تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​«<14 - بەش يىل>لىق زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

گوۋۇيۈەن

​«<14 - بەش يىل>لىق زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، گوۋۇيۈەن «<14 - بەش يىل>لىق زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇلمىسى ئەلالاشقان، بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ جىپسىلاشتۇرۇلغان ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان، يۇغۇرۇلغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېشىل، بىخەتەر بولغان، ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «يىرىك پىلان»دا چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ياخشى ئاۋانگارت بولۇش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، جىپسىلاشتۇرۇش، يۇغۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش قاتارلىق ئاساسىي پىرىنسىپلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«يىرىك پىلان»دا بېكىتىلگەن ئاساسىي نىشان: 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورتىدا بىر گەۋدىلەشكەن يۇغۇرما تەرەققىيات ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇشتا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار، مۇلازىمەت سۈپىتى، يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە ئومۇمىي ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، قاتناش - تىرانسپورتنىڭ تەرەققىياتى دۇنيادا 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ. 2035 - يىلىغا نەزەر سالساق، قولاي، راۋان، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، يېشىل، تۈجۈپىلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئىلغار بولغان زامانىۋىلاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ، «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر، ئىككى، ئۈچ سەپەرگە چىقىش قاتناش چەمبىرىكى» (مەركىزىي شەھەر رايونىدا بىر سائەتتە بېرىپ - كېلىش، شەھەرلەر توپىدا ئىككى سائەتتە يېتىپ بېرىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ئارىسىدا ئۈچ سائەتتە بېرىپ بولۇشنى قاپلاش) ۋە «يەر شارىۋى بىر، ئىككى، ئۈچ تېز مال يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى چەمبىرىكى» (تېز يەتكۈزۈلىدىغان ماللارنى دۆلەت ئىچىگە بىر كۈندە يەتكۈزۈش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئىككى كۈندە يەتكۈزۈش، دۇنيادىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئۈچ كۈندە يەتكۈزۈش) ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

«يىرىك پىلان»دا توققۇز جەھەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ «قاتناش سىزما رەسىمى» ياخشى سىزىپ چىقىلىدۇ. ئىككىنچى، قاتناش - تىرانسپورتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تىرەك مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، شەھەر - يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتى پەرقلىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، شەھەرلەر توپى ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدە قاتناشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. تۆتىنچى، ئەلا سۈپەتلىك تىرانسپورت مۇلازىمەت تەمىناتى كېڭەيتىلىپ، تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك، سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. بەشىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىنى چوڭقۇر كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېزلىتىلىدۇ. ئالتىنچى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ. يەتتىنچى، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئاساسى پۇختىلىنىپ، بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كاپالەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. سەككىزىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. توققۇزىنچى، دىققەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ.

«يىرىك پىلان»دا بەش جەھەتتىكى كاپالەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ قاتناش - تىرانسپورت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىدۇ. ئىككىنچى، تارماقلار ماسلىشىش، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش كۈچەيتىلىپ، يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ياخشى ئىشلىنىدۇ. ئۈچىنچى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىدۇ. تۆتىنچى، تارماق ھالقىغان، رايون ھالقىغان مۇھىم، زور تۈرلەرنى ماس ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بايلىق مۇھىم ئامىل كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ. بەشىنچى، يىرىك پىلاننى باھالاش ۋە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش ياخشى ئىشلىنىپ، يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.