تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك»

[ئىستون سۆزى]

باھار شامىلى يەلپۈپ، بارلىق شەيئىلەرنى ئويغاتتى. 2017 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، جاراڭلىق سۆزلەر كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىدى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن جاسارەتلىك ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشتى. بۈگۈندىن باشلاپ، بىز «باش شۇجىغا دوكلات» تېمىسىدىكى پۈتۈن تاراتقۇ ئىستونى ئېچىپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر، ئەزالار ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، باش شۇجىغا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىمىز.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى؛ نېفىت، نېفىت - خىمىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەر تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %58ىنى ئىگىلىدى؛ بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، بېيجىڭغا كىرىش مۇساپىسى 1300 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقاردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پۇقراۋى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئومۇمىي سانى 23كە يەتتى، تۆمۈريول بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، تارىم ئويمانلىقىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چەمبىرىكى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى...

2017 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن ئىبارەت تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بۇ «ئالتۇن ئاچقۇچ»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقماقتا.

قىممىتى بار بولۇپلا قالماي، يەنە «يېڭىلىقى» بار بولدى

«يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېرىيە قىزىلگۈل كەسپى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بۈگۈنكى كۈندە قىزىلگۈل خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى، يېمەكلىكلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، كۈندىلىك بۇيۇملار بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن مەھسۇلات زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ قىممىتى، <يېڭىلىقى>نى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.» بۇلارنى تىلغا ئالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى - تىجارەت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئادىل ئابدۇرازاقنىڭ كۆزلىرىدە ھاياجانلىق ھېسسىياتى ئەكس ئەتتى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق قىزىلگۈلى ئۆستۈرۈش تارىخى بار. بۇ يىللاردا، ئەنئەنىۋى، كىچىك ھەم تارقاق بولغان قىزىلگۈل كەسپى تەدرىجىي ھالدا «كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات شەكلىگە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان باشلامچى كەسىپكە ئايلاندى. ئادىل ئىلگىرى شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە كۆپ يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

ئادىل مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى.

«باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋىنى ۋەكىل قىلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى؛ ئەمگەك كۆجۈملىشىش تىپىدىكى كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز زورايدى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ ھەر ئىككىسى تەڭ جانلاندى، 2021 - يىلى، سانائەت قوشۇلما قىممىتى %20 ئاشتى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 99 مىڭ 500 كىشى كۆپەيدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەمگەك كۆجۈملىشىش تىپىدىكى كارخانىلار 7500دىن كۆپرەككە يەتتى؛ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى؛ ساياھەتچىلىك تېز ئەسلىگە كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى ئادىل.

«تەرەققىي قىلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلىش كېرەك.» ئادىل مۇنداق دېدى: كارخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولۇش يۆنىلىشىگە يۈزلىنىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈش بىرىكمە مۇشتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئېتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

مەۋقە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇلۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ رىقابەت يولى دەل تېپىلدى

يىلنىڭ بېشى باھاردىن باشلىنىدۇ، داقا - دۇمباق ساداسى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئاساس تىكلىگەن گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى بۈگۈنكى كۈندە پاكىز ئېنېرگىيەنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى. يېقىندا، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى «ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان پىروگراممىسى(2022 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى.

«بەش يىلدىن بۇيان، بىز باش شۇجىنىڭ <خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش>تىن ئىبارەت تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەۋقەنى ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى رىقابەت يولىنى دەل تېپىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق» دېدى گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خەن شىفا.

خەن شىفا مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى تەرەققىي قىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى تىجارەت كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان لۇجى LNG تەمىنلىگۈچى كارخانىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بايلىققا ئىگە پۇقراۋى كارخانىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ شىركەت ئارا تۈرۈك ناھىيەسى نومدا چوڭ تىپتىكى كۆمۈر ھەم كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇپ، توققۇز كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى تۈرىنى پۈتتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازارغا يۈزلىنىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن بىر گەۋدىلەشكەن ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئۆزگىچە، خاس كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ ھەم تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى، ھەم كۈچەپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

«يېڭى باسقۇچقا كىرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قۇرۇلمىسى، سۈپىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كەڭ كۆلەملىك ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولماقتا، بۇ، بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، كەسىپ ئاساسى، بايلىق ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئىلمىي پىلانلىشىمىزغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق» دېدى خەن شىفا.

كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، 2021 - يىلى گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى «يېشىل ئىنقىلاب»نى باش تېما قىلغان 2 - قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنى رەسمىي باشلىدى.

خەن شىفا مۇنداق دېدى: گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ھازىر بار بولغان كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چۆرىدەپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى توپلاپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەمدە كاربون (IV) ئوكسىدىنى يىغىش، پېچەتلەش ۋە ئېرىتىش (CCUS) تۈرىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەدرىجىي ھالدا تىپىنى ئۆزگەرتىپ ئەنئەنىۋى تاشقاتما ئېنېرگىيە بىلەن يېشىل يېڭىچە ئېنېرگىيە بىرلەشكەن ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات كارخانىسىغا ئايلاندى.

يېڭى ئىدىيە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا يېتەكلىدى

«يېڭى ئىدىيە تەرەققىيات يېڭى يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بەش يىلنى ئەسلىسەك، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شۇۋېي.

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى شىنجاڭنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەربىر قەدەم ئىزىغا چوڭقۇر ئويۇلدى. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىي قىلىپ زورايدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى سىجىل كۈچەيدى، ئۇل ئەسلىھە ۋە شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەرەلىدە تاماملاندى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى شىنجاڭ تۇپرىقىدا جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندى.

«بىز <بىر بەلباغ، بىر يول> پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، <13 - بەش يىل> مەزگىلىدە جەمئىي 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى تاماملىدۇق. <شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش>تە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق؛ بىر تۈركۈم مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يەكەن دەرياسىدىكى مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن سۇ ئاپىتى خەۋپىنى تۈپتىن ھەل قىلدۇق؛ بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق؛ 5G قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇشنى تېزلەتتۇق؛ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتۇق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى» دېدى جۇ شۇۋېي. 2021 - يىلى، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە جەمئىي 243 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى نۇقتىلىق تۈرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 930 مىليارد 688 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 1 تىرىليون 379 مىليارد 758 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم %5.8، %8.3 ئېشىپ، ئايرىم - ئايرىم 34 مىڭ 838 يۈەن، 14 مىڭ 56 يۈەنگە يەتتى.

تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلاندى، غەيرەت تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، سۈپەت تېخىمۇ ئۆستى! بەش يىللىق ئەمەلىيەت مول مېۋە بەردى، شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشتىكى ھەربىر قەدىمىگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەممىسى فاڭجېن - سىياسەتلەر، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا قەتئىي ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن بولدى.

«بىز سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىيات قەدىمىمىزنى توختاتماي، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى جۇ شۇۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.