تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى بەخت ۋە ئامان ـ ئېسەنلىكتىن كىشىلەر قەلبى ئىللىدى

2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىدا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى ئىگىلىمەكتە. شۇ كۈنى، 2022 ـ يىللىق شىنجاڭ ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇش يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندىكى 200 كارخانا 2000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. □ جاڭ شيۇكې فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

بۇ يىل باھار بايرىمىدا، ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى لوتۇيى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پەن جىنلياڭ ئائىلىسىدىكىلەر 120 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. «توك بىلەن ئىسسىنىمىز، سۇ تۇرۇبىسى ۋە يۇندى يولىنىڭ ھەممىسى بار، قولايلىق، ئازادە!» دېدى پەن جىنلياڭ خۇشال ھالدا.

يەر ـ جاھان گەرچە كەڭرى بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالارلا دۆلەتنىڭ ئۇلى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىجىل تۈردە خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ ئۆيى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي رەڭگىنى بەرپا قىلدى.

خەلق تۇرمۇشى چىقىمى دەل جايىغا ئىشلىتىلدى

2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى سۆكمەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئەكبەر يولۋاس ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن رەسمىي تىجارەت باشلاشنى ئارزۇ قىلاتتى. «ھازىر كەنتكە كىرىدىغان تاشيول ياسالغانسېرى كېڭەيدى، بېيىش يولىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى» دېدى ئەكبەر.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان جىڭشۈەن ئولتۇراق رايونىدا، ئاھالە جاڭ ۋېنجۈەن ئىككى چوڭ خالتىدىكى كۆكتاتنى كۆتۈرۈپ لىفىتقا چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى پەلەمپەيدىن چىقىدىغان بولغاچقا، بەك كۆپ نەرسە كۆتۈرمەيتتىم. ھازىر، بىز كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولدۇق، كونا ئۆيلەرگىمۇ لىفىت ئورنىتىلدى!»

...

ھەربىر خەلق تۇرمۇشى ۋەدىسى پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان ئەمەلىي نەپكە ئايلاندى.

خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ھال ـ ئەھۋالىغا يېتىپ، بارلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈندى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، دىققەتنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مالىيە خامچوتىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈردى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. قىلىدىغان ئىش بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش ئىشقا ئاشقاندىلا، پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى ياخشى ئىشلەش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلىدى، بۇلتۇر شەھەر ـ بازارلاردا يېڭىدىن 477 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قويۇق خەلقچىل ھېسسىياتىنى نامايان قىلماقتا، پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرمەكتە.

ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، دائىرىسى كېڭەيتىلدى

«بۇ بىرنەچچە يىلدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى يىلمۇيىل ئۆستى، بۇنىڭغا ياشانغانلار ياردەم تولۇقلىمىسى قوشۇلۇپ، ماڭا بىر يىلدا 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تارقىتىلىدۇ!» دېدى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە ئابدۇل رۇسۇل تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي ھېسابلىغاچ.

ئابدۇل ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ئىدى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يار ـ يۆلەك بولدى.

شەھەر ـ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئېيىغا 560 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى يىلىغا 4600 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، بۇ 2016 ـ يىلىدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 184 يۈەن، 1745 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر ـ يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار ئىچىدىكى ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر مېيىپلەر، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلۈپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.

بەخت دېگەن نېمە؟ «ياشانغانلار كۈتۈنۈشتە پەرزەنتلىرىگە يۆلىنىۋالماسلىق، كېسەل بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش.» كۆكتوقاي ناھىيەسى دۈرە بازىرىنىڭ ئاھالىسى ما لەن نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلب ساداسىنى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق، ما لەن مۇقىم بولغان بەختنى ھېس قىلدى.

داۋالىنىش كاپالىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچى. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانى سىجىل ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانى 20 مىليون 613 مىڭ كىشىگە يېتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن مۇقىم يۇقىرى بولغان.

بەخت ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 20 مىليون 197 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتتى. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر ـ يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلانغان، كاپالەتلەندۈرۈش مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنماقتا.

ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى تورى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى، بەختلىك تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئىنتىلدۈردى.

كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈلدى

تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ يەسلىگە «كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كىرگۈزۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش... پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويدى. شەھەر رايونىدىكى «سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى سانى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، دەل جايىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە بېرىش يولىدا «بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، «ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش»تىن «ياخشى ئوقۇتۇش»قىچە بولغان ئارزۇ رېئاللىققا ئايلانماقتا. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %98.19، %95.69، %98.87كە يەتتى.

ھەممە كىشى ساغلام بولۇش، ھەممە كىشى بەختلىك بولۇش يېڭى دەۋرنىڭ چاقىرىقى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ئارزۇسى.

ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى پۇختا ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايون كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى سىجىل ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم ئىمزالاش كوللېكتىپىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېھتىياجى بار تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنى ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپ كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ياشانغانلار مېھىر ـ شەپقەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش، ياشانغانلار تېبابىتى ئىختىساسلىقلىرى ۋە داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى تەشكىللەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ياشانغانلار ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىدۇ.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، پۇختا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى. يېڭى بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات ـ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىدۇ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.