تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نۇسخىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا بازارغا سېلىنىپ تارقىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچىدىن ئىبارەت بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرى مەخسۇس كىتاب جازىسى تەسىس قىلىپ، نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىپ ساتتى.

مۇخبىر شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىنىڭ 2 ـ قەۋەت زالىدا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى نۇسخىسىدىكى كىتاب مەخسۇس جازىسى ئالدىدا، نۇرغۇن ئوقۇرمەننىڭ ئوقۇۋاتقانلىقىنى، تاللاپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «مەن ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا <تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن» دېدى شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى مىللەتلەر يېزىقى تەھرىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلمۇرات ئەمەت.

«<شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا> ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى مىللەتلەر رايونىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق» دېدى مىللەتلەر نەشرىياتى قازاق يېزىقى ئىشخانىسىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى گۈلباھار مۇقامەت.

شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىنىڭ خىزمەتچىسى نۇربىيە ئابدۇكېرەم مۇنداق تونۇشتۇردى: تارقىتىلغان كۈنى، كىتاب شەھەرچىسى نۇرغۇن ئورۇن، تەشكىلات، كوللېكتىپنىڭ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى نۇسخىسى ھەققىدىكى مەسلىھەت سوراش، زاكاز قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، كىتابخانا كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋاقتىدا سېتىۋېلىپ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.