تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ھالقىپ كەتتى»

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر ـ بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا، يىلمۇيىل يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلمەكتە.

بەش يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەنىدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى تەلتۆكۈس تۈگەتتى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

مىڭ يىللىق نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى سىجىل كېڭەيدى، تۇرمۇش سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى، زامانىۋى مەدەنىي يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالدى... كىشىلەر ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا: «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ھالقىپ كەتتى» دېيىشتى.

«پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى»

«مەن ئىلگىرى پۇتۇڭخۇانى ئانچە ياخشى سۆزلىيەلمەيتتىم، باش شۇجىغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بولسىمۇ، لېكىن ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتىم. ھازىر، مېنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەرىم ئۆستى، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ھازىر پۇقرالارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، يانچۇقىدا پۇلى بار بولدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى باش ئۈژمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەترېيىم مەمتىمىن.

مەمەترېيىم 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى. 2017 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئۇ باش شۇجىنى تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتا كۆردى. «باش شۇجى مەندىن يېزىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر، تېرىقچىلىق ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سورىدى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىقنى ھېس قىلدىم.» بەش يىل ئىلگىرىكى خەلق سارىيىدىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، مەمەترېيىم ھازىرغىچە تولىمۇ ھاياجانلىنىدۇ.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەمەترېيىم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يۇرتىغا ئېلىپ كەلدى، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش ئىشەنچى ۋە غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، باش ئۈژمە كەنتى دېھقانلارنى خاس باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىنىشكە تەشكىللەپ، ھەر مو يەردىكى ئانار ھوسۇلىنى 200 كىلوگىرامدىن كۆپرەك ئاشۇردى؛ كەنت ئانار ھارىقى پىششىقلاش كارخانىسى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، 180دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى؛ يول ياساش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ھويلا ـ ئارانلارنى ئۆزگەرتىش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى بىلەن يورۇتۇش، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مەركەزلىك يولغا قويدى...

2019 ـ يىلى، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى بۇ نامرات كەنت پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ 2021 ـ يىلى، باش ئۈژمە كەنتىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2016 ـ يىلىدىكى 4000 نەچچە يۈز يۈەندىن كۆپىيىپ، 14 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، يېرىمدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى پىكاپ سېتىۋالدى.

ماشىنىسىنى ھەيدەپ بارغانلا يېرىدە كەنت ئاھالىلىرىگە لېكسىيە سۆزلەيدىغان مەمەترېيىم مەيلى قەيەرگە بارسۇن كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى. 2016 ـ يىلىدىن 2018 ـ يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئون نامرات ناھىيە ئارقا ـ ئارقىدىن نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى؛ 2019 ـ يىلى، 12 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى؛ 2020 ـ يىلى، ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. كېرىيە ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان قاتنىدى، يەكەن − خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىشⅡلىنىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 892 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان ـ چارۋىچى پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتەلەيدىغان بولدى... مەمەترېيىم لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا مىسالغا ئالىدىغان كىشىنى خۇشال قىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ۋە جانلىق مىساللار بارغانسېرى كۆپەيدى.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ھەربىر بۇلۇڭ ـ پۇچقاققىچە تارقالدى»

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش» «دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقان ـ چارۋىچىلار بەش يىلدىن بۇيان ئىزچىل زوقلىنىپ سۆزلەپ كېلىۋاتقان سۆز تېمىسىغا ئايلاندى.

«كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغىنى شۇكى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چېگرا رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى گەرچە نىسبەتەن چەت، يىراق، كىلىمات شارائىتى نىسبەتەن ناچار، ئۇل ئەسلىھەلىرى نىسبەتەن ئاجىز بولسىمۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى خۇددى باھار شامىلىدەك ھەممە بۇلۇڭ ـ پۇچقاققىچە تارقالدى ھەم ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياۋ چاۋياڭ.

تۇمشۇق بازىرىنى مىسالغا ئالساق، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرى، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى نامرات دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. 2019 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى، تۇمشۇق بازىرى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، يېزىلاردا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ئۇدا قانات يايدۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقى زورايتىلدى.

«بۇلتۇر، بىز تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، داۋالاش ـ سەھىيە، داۋالاش كاپالىتى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تۇرالغۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» لياۋ چاۋياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، تۇمشۇق بازىرىدىكى 12 كەنت «جۇڭگو پوچتىسى بېكىتى + يېزا (بازار) تىرانسپورت مۇلازىمەت پونكىتىغا ۋىۋىسكا ئېسىش» خىزمىتىنى تاماملىدى؛ تۇرۇبا سۈيى، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان توك، يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، خەۋەرلىشىش تورى قاتارلىقلارنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش نىسبىتى %100كە يەتتى...

لياۋ چاۋياڭ مۇنداق دېدى: چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. بۈگۈنكى كۈندە، چېگرا رايوننىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى، ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، خەلق ئىچىدىكى ئاددىي ـ ساددا ئۆرپ ـ ئادەتلەر خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى پايدىلىق شارائىتقا ئايلاندى، تۇمشۇق بازىرىنىڭ ساياھەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلماقتا.

«بۇ يەر ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى جاي»

«بۇلتۇر، مېنىڭ ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ يۇرتۇم يەكەن ناھىيەسىگە قايتىشنى تاللىشىمدىكى سەۋەب، ھازىر بۇ يەرنىڭ <ھۆسنى> گۈزەل، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى» دېدى 3 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ تاغارچى بازىرىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ شياۋفېڭ يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 2 ـ قارارلىق زاۋۇتىدا، بۇ زاۋۇتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى دىلنار روزى پەخىرلەنگەن ھالدا.

يەكەن ناھىيەسى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى، شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە، ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭىش ئەڭ تەس بولغان «قاتتىق قىيىنچىلىق»نىڭ بىرى ئىدى. دىلنار يەكەن ناھىيەسى ئىگەرچى بازىرى دۆۋە ساراي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، كەنت ناھىيەگە ئاران ئون نەچچە كىلومېتىر كەلسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى يول قاتنىشى، ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ناھىيە بازىرىغا بېرىشى تەس ئىدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ ئارزۇسى: چوڭ بولغاندىن كېيىن چوقۇم بۇ «نامرات جاي»دىن چىقىپ كېتىش ئىدى.

«2017 ـ يىلى، مەن سىرتقا ئوقۇشقا باردىم، ھەر قېتىم قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقىنىمدا ھەم ھەيران قالاتتىم ھەم ناتونۇش ھېس قىلاتتىم. يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.» دىلنارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي يۇرتىدىكى كارخانىنى تاللىغان.

ھازىر دىلنارنىڭ ئايلىق مائاشى 4000 يۈەندىن ئاشتى. ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە توردا ۋە تور سىرتىدا مەھسۇلات سېتىشنى سىناپ كۆردى. دىلنار مۇنداق دېدى: ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، دائىم جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىمەن، «بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ئوخشاش جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ ياش يۇرتىدا قېلىشنى، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشنى خۇشاللىق بىلەن خالايدىغان بولدى، كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۈمىدى تولۇپ تاشتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.