تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ «چوڭ بايرىمى» يېتىپ كەلدى

​− 300 مىليون كىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە ئاتلاندى، شىنجاڭدا مەن بار(2)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

دېھقانلار كالېندارى بويىچە رېنيىن يولۋاس يىلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئۈرۈمچى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ باش مۇدىرى چېن ليەنشېڭ قار تېيىلىش مەيدانىغا تېخىمۇ كۆپ بارىدىغان بولدى. «باھار بايرىمى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭمۇ <چوڭ بايرىمى>.» 61 ياشلىق چېن ليەنشېڭ خۇشاللىقىنى بېسىۋالالماستىن: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولى تولىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ باھار بايرىمىدا مەن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم» دېدى.

ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ قىزىقارلىق قار - مۇز تەسىراتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىن چىقىش قىلىپ، زامانىۋىلاشقان قار - مۇز ساياھىتى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز «چوڭ بايرىمى»نى تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشتى.

«بەييۈن»دە ئەمدى ئاتنىڭ چاپقىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ

قار تېيىلىش مەيدانىدا جاپالىق ئىش باشلىنىۋاتقاندا، «ئاق بۇلۇت ئاستىدا ئاتلار چاپماقتا» ماۋزۇلۇق ئاخبارات خەۋىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى چېن ليەنشېڭنىڭ ھازىرغىچە ئېسىدە. ئەمەلىيەتتە، بۇ، شېئىردىكى تەسۋىردەك ئەمەس، بەلكى قىيىن ئەھۋال ۋە ئامالسىزلىق سەۋەبىدىن شۇنداق بولغانىدى − ئەينى چاغدا توكلۇق يول، ئاسما ۋاگون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر يوق ئىدى، پەقەت ئات چانىسى بىلەن قار تېيىلغۇچىلارنى تاغقا ئېلىپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى، بۇ، VIP مۇلازىمىتى ھېسابلىناتتى. تېخىمۇ كۆپ قار تېيىلىش ھەۋەسكارى چاڭغىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاتقا مىنىپ تاغقا چىقىپ، بىر كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىملا قار تېيىلىيالايتتى، ھارغىنىدىن ھالىدىن كېتەتتى.

26 يىل ئىلگىرى، ئۇ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ نەنسەن تېغىدا مەبلەغ سېلىپ بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنى قۇردى، شۇنىڭدىن باشلاپ قار - مۇز كەسپىگە رىشتە باغلىدى. ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاپتوموبىل ئەترىتىنى سېتىۋېتىپ، تاشقى سودا شىركىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، قار تېيىلىش مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشتىن ھازىرقى «300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نەتىجىسىدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان پايدىدىن تولۇق بەھرىلىنىشكىچە، چېن ليەنشېڭ ئىسسىق - سوغۇق، جاپا - مۇشەققەتنىڭ ھەممىسىنى باشتىن كەچۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دەرىجىسى 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىغا ئۆستۈرۈلدى، ئېگىز تاغ ئورمانلىقىغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئىككى لىنىيەدىكى قار تېيىلىش ۋە سەيلە قىلىش ئاسما ۋاگونى، ئالتە لىنىيەدىكى توكلۇق يول بار بولۇپ، تاغ ئېتىكىدىن تاغ چوققىسىغا چىققۇچە پەقەت ئون نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ.

بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى بار، ئومۇمىي قار يولىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 700 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئەيۋېن قار تېيىلىش يولىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسما ۋاگون يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1750 مېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك پەرقى 500 مېتىر، تاق مۇساپىلىك يۈرۈش ۋاقتى تەخمىنەن بەش مىنۇت.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرى تىزىملىكىدە، «بەييۈن» ۋە «يىپەك يولى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى ئالتاي قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى بىلەن بىللە تىزىملىككە كىردى.

ھازىر، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭى تىجارەت باشلىغان، كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىمۇ توكلۇق يول، سۆرىمە ئارقان قاتارلىقلار ئۆلچەملىك سەپلىمە ھېسابلىنىدۇ. «بەييۈن»دە ئەمدى ئاتنىڭ چاپقىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بار بولغىنى توكلۇق يول، سۆرىمە ئارقان، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسما ۋاگون.

قار تېيىلىش، قاردا كۆڭۈل ئېچىشتىن خۇشاللىق تېپىش

«بۇ ئىككى يىلدا، بۇ يەرنىڭ شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، قار تېيىلىش تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى» دېدى ئەمدىلا ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدىن قار تېيىلىپ قايتىپ كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى چياۋ يۆجيەن.

بۇ ھەم تېخىمۇ كۆپ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى. يېقىندا، «جياڭجۈن تېغىدىكى ئەڭ گۈزەل كەچكى شەپەق» «جياڭجۈن تېغى كۆڭۈل ئېچىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي!» قاتارلىق دوۋيىن پاراڭ تېمىلىرى قىزغىن ئالقىشلاندى، پۈتۈن توردا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 80 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى.

دوۋيىندا 1 مىليون 100 مىڭ مەستانىسى بار «ياۋشۇن بۇئېر» يەككە چاڭغىدا قار تېيىلىش تىرېنېرى، شۇنداقلا نوپۇزلۇق ساياھەت ھېس قىلىش ئۇستىسى، ئۇ قار يولى، ئاسما ۋاگون، يېمەك - ئىچمەك، مۇلازىمەت، ئەتراپتىكى قونالغۇ، قار تېيىلىش بېلەت باھاسى، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال باھالاپ مۇنداق دېدى: «قىلچە مۇبالىغە قىلماي ئېيتقاندا، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنى دۆلەت ئىچىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ئارا <ئەڭ ئالقىشلىق جاي>دېيىشكە بولىدۇ»!

2009 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ھازىر 51 قار تېيىلىش يولى بار بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 45 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، پەشتاختىن سەكرەپ قار تېيىلىش، شىمالىي ياۋروپا ئىككى تۈرى، دالىدا قار تېيىلىش، قىشلىق ئىككى تۈر، قار ئۈستى ماھارىتى ھەم قوغلىشىش، پاراللېل چوڭ ئايلىنىش، ئەركىن قار تېيىلىش، يەككە چاڭغىدا قار تېيىلىش قاتارلىق زور بىر قىسىم قار ئۈستى تۈرلىرىدە مەشىقلەندۈرۈش ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. «بىزنىڭ نىشانىمىز مەملىكەت بويىچە ئەڭ جەلپ قىلارلىق، ئەڭ قىزىقارلىق قار تېيىلىش مەيدانى بەرپا قىلىش» دېدى شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ مەسئۇلى شى جىچياڭ.

قار تېيىلىش مەيدانىدىكى خۇشاللىق پەقەت قار تېيىلىشلا ئەمەس. بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قار تاماشا قىلىش شادلىق باغچىسىدا قارلىق تانكىسى، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى، شياڭجياۋ كېمە قاتارلىق قار ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى نۇرغۇن بالىنى جەلپ قىلدى. قار مەيدانىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش رايونىغا چوڭ تىپتىكى ئۆي ئىچى بالىلار شادلىق قەلئەسى، سېيرىلغۇچ، سۇ شارچىسى، قاڭقىتىش كارىۋىتى، قىياغا يامىشىش، نيەننيەنلې قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئويۇن تۈرى تەسىس قىلىندى. قار تېيىلىش مەيدانى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ شادلىق سورۇنى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ قار - مۇز شادلىق باغچىسى بولۇپ قالدى.

قار تاماشا قىلىشنىڭ شادلىقىدىن يالغۇز شىمالىي شىنجاڭدىكىلەرلا بەھرىمەن بولغىنى يوق. 2019 - يىلى قۇرۇش پىلانلانغان، 2021 - يىلى پۈتكەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى چۈەنيۈ شىڭكۇڭ خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1500 مو بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ بىرى. بۇ جايدا، ساياھەتچىلەر قار تېيىلىشتىن باشقا، يەنە ئون نەچچە خىل قار تاماشا قىلىش تۈرىگە قاتنىشالايدۇ.

بارغانسېرى كۆپ قار تېيىلىش مەيدانى تەنھەرىكەت، چېنىقىش، ئىستىراھەت، دەم ئېلىش، سەيلە - ساياھەت، يىغىن ئىشلىرى بويىچە كۈتۈۋېلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ ئىقتىدارلىق، زامانىۋىلاشقان قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بولۇپ قالدى.

باھار بايرىمى ھەم تەكشۈرۈپ سىناش پۇرسىتى بولدى

شىنجاڭلىق قار تېيىلىش ھەۋەسكارى لو كېنىڭ قار تېيىلىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى، ئۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ دائىملىق مېھمىنى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، يۇمشاق، قاتتىق دېتال قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە يەنە يۈكسەلدۈرۈشكە بولىدۇ.» ئۇ مۇنداق قارىدى: كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، «كەسپىي باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى، يۈرۈشتۈرۈش ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولغاچقا، ئومۇمىي يىرىك پىلان لايىھەسى، يۈرۈشتۈرۈش - باشقۇرۇش جەھەتتە كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم».

شىنجاڭ داشۆ ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور شيې شيا مۇنداق قارىدى: جەزمەن قار تېيىلىش مەيدانلىرى ۋە ئەتراپتىكى يانداش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان قار - مۇز ساياھەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەسىلەن، قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا تېيىلىپ كىرگىلى، تېيىلىپ چىققىلى بولىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانساراي قۇرۇش، ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى بىلەن مەنزىل ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسى ئېچىش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قار - مۇز كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتلىك سىرتقى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، قار - مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

شى جىچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قار مىقدارى كۆپ بولۇش، قار مەزگىلى ئۇزاق بولۇش، قار سۈپىتى ئەلا بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ ئىستىراھەت رايونى شىنجاڭ سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، قار تېيىلىش، دەم ئېلىش، ئىستىراھەت، سەيلە قىلىش، سالقىنداش، دالا تەنھەرىكىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنى ئورتاق قۇرۇپ، يېڭى قار تېيىلىش مۇلازىمەت زالى ھەمدە قار تېيىلىش ئىستىراھەت كىچىك بازىرى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، مەززىلىك تائاملار مەيدانى، سودا كوچىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. «مۇلازىمەت جەھەتتە، بىز داۋاملىق قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قانداق مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇ خىل مۇلازىمەتنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز. بۇ باھار بايرىمىدا، قار تېيىلىش مەيدانى جەزمەن قىزىپ كېتىدۇ، بۇ ھەم بىر قېتىملىق ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ سىنايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.