تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش بىر دەقىقىمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىق

​− يىغىندىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تۇرۇشلۇق جاينى زىيارەت قىلىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ رايىنى ئىپادىلەش خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچى. مۇھىم ۋەزىپە زىممىسىگە يۈكلەنگەچكە، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىر دەقىقىمۇ بىپەرۋالىق قىلمىدى. 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، مۇخبىر يىغىندىن ئىلگىرى ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق جاينى زىيارەت قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىغىنغا قاتنىشىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى.

ۋەكىل ھۆرنىسا قادىرنىڭ ياتىقىدىكى ئۈستەلدە تۇرپاننىڭ ئادىمىيەت تارىخى تونۇشتۇرۇلغان رەسىملەر توپلىمى، يەنە بىر خاتىرە دەپتەر بار بولۇپ، خاتىرىدىكى نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات قولدا يېزىلغانىدى. «2021 - يىلى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 9 مىليون 680 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 5 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل، تۇرپان ساياھەتچىلىكى چوقۇم تېخىمۇ جانلىنىدۇ!» ھۆرنىسا قادىرنىڭ سۆز ئۇرانىدىن ھاياجانلىنىش چىقىپ تۇراتتى. ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بۇ يىل «تۇرپاننى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى چوڭ مېھمانخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھۆرنىسا قادىر تۇرپان شەھەرلىك باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇ كۆپ ھاللاردا «يېزا ئىگىلىكى»گە ئائىت تەكلىپلەرنى بېرىپ، تۇرپاننىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ تېخىمۇ يىراققا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلغانىدى. بۇ يىل ھۆرنىسا قادىرنىڭ دىققەت نۇقتىسى ساياھەتچىلىككە يۆتكەلدى. «ئالدىنقى يىللاردا مەن تۇرپاننىڭ ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش تەكلىپىنى بەرگەنىدىم، يەنە ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنىمۇ بەرگەنىدىم، بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلىندى. ھازىر، تۇرپاننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كەسىپ تەرەققىيات قەدىمى بارغانسېرى زورايتىلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسى ھازىرلاندى، جەزمەن 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك، ساياھەت كەسپى <2 - كەسىپ بىلەن ئۇلىنىدىغان، 3 - كەسىپ بىلەن تۇتىشىدىغان> خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپ.» ھۆرنىسا قادىر ئۆزىنىڭ تەكلىپ بېرىشتىكى دەسلەپكى ئارزۇسىنى شۇنداق چۈشەندۈردى.

ھۆرنىسا قادىر كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يولغا قويغان يېڭى سىياسەتلىرىنى ئىزدەپ كۆردى. «دۇنخۇاڭ، شىئەن تۇرپانغا ئوخشاشلا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى ھەم شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا جايلاشقان، مېنىڭچە تۇرپان بۇ ئىككى شەھەردىن ئۆگەنسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ جاي بىرلىشىپ سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بۇ ئۈچ مەرۋايىتنى <بىر تىزىق مارجان>غا ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن» دېدى ھۆرنىسا قادىر.

ۋەكىل ئادىل ئابدۇرازاقنىڭ ياتىقىدا كەيپىيات قىزغىن ئىدى، ئۇ ۋەكىل سۈن چۇنۋاڭ بىلەن بىرلىكتە تەكلىپلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتاتتى. «بۇ يەردە <يېتەكچىلىك قىلىش> دېگەن سۆزنى ئىشلەتسەك بىرقەدەر مۇۋاپىق» «بۇ مەزمۇن مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدىكى بايان بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك»... ئىككىيلەن بىردەم بېشىنى لىڭشىتسا، بىردەم ئويلىناتتى، ئارگىنال قىزىل رەڭلىك تۈزىتىش ئىزلىرى بىلەن تولغانىدى.

بۇ يىل ئادىل ئابدۇرازاق بىلەن سۈن چۇنۋاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇنى»نى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىشى ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنى پۇقرالارغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ قىلىش، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرمەكچى.

ۋەكىل يوۋ لياڭيىڭمۇ بىكار تۇرمىدى، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سىنلىق تېلېفونلىشىپ، يېقىندىن بۇيانقى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەچ، كوپىراتىپ ئەزالىرىدىن پىكىر ئېلىۋاتاتتى. بۇ قېتىم يوۋ لياڭيىڭ «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئېلىپ كەلدى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، يوۋ لياڭيىڭنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئارال شەھىرى ۋەننۇڭ گوپىن تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىردى. نۆۋەتتە، بىرلەشمە كوپىراتىپقا 400دىن ئارتۇق كىشى ئەزا بولدى، تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىڭ مودىن ئاشتى.

«مەھسۇلات تاۋارغا ئايلانسا، تاۋار سوۋغاتقا ئايلانسا، كىچىك مېۋە ئاندىن چوڭ بازارلارغا كىرەلەيدۇ.» يوۋ لياڭيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە، ئۇ باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ دېھقان ۋەكىللەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تېخىمۇ كۆپ تەكلىپلەرنى بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.