تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنى تىنچ ـ ئامان ئۆتكۈزۈشىگە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنى تىنچ ـ ئامان ئۆتكۈزۈشىگە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇھىت، ھاۋا سۈپىتى، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى، شەھەر مۇھىتى تازىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرامنى تىنچ ـ ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزى پونكىتىدا، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۇيتۇن − مايتاغ − شىخو» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دائىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكتە تۈزەش ئارقىلىق، نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشتىكى تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مېتېئورولوگىيە، مۇھىت قوغداش تارماقلىرى بىلەن كېڭىشىش مېخانىزمىنى ئورتاق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون مۇھىتى، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى ئىگىلەپ، ئۆزئارا تايىنىش ۋە دىيالېكتىك بىرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ شىمالىي مەيدانىدىكى ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزى، ئۈرۈمچى گاۋتيې خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىگە كېلىپ، يولۇچىلار، يولۇچى توشۇش بېكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مۇداپىئەلىنىش، توشۇش كۈچى مۇلازىمىتى كاپالىتى قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇشتا، ساغلاملىق كودى بويىچە «بىر كود ئارقىلىق يۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، ناچار ھاۋا رايى، تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسى قاتارلىق تۈرلۈك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورتنى ماسلاشتۇرۇپ جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توشۇش كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئادىمىيلەشكەن مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى يۈنتەيشەن كوچىسىغا جايلاشقان مۇھىت تازىلىقى پونكىتىغا كىرىپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ھەربىر كىشىنىڭ خىزمەت، ئائىلە ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، ئۇلارنىڭ پاكىز، گۈزەل، ئازادە شەھەر قىياپىتى مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە تەرىپلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك خىزمەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە قىش پەسلىدە ئىسسىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلار مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، مۇھىت تازىلىقى ئىشلىرىنى قوللايدىغان، مەدەنىيلىك، پاكىزلىقنى قەدىرلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.