاققا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى؛ «1 - ئىيۇل» «1 - ئۆكتەبىر» قاتارلىق مۇھىم، زور بايراملاردا، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى؛ «دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى تەربىيە»نى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى؛ «مەدھىيە ناخشىسىنى پارتىيەگە تەقدىم قىلىمىز، ياشلىق باھارىمىزدا يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز» تېمىسىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى خور مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» تېمىسىدىكى ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، يازلىق تەتىللىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت كوللېكتىپىدىن 43نى تەشكىللەپ قۇردى، نەچچە ئونمىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، ياش ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسىدا ئۆزىنى تاۋلاپ چېنىقتۇردى.

«ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، بىز پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز» دېدى جياڭ پىڭئەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.