تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ كىتابچىسى قاتارلىق بەش ئەسەرنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇاڭ چيەنتيەن) يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ كىتابچىسى، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋابلار» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» «ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىغا دائىر بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ناملىق بەش ئەسەرنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى بىرلەشمە نەشرىيات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلار ئارىسىدا ئىزچىل قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ھەر ساھە زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ۋە ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ھەر ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەر بۇ ئۇلۇغ ئىدىيەنىڭ نەزەرىيەۋى پەزىلىتى، ئىدىيەۋى سېھرىي كۈچى، ئەمەلىي قىممىتىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشىنىپ، ئۇنى ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش ھېسسىياتىغا سىڭدۈرۈشنى، ئۇنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. بەش ئەسەرنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى ھەر ساھە ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەرەققىيات مۇددىئاسى، تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئوقۇپ چۈشىنىشى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر، سالماقلىققا ئىگە ئىدىيەۋى سېھرىي كۈچى، قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇشتەك مەدەنىيەت سېھرىي كۈچى، يېقىشلىق ۋە ئاددىي - ساددا بولغان كىشىلىك پەزىلەت سېھرىي كۈچى ۋە ئالىيجاناب، سەمىمىي بولغان خەلقچىل ھېسسىياتى، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، مىللەت مۇھەببىتى، دۇنياۋى مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر «ئىدىيە كۆزنىكى» «نەشر كۆزنىكى» ئېچىپ بەردى.

نۆۋەتتە، بىرلەشمە نەشرىيات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى 150تىن كۆپرەك ئەمەلىي گەۋدە كىتابخانىسىدا بەش ئەسەرنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسىنى ئومۇميۈزلۈك بازارغا سالدى ھەم نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىپ ساتتى، بىرلەشمە نەشرىيات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ قارىمىقىدىكى مەدەنىيەت ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى «يىبېن»، ئاخبارات ئۇچۇر سۇپىسى «چېڭ شىنۋېن»، كىتاب مۇلاھىزىسى، كىتاب تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بەش ئەسەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تونۇشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بۇ گۇرۇھ شياڭگاڭدىكى گاڭداۋ، شىنجيې ۋە جيۇلۇڭ قاتارلىق رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، رايونلۇق كېڭەش ئورگىنى، چوڭ تىپتىكى ئاھالە رايونى، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم مەكتەپلىرى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەھەللىلەرگە يۈزلەنگەن «مەھەللە كىتاب ئارىيەت بېرىش كۈنى» ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن «سەييارە كۇتۇپخانا» قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بەش ئەسەرنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.