تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى لىخەن، مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشىنىڭ ئاساسىي شەكلى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا، خې لېي، شۈ شىشېڭ، لياڭ ياڭ، جياڭ چىڭچۈن، ۋاڭ جېنگو، گاۋ بۇمىڭ قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ھەربىي ئىشلار قائىدە - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەربىي كۈرەش قانۇن نەزەرىيەسى تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش، ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي دائىرىسىگە كىرگۈزدى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قارارىنى مەخسۇس تۈزدى. مۇشۇ يىللاردا بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك. يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش شەكلىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇنچىللىق تەلىپى بويىچە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش شەكلىدە ئۆزگىرىش ياساشتا چىڭ تۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پولاتتەك ئىنتىزامىدا چىڭ تۇرۇش، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەربىي ئىشلار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. قائىدە - نىزام، تۈزۈمنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قائىدە - نىزامى، تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەشىقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پىروگرامما بويىچە مەشىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى پىلانلاشقا بولغان قاتتىق چەكلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىسىملارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشنى چىڭىتىش كېرەك. قائىدە - نىزام، تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، قائىدە - نىزام، تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەربىي ئىشلار قانۇنچىللىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ھەرىكەت ۋە قانۇنچىللىق كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن، قائىدە - نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقتىن پايدىلىنىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەربىي كومىتېت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىشى، قانۇنچىللىق خىزمىتى ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇن بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ھەربىي ھەرىكەت ۋە ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.