تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش»نىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، باھار بايرىمى ئىللىقلىققا چۆمدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«ھەي... توك پار ياخشى نەرسە ئىكەن.» 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، پوسكام ناھىيەسى ئاقتام يېزىسى باغئاۋات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تاشخان تۇردى ئۆيىدىكى بۇ يېڭى نەرسىنى تىلغا ئالغىنىدا، خۇددى كىچىك بالىدەك خۇشال بولۇپ كەتتى.

«ھۆكۈمەت پۇقرالارغا ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، <كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلەتكەندىن> كېيىن، ئۆيىمىز ئىللىقلىققا تولدى، كۆمۈر توشۇپ مەشكە ئوت قالىمايدىغان بولدۇق، قولاي ھەم پاكىز ئىكەن. مەن بۇ ياشقا كەلگىنىمدە، بۇ ياخشى ئىشقا ئۈلگۈرەلىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!» 60 نەچچە ياشلىق تاشخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆيىدە ئىلگىرىكىدەك كۆمۈر ئىسى پۇرىمايدىكەن، راھەت ئۇخلاش ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ قىشتىكى ئەڭ بەختلىك ئىش بولۇپ قالغان.

«يېڭى مەيدە كۆك دۇغ لەيلەر چۈمۈلىدەك، سېغىز مەشتە ئوت لاۋۇلدار ئەينى گۈلدەك. كېلەلەمسەن بىرەر جامدىن ئىچىشكىلى؟ كەچكە يېقىن ئاسماندىن ئاق قار چۈشكۈدەك.» مەش تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشى بۇ قەدىمىي شېئىرنى ئېسىگە ئېلىشى مۇمكىن، بۇ قەدىمىي شېئىر نەپىس، رومانتىك يېزىلغان. ئەمما، تاشخاننىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، مەشكە ئوت قالىغاندا، كۆمۈر قالاپ ئىسسىنغاندا، كىيىملىرىنىڭ ياقىسى ۋە يەڭلىرىگە كۆمۈرنىڭ كۈلى قوناتتى، ئۆي كۆمۈر ئىسىدا قاپقارا بولۇپ كېتەتتى، ئۇخلىسىمۇ خاتىرجەم ياتالمايتتى، ھەر ۋاقىت كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلەتتى.

«كۆمۈر قالاپ ئىسسىنغاندا، يېرىم كېچىدە يەنە قوپۇپ مەشنىڭ <پېيىدا> بولۇشىمىزغا توغرا كېلەتتى، مەشتىكى ئوتنىڭ ئۆچۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق. كۆمۈر توشۇش، كۈل تۆكۈش ياشىنىپ قالغان ئادەمگە نىسبەتەن بىر يۈك بولىدىكەن.» ياشنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىشنى تاشخان بارغانسېرى قولايسىز ھېس قىلىدىغان بولدى.

خەلقنىڭ ئارزۇسى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى قىلىندى. مۇھىتنى قوغداپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەنى پاكىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2021 - يىلى پوسكام ناھىيەسى «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا 8500 ئائىلىنى ئۆزگەرتتى، تاشخاننىڭ ئائىلىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.

شۇ يىلى 11 - ئايدا، تاشخان ئائىلىسىنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىپ ئىسسىنىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى. قىش كىرگەندىن كېيىن، تاشخاننىڭ ئۆيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاساسىي جەھەتتىن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىدى. «ھازىر كېچىچە ئىسسىققىنا قېنىپ ئۇخلىيالايدىغان، يېرىم كېچىدە تۇرۇپ مەشكە كۆمۈر سالمايدىغان بولدۇق.» تاشخان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كېكىردەك ياللۇغى كېسىلىم بۇ يىل قايتا قوزغالمىدى».

«تېمپېراتۇرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدىكەن، ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇق. ئوچاققا ئوت قالىمايدىغان، بالىلارنىڭ ئوچاقتىكى ئوتتا كۆيۈپ يارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق.» تاشخان موماينىڭ ئوغلى ياسىن سادىر مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئىسسىنىش ئۈچۈن بىر قىشتا تەخمىنەن ئىككى توننا كۆمۈر قالايتتۇق، 2000 يۈەنگە يېقىن پۇل خەجلەيتتۇق، ھازىر توك بىلەن ئىسسىنىشقا ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، توك باھاسىدا يەنە ئېتىبار بېرىدۇ، ھەقىقەتەن تېجەشلىك ھەم بىخەتەر».

«<كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش> ئائىلىمىزنىڭ شارائىتىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا كەنتنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، قەلبىمىزنى ئىللىتتى.» «توك پار مەشغۇلاتى ئاددىي، قولايلىق بولۇپ، پەقەت بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئاچقىلى، ئەتكىلى بولىدۇ، ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلارمۇ بىمالال مەشغۇلات قىلالايدۇ.» «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش»نىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى تىلغا ئېلىنغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدىكى توكلۇق ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلاندى، كىشىلەرنىڭ روھى ئۇرغۇدى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ ئاشتى.» باغئاۋات كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى: 2021 - يىلى كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 140 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 14 مىڭ يۈەن بولدى.

تاشخان ئائىلىسىگە ئوخشاش، ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا 892 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچى مۇشۇنداق بەختتىن بەھرىمەن بولماقتا. «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مۇھىتى پاكىز، رەتلىك، مەنزىرىسى يېقىشلىق گۈزەل يېزا - كەنت رەسىمى ئاستا - ئاستا يېيىلدى.

دېرىزە سىرتىدا سوغۇق شامال غۇيۇلدايتتى، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» نەتىجىسىدە باغئاۋات كەنتىدە قىش ئەمدى سوغۇق بىلىنمەيدىغان بولدى. بۇ بىرقانچە كۈندە، تاشخان ئائىلىسىدىكىلەر ھويلا - ئاراننى تازىلاش، باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز كەنتتە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشتە شەھەرلىكلەردىن قېلىشمايمىز، بەك راھەت».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.