تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغانلىقى توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى بېيجىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى رەتلىدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىشكە تەييارلىق كۆردى.

«بۇ قېتىم مەن ئىككى تەكلىپ تەييارلىدىم، بىرى دولاتا ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ، يەنە بىرى مېيىپ بالىلار تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ.» ئەزا گۇەن فاڭفاڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدىكى مېيىپ بالىلار تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىمەن.

«ئالدىنقى مەزگىللىك زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، مەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بىر قىسىم بالىلارنىڭ گەرچە ئوقۇش يېشىغا توشقان بولسىمۇ، مەكتەپكە كىرىپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بايقىدىم.» گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، چاپچالدا مېيىپ بالىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى يوق، ئەڭ يېقىن ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى غۇلجا شەھىرىدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىمۇ چەكلىك. ئۇ نوپۇسى بىرقەدەر ئاز ناھىيە ـ شەھەرلەردىمۇ ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ياكى ئالاھىدە مائارىپ سىنىپى تەسىس قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەكلىپ ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم شەكلى. بۇ يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى تەييارلىدى، مەزمۇنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ.

ئەزا پەن شياۋيەن بۇ يىل تۆت تەكلىپ تەييارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەم قانۇن چىقىرىش جەھەتتىكى تەكلىپ ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئائىت تەكلىپمۇ بار. «بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى مەزگىللىك نۇرغۇن قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاشتىن ئۆتكەن، بۇ تەكلىپلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى پەن شياۋيەن.

ئەزا جيا ديەنزېڭ يېڭى تاراتقۇ، ئالاقە تورى يېڭى تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىن شەكلىنى ئاساس قىلغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى كۆرۈشنى خالايدىغان، كۆرەلەيدىغان، كۆرۈشكە قىزىقىدىغان قىلىپ، ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا تەكلىپ تەييارلىدى.

گۈزەل ئىستەكنى بايان قىلىپ، تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىپادىلەش. شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسى، يېڭى ئىستىكىنى زىممىسىگە ئالغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويمايدۇ، دەۋرنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.