تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«چولپان كەنت»تىكىلەر پايدا تەقسىملەش بىلەن ئالدىراش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس

1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى تاغلاق كەنت كومىتېتى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، كەنت ئاھالىلىرى بالدۇرلا يىغىن زالىغا كېلىپ، «گۈييۈەن تيەنجۈ. تاغلاق كەنتى» تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىنىڭ پايدا تەقسىملەش يىغىنىغا قاتناشتى.

«پايدا تەقسىملەيدىغان بۇ كۈننى كۈتۈۋاتقىنىمىزغا خېلى بولدى!» «بۇ يىل ساياھەتچىلەر كۆپ، پايدىمۇ ئاز بولماس؟»... كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنازىرە قىلىشتى.

كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى، كەنت ئاھالە كومىتېتى كادىرلىرى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىنىڭ 2021 - يىللىق تىجارەت ئەھۋالى، پايدا تەقسىملەش لايىھەسى ۋە پايدا تەقسىملەش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى تەقسىملەنگەن پايدىنى رەت نومۇرى بويىچە ئالدى.

2019 - يىلى، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى تاغلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىكار تۇرغان يەرلىرىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئېتىزلارغا ئۆزگەرتىپ، «گۈييۈەن تيەنجۈ . تاغلاق كەنتى» تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلدى. ناھايىتى تېزلا مەنزىرە رايونىدىكى ئۇچار تەخسە رېستۇرانى، پويىز ئائىلىۋى مېھمانخانىسى، يۇلتۇزلۇق ئاسمان چېدىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرۈپ جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندى، تاغلاق كەنتىمۇ يىراق - يېقىنغا داڭلىق «چولپان كەنت»كە ئايلاندى.

«پايچىك بولۇپ تەقسىملەنگەن پايدىغا ئېرىشىش ئىلگىرى چۈشىمىزگىمۇ كىرمەيتتى!» دېدى كەنت ئاھالىسى مېھرىبانگۈل نىياز پايدا تەقسىملەنگەن پۇلنى ساناپ ھاياجانلانغان ھالدا. ئىلگىرى ئېتىزدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدىغان بولغاچقا، مېھرىبانگۈل كۆڭلەكنى ناھايىتى ئاز كىيەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ھەر كۈنى چىرايلىق ياسىنىدىغان، ھەر كۈنى ھەرخىل كۆڭلەكلەرنى كىيىدىغان بولدى.

«مەن مەنزىرە رايونىدا مۇلازىم بولدۇم، بۈگۈن ماڭا 3000 يۈەن پايدا تەقسىملەندى، بۇ بىرنەچچە يىلدا، مائاش ۋە پايدا تەقسىماتى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى!» دېدى مېھرىبانگۈل خۇشال ھالدا.

«كەنتىمىزگە بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەر كېلىدۇ، ساياھەتچىلەر بىزنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل جايدا ياشىغىنىمىزغا تولىمۇ ھەۋەس قىلىدۇ.» 8000 يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملەنگەن روزى ئىدىل خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالغانىدى.

تەقسىملەنگەن پايدىنى ئالغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بىر - بىرىنى تەبرىكلىدى.

مەمەت تۇرسۇن تەقسىملەنگەن پايدىنى ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى. ئىككى يىل بۇرۇن، تېخى قوي بېقىۋاتقان ئۇ كەنتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، قوشنىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاقسۇ مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تاغلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندى. مەمەتنىڭ نان ياقالايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش سارىيى»نىڭ يېنىغا تونۇر سېلىپ بەردى. مەمەت ياققان نانلار ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 1500 يۈەن كىرىم قىلدى.

مەمەت يەنە ئائىلىسىدىكى بىكار تۇرغان ئۆيىنى باشقىلارنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىشىغا ئىجارىگە بېرىپ، ھەر يىلى ئىجارىدىن 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تاغلاق كەنتىدىكى 258 ئائىلىلىك 731 كىشىنىڭ ئىچىدە %80كە يېقىن دېھقان - چارۋىچى ساياھەت كەسپىدىن بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىپ، مەنزىرە رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، سەھرا ئارامگاھى تىجارىتى قىلىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرغان. 2021 - يىلى بۇ كەنتتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

كەنت ئاھالىسى تۇنىياز ئەۋەيىللا مەنزىرە رايونىدا باشقۇرغۇچى بولدى. ئۇ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلالايدۇ، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەر يىلى پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشىشىنى، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.