تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بارلىق شەيئىلەر سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا تەڭ شادلىققا چۆمدى

2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخلىق كەنتىدىكى غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونىدا، ئاپئاق سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇلار شادىمان ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە. بۇلتۇر قىش كىرگەندىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئىككى ئاق قۇ سۇلۇق يەر مۇھاپىزەت رايونى 500دىن ئارتۇق سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ ۋە نۇرغۇن ياۋا ئۆردەك، يېشىل باش ئۆردەك قاتارلىق ياۋايى قۇشلارنى ماكانلىشىپ قىشتىن ئۆتۈشكە جەلپ قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى باشا تېگىس فوتوسى

□ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

بۇ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ، بۇ جايدا بۈركۈتلەر قانات قېقىپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، بېلىقلار سۈپسۈزۈك سۇدا ئۈزۈپ، ھەممە ئۆز قابىلىيىتىنى ئەركىن نامايان قىلىدۇ. دەريا شىددەت بىلەن ئېقىپ، قۇملۇقلار ئارىسىدا بوستانلىقلارنى تۇتاشتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن شەمشادلار ھەيۋەتلىك تاغ چوققىلىرى ئارىسىدا يىراقتىكى ئوتلاقلارغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ.

بۇ، 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇرت - ماكانى، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان بۇ بىپايان تۇپراقتا ئۇلار شادلىنىدۇ، ئۇلار پىكىر يۈرگۈزىدۇ، ئۇلار كۈرەش قىلىدۇ، ئۇلار ھەربىر كۈنىدە، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېشىللىقنى تەبىئەتتىن كىشىلەر قەلبىگىچە يېيىلغان، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا بارلىق شەيئىلەر تەڭ شادلىققا چۆمگەن گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى.

سىستېمىلىق تۈزەش بارلىق شەيئىلەرگە قۇچاق ئاچتى

تۇيۇقسىز شامال چىقتى، ئېبنۇر كۆلىدىن سوغۇق ھاۋا كەلدى، ئاياغ ئىزلىرى ئۆچكەن يىراق بولمىغان جايدا، قىزىل تۈلكە چاتقاللىققا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. ئېبنۇر كۆلىنى مەركەز قىلغان 3082.18 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە 900 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك ئەجدادلىرىغا ئوخشاش ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

ئېبنۇر كۆلىنىڭ جىمجىتلىققا چۆمگىنىگە ئۇزاق يىل بولدى، ئىلگىرىكى كۆل بويىدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىدىغان ئارتېمىيە قوڭغۇزىنى تۇتۇش ئەترىتىدىكىلەر ئاللىقاچان كېتىپ قالغان، تۈرلۈك ئىمارەتلەرمۇ چېقىۋېتىلگەنىدى. شۇ تاپتا بۇ يەردىكى بىردىنبىر كىشىلەر توپى دەل شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىدى. «مۇھاپىزەت رايونىدا ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت قىلىش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى» دېدى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ياۋ شۇيىن.

قوغدالغىنى پەقەت ئېبنۇر كۆلىلا ئەمەس، 2018 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 3355 دەريا ئېقىنى، 121 كۆلنىڭ ھەممىسىنى دەرىجىگە ئايرىپ، بۆلەككە ئايرىپ دەريا، كۆل باشلىقى، دەريا، كۆل بۆلىكى باشلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 2022 - يىلىنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ ئادەمسىز رايون سىرتىدىكى دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىنى تولۇق بېكىتتى.

«ئىلگىرىكى دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىش ھەربىر بۆلەك دەريا، ھەربىر كۆلگىچە كونكرېتلاشتۇرۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى دەريا، كۆل باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ خۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، بىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دەريا، كۆللەرنىڭ ئەھۋالىنى تارىختىكى ھەرقانداق بىر مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ ئېنىق، كونكرېت ئىگىلىدۇق».

شىنجاڭ دەريا، كۆللەرنى تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، دەريا، كۆل تىزىملىكى، دەريا، كۆل باشلىقلىرى تىزىملىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېگى - تەكتى ئېنىق بولۇش، ئەھۋال ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «بىر دەرياغا بىر تەدبىر» «بىر كۆلگە بىر تەدبىر» لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ «سالامەتلىك»ىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىستېمىلىق قوغداش، تۈزەش شىنجاڭدىكى ھەربىر دەريا ئېقىنى، كۆلدە پائال ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى.

2018 - يىلى، ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى ئورمان بىنا قىلىش باشقارمىسىنىڭ نامى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىغا ئۆزگەرتىلدى. «بۇ، شىنجاڭنىڭ سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش ئاساسىي كەسپى ۋە يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.» ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى پېي يۈلياڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى جايلار بىر تەرەپلىمە ھالدا ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمىنىڭ ئېشىشىنى قوغلاشمايدىغان بولدى، ئورمان بىنا قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە چېكىنگەن ئورمان بۆلەكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى».

ئورمان بىنا قىلىشتا سۇ ئاچقۇچلۇق ئامىل. سۇ بايلىقىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن پايدىلىنىش ئەھۋالى ۋە كۆتۈرۈش ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنى ئويلىشىش ئاساسىدا، شىنجاڭ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى «مىقدار»دىن «سۈپەت»كە قاراتتى. ئالاقىدار تەرەپلەر ئورمان بىنا قىلىش تېخنىكا قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۆۋەن زىچلىقتىكى ئورمان بىنا قىلىشنى يولغا قويۇپ، مو بېشى تۈپ سانىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. شىنجاڭدا تېرەكنىڭ مو بېشى تۈپ سانى 200 تۈپتىن 44 تۈپكە تۆۋەنلىتىلدى، باشقا دەرەخ تۈرلىرىدىمۇ شۇنداق بولدى.

سۇ ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش زور مىقداردا ئازايتىلىش بىلەن بىللە، ئورمان بەلبېغىنى پەرۋىش قىلىش - قوغداش تەننەرخىمۇ بارا - بارا تۆۋەنلىتىلدى. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسى داڭلىق مەنزىرە رايونى لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يولغا جايلاشقان بولۇپ، تۆۋەن زىچلىقتىكى ئورمان بەلبېغىدىكى دەرەخلەر تىمەن ئۆسمەكتە. سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان ئاشۇ رايونلاردا، «تەبىئىي شارائىتقا ئەمەل قىلىپ ئورمان بىنا قىلىش» ئۇقۇمى كەڭ قوللىنىلماقتا. تارىم دەرياسى بويىغا سىجىل كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىش دۆلەت ئىچىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ توغراقلىقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

بىپايان ئوتلاقتا چارۋىچىلار، كالا - قويلارنىڭ كۆچۈپ بۇ يەردىن ئايرىلىشى بىلەن، يەر ئاستى سۇ ئورنى ئۆرلەپ، ئوتلاقلار جانلاندى؛ چەكسىز كەتكەن چۆللۈكتە قاشالار دائىرىنى قوغدىدى، يۇلغۇن، سۆكسۆكلەر كۈندىن - كۈنگە بۈك - باراقسان ئۆستى؛ تۇتاش كەتكەن تەبىئىي ئورمان رايونىدا دەرەخ كەسكۈچىلەر ئورمان مۇھاپىزەتچىسىگە ئايلاندى، ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا شەمشادلار ئاسمانغا تاقىشىپ، يىلپىز، ئېيىقلار بىمالال يۈرىدىغان بولدى؛ ئوت - چۆپلەر بۇلۇق ئۆسكەن سۇلۇق يەردە سۇ مەنبەسىنى تولۇقلاش سىجىل كۈچەيتىلدى، ئاق قۇلار ئۇسسۇلغا چۈشتى، سۇ پارى ئەتراپقا تارالدى. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشتىكى سىستېمىلىق شەكلى بۇ زېمىندىكى بارلىق شەيئىنى قوينىغا ئالدى.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى كىشىلەر قەلبىنى يېشىللىققا ئورىدى

2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، سانجى شەھىرى تۇدۇڭخابا دەرياسى بويىدىكى قار - مۇز چوڭ دۇنياسىدا مۇز چىراغلار نۇرلۇق جۇلالاندى. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان مۇز چىراغ ئالدىغا كىشىلەر پات - پات كېلىپ، بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا، 36 ياشلىق مامۇت قالى بەش ياشلىق قىزى كۇنانى يېتىلەپ 60 نەچچە مېتىر مېڭىپ، ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كەلدى. كىچىك كۇنا قولىنى كۆتۈرۈپ، ساپاقلىق كەمپۈتنىڭ ئورىما قەغىزىنى ئەخلەت ساندۇقىغا سالدى.

«ھازىر كۆز قارىشىمىز ئۆزگەردى، ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئورالما خالتىلارنىڭ يەرلەرگە تاشلانغانلىقىنى كۆرسەك بىئارام بولىمىز، بالىلارمۇ ئۇنداق قىلمايدىغان بولدى.» مامۇت دەريا بويىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەر ئىلگىرى سېمونت زاۋۇتى ئىدى، تۇدۇڭخابا دەرياسىنى ئىلگىرى مەينەتچىلىك بېسىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرقى قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتكۈل جۇڭگودىكىگە ئوخشاش، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنىڭ بىرى دەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقى بولدى.

قانۇن ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنىڭ قاتتىق چەكلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى بىلەن بىللە، «گۈزەل جۇڭگو» قارىشى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاڭلىقلىققا ئايلاندى. ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان ئېكولوگىيەنى تۈزەش تەجرىبىسى دەلىللەنگەن ھامانلا، دەرھال تاراتقۇ، ساھە قاتارلىق تۈرلۈك كۈچلەردىن پايدىلىنىپ تېز تارقىتىلدى.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى كەڭشىۋەر كەنتىدە، ماتاي قادىر پۈتۈن كەنتتىكى 152 ئائىلىلىك چارۋىچى بىلەن بىللە، پاكىز تەبىئىي گاز ئىشلىتىشكە كۆنۈپ قالدى. بورتالا شەھىرىنىڭ دالتۇ بازىرىدا توك پار ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاھالىلەر كۆمۈر ئىسىنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدى.

پاكىز ئېنېرگىيە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۈزلۈكسىز قوللىنىلدى. تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدىكى غەربتىن شەرققە سوزۇلغان كەڭ رايوندا ئوتلاق، چۆللۈك ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان غايەت زور شامال گېنېراتورلىرى شامال كۈچىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرىدۇ.

كىشىلەر تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدى، بۇنىڭدىن ئەڭ ئاخىرقى مەنپەئەتلەنگۈچىلەر بارلىق شەيئىلەر، جۈملىدىن بىز ئۆزىمىز.

سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان كىشىلەرنى يېشىل تاغلاردىكى مولچىلىقتىن بەھرىلەندۈردى

2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كېچىدە، ئۈرۈمچىدىكى نەنسەنگە جايلاشقان يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدىكى ھەممە يەرگە داڭقى كەتكەن ئەيۋېن قار تېيىلىش يولىدا خۇ پېڭ تېيىلىپ 3 - باسقۇچقا كەلگەندە توختىدى. «بۇ يەرنى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ھاياتلىقنىڭ تەپەككۇر نۇقتىسى دەپ ئاتىشىدۇ، قار تېيىلىش يولى بەك تىك بولغاچقا ھەممەيلەن بۇ يەردە ئۆزىنى تەڭشىۋالىدۇ. مەن بۇ يەردە مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاندىن كېيىن چۈشۈپ كېتىمەن، قاراڭ، نېمىدېگەن گۈزەل» دېدى خۇ پېڭ.

كېچىدە، ئۈرۈمچىدە چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، كەينى تەرەپتە تىيانشان شەمشادى يۇلتۇزلار نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى، تاغ ئېتىكىدىكى سۈپەتلىك قار يولىدا قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ نەتىجىسى بۇ يەردە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قار يولى بىلەن مۇكەممەل بىرلىشىپ، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

خۇ پېڭ شاڭخەيدىن كەلگەن بولۇپ، قار تېيىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. «بۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى، مەن بۇ يەرگە ھەر يىلى نەچچە قېتىم كېلىمەن. يەنە ئالتايدىكى شىياڭ قار تېيىلىش يولىدا تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىلا قار تېيىلىپ كەلدىم.» خۇ پېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇنچە ياخشى بايلىقتىن بەھرىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن».

خىرۇستالدەك قار - مۇزلار شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. ساياھەتچىلىك كەسپى بولسا شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى. دەل ئەلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تايىنىپ، قاناس قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. 2021 - يىلى، شىنجاڭ جەمئىي كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 191 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 141 مىليارد 569 مىليون يۈەن بولدى. بۇ يىل تىرىشىپ 250 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى يېڭى مەنزىرىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش بۇ يەرنى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىپ كەتكەن ئېكولوگىيە سىرتمىقىدىن قۇتۇلدۇردى، توغراق، دەريا، قۇملۇق، ئۆرپ - ئادەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ گۈزەل نامى يىراق - يېقىنغا تارقالدى. قەشقەردە تۈمەن دەرياسىنى تۈزەش ۋە كۆپ يىل سىجىل داۋاملاشقان ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ئارقىلىق قۇم - بوران دەرىجىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپەيدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشكە قارىتا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۆھپە قوشۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا مۆلچەرلىگۈسىز بايلىق ئېلىپ كەلمەكتە. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى 22 مىليون مو باغ شىنجاڭدىكى دېھقانلارنى ئۈچتىن بىر قىسىم ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئوتتۇرىچە كىرىم بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى ئاقسۇ كۆكيار قۇرۇلۇشى.

بۇ، ئادەم بېيىيدىغان، دەرەخ كۆكلەيدىغان، ئورماندىن پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش بولۇپ، «ئېكولوگىيە ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان، مەنزىرە ئورمىنى»دىن ئىبارەت ئۈچ ئورماننى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىلمىي ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەم ئىلگىرىكى قۇم - بوران مەنبەسىنى يۇلتۇزلاردەك تارقالغان ئېكولوگىيە توسۇقىغا ئايلاندۇردى، ھەم چۆل - جەزىرىنى مول مېۋە بېرىدىغان بوستانلىق باغقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «يېشىل بانكا»غا ئايلاندۇردى.

بارغانسېرى كۆپ قوغدىلىشقا ئېرىشكەن تەبىئىي بايلىقلار كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان ئېكولوگىيە قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 20 نەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئورمان ئېكولوگىيەسى مۇلازىمەت قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ ئورمان ھوقۇقى، سۇ ھوقۇقى ئىسلاھاتى بايلىق مەنبەسى ۋە بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى؛ يېشىل كان قۇرۇلۇشى كانچىلىقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭنىڭ شەھەر - يېزىلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشى ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بەرگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى. 2022 - يىلىنىڭ باھارى يېتىپ كەلمەكتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تېخىمۇ ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك نەزەر بىلەن تەبىئەتكە يۈزلەندى، بارلىق شەيئىلەر سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا تەڭ شادلىققا چۆمدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.