تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش

− 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۇن شاۋلۇڭ، دىڭ شياۋشى، خۇاڭ يۆ

«بىز ئۆزىمىز ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلساقلا، ئاندىن تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز».

2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلغاندا: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا ـ دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەرگىزمۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان داغدام يول ئەمەس، دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى.

ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى.

مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئىرادە باغلىغان 100 يىل دەل قىرانلىق مەزگىلى بولدى. يېڭى «ئىمتىھانغا بېرىش» يولىغا قەدەم قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، قايتا يولغا چىقىش

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش

2021 ـ يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار بولۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىشقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق قىلىپ تىنچلىق ـ قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش ـ خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقالىدى؟

1945 ـ يىلى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلىش ئالدىدىكى كېچىدە، يەنئەندىكى گەمىدە، خۇاڭ يەنپېي ئوتتۇرىغا قويغان «تارىخىي دەۋرىيلىك توغرىسىدىكى سوئال»غا قارىتا، يولداش ماۋ زېدۇڭ بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ «پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ».

2021 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «گەمىدىكى سۆھبەت»نى مەخسۇس تىلغا ئالدى، ئۇنىڭ قىياپىتىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى، سۆزلىرى جاراڭلىق ئىدى −

«100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز يەنە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش».

«پارتىيەمىز 100 يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيە ئىچى ـ سىرتىدا، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا ئالقىش سادالىرى ناھايىتى كۆپ بولدى. مۇشۇنداق بولغانسېرى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، ھەرگىزمۇ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك».

100 يىللىق بوران ـ چاپقۇنلۇق مۇساپە، 100 يىللىق كۈچلۈك دولقۇندا تاۋلىنىش.

1932 ـ يىلى شيې بۇشېڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، رۇيجىندە چىرىكلىكنى جازالاشنىڭ «تۇنجى پاي ئوق»ى ئېتىلغاندىن باشلاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ليۇ چىڭشەن، جاڭ زىشەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن «جۇمھۇرىيەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشىدىكى بىرىنچى دېلو»غىچە، يەنە يېڭى دەۋردە مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقىچە... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخى دەل ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش تارىخىدۇر.

پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا چوڭقۇر تارىخىي ئەقىل ـ پاراسەت ئارقىلىق «ئوندا چىڭ تۇرۇش» ئاساسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر چوڭقۇر خۇلاسىلەندى، «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» دەل شۇلارنىڭ بىرى:

«بىز پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، پارتىيەنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، خىسلىتى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن ـ ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا چوقۇم ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز».

100 يىللىق كۈرەش، تاۋلىنىش مۇساپىسى.

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەنى تارىختىن ئەقىل ـ پاراسەت قوبۇل قىلىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلايدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى جاھىل كېسەللىكنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت پارتىيەمىزنىڭ بۇ ئەڭ روشەن پەزىلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا چاقىرىق قىلدى.

بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخنى ئەينەك قىلغان سەگەكلىكى، ئاڭلىقلىقى −

«قورغان ئىچكى قىسىمدىن ئەڭ ئاسان يىمىرىلىدۇ».

2021 ـ يىلى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، پۈتۈن پارتىيەنى قاپلىغان بىر مەيدان مەركەزلىك تەربىيە پائالىيىتى − پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى يەنە پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ، پارچىلىۋېتىش، چىرىكلەشتۈرۈۋېتىش خەۋپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالدىنى ئېلىش تارىخىدۇر.

پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش... باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى تارىخىي تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشقا چاقىرىق قىلدى.

بىر يىل ئىچىدە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بولغان تارىخىي ئىشەنچ، نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭ، خاراكتېر ۋە ئاساسىي مەقسەت، ئىنقىلابىي روھ، دەۋر مەسئۇلىيىتى تەربىيەسىگە ئىگە بولۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

بىزنىڭ بۇرۇن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىرادىنى چېنىقتۇرۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەردىن دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ چىقىشقا يېتەكلىدى.

بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى قىممەت ئىنتىلىشى −

2021 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، ھەيۋەتلىك بىر قىزىل يېڭى يەر بەلگىسى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى پايتەخت بېيجىڭدا رەسمىي ئېچىلدى.

«ھازىر بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز ماددا ئىچىدە، يىغىن، پائالىيەتلەرنى ئىخچاملاش، قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادچىل ـ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ، يەنىلا قايتا ـ قايتا سۆزلەش، قايتا ـ قايتا تۇتۇش كېرەك...»

2021 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى −

«سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىش كېرەك».

دەۋرنىڭ ئەكس ساداسى تارىخ بىلەن رېئاللىقنىڭ سوقۇلۇشىدىن پەيدا بولىدۇ.

1927 ـ يىلى، كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا قاتناشقان قىسىم ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، ماۋ زېدۇڭ قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە مۇنداق تەلەپ قويدى: ھەرىكەتتە قوماندانلىققا بويسۇنۇش، ئاممىنىڭ بىر تال خۇڭشۇسىنىمۇ ئالماسلىق، يەرلىك زومىگەرلەرگە زەربە بەرگەندە غەنىيمەتنى ئومۇمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش... بۇ دەل خەلق ئارمىيەسىنى يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغۇزغان «ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەت»نىڭ دەسلەپكى شەكلى.

90 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى دەۋردىكى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى جۇڭگو جەمئىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى «ئالتۇن نام كارتىسى»غا ئايلانماقتا.

بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى −

2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا كۈچلۈك شەرق شامىلىدا قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

ھەيۋەتلىك، كۆركەم تيەنئەنمېن راۋىقىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ تارىخىي نەزەر بىلەن، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق تارىخىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى:

«پارتىيەمىزنىڭ قايتا ـ قايتا تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر سەۋەب، بىزنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىز ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن خەۋپ ـ خەتەر، سىناقلارغا ئۈزلۈكسىز ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن ـ ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىمىزدا!»

100 يىللىق چوڭ پارتىيە قىرانلىق مەزگىلىگە كىردى. سەلتەنەتلىك چوڭ دۆلەتنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى.

بوشاشماسلىق، قەدەمنى توختاتماسلىق

− پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش

2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى.

پارتىيە تارىخىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلغان پارتىيە ئىچىدىكى تۇنجى قانۇن ـ نىزام بولۇش سۈپىتى بىلەن، «نىزام»دا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي ئورگان خاسلىقى نامايان قىلىندى.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى، زەھەر تازىلاپ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈشتەك سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنىڭ تۈپ يولى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا دىققەت پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

2020 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، چىڭخەي ئۆلكىسى مۇلى كان رايونى ھەمدە چىليەنشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى چىڭخەي تەۋەلىك رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى رەسمىي باشلىدى. ھازىرغىچە، نۇرغۇن ئادەم قانۇنسىز كۆمۈر قېزىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى، مۇلى كان رايونىمۇ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.

مۇشۇ ئاساستا، بىر مەيدان ئىستىلدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش پۈتۈن چىڭخەي ئۆلكىسىدە قانات يايدۇرۇلدى.

چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خەيشى موڭغۇل ـ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى چۈشۈردى. مۇلى كان رايونىدىن ئىبارەت بۇ «نۇقتا»نى ياخشى تۈزەش بىلەن بىللە، چىڭخەي يەنە چىليەنشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى چىڭخەي تەۋەلىك رايونىدىكى 63 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ «تەۋەلىك»نى تور يېيىپ بىر ـ بىرلەپ تەكشۈرۈپ، بايقالغان 798 «مەسىلە خەرىتىسى»نى تۈرگە ئايرىپ تۈزىدى.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە تەمىنات ـ سودا سىستېمىسىدىكى چىرىكلىكنى تۈزەش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچىلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تۈزەش، كۆمۈر بايلىقى ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش...

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگىچە بارسا، نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈشمۇ شۇ يەرگىچە ئىزچىللاشتۇرۇلدى. 2021 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىدىن 247 مىڭنى بايقىدى ھەم تۈزەتتى.

2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى يېپىلىپ بىر ئاي بولمايلا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى خەۋەر ئېلان قىلدى −

«جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جىڭخۇا ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ».

جاڭ جىڭخۇانىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 2021 ـ يىلى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى ئېلان قىلغان قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر 25كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلە، سىياسىي قانۇن قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى «چوڭ يولۋاس»لارمۇ ئاز ئەمەس.

ئەگەر چىرىكلىكنى كېسەللىك دېسەك، ئۇنداقتا نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى چىرىكلىك دەل ئەجەللىك جايدىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ خەتەرلىك زەھەرلىك ئۆسمە ھېسابلىنىدۇ.

بىر يىل ئىچىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقى زور، سېلىنما زىچ، بايلىق مەركەزلەشكەن ساھە ۋە ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، جازالاپ چۆچۈتۈش، تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش، ئاڭنى ئۆستۈرۈشكە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ كۈچىدى.

پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى خې شىڭشياڭ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى خېنەن ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ياڭ بەيلۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم «مىتە»لەر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى؛

سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش ھەم «قايتا قاراپ چىقىش» قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، 20 مىڭغا يېقىن كادىر، ساقچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك 195 كادىر بىر تەرەپ قىلىندى، جازا بېرىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مېڭ شياڭ قاتارلىق سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى بىر تۈركۈم «يولۋاس»لار تەكشۈرۈلدى؛

ئاشلىق سېتىۋېلىش ـ سېتىش ساھەسىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 2021 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئاشلىق سېتىۋېلىش ـ سېتىش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇردى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاشلىق سېتىۋېلىش ـ سېتىش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىگە قارىتا دېلو بېجىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم تەلۋىلەرچە ئىش قىلىدىغان، ئاچ كۆز «ئاشلىق چاشقانلىرى»نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى...

2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە يىللىق ئون چوڭ قىزىق نۇقتىلىق سۆزنى ئېلان قىلدى، «تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىش» دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

«تۆت خاھىش» مەسىلىسى بىلەن چىرىكلىك يىلتىزداش، مەنبەداش بولۇپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2021 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئون مەسىلىنىڭ بەشى مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلار ئارىسىدا ساقلانغان تۆت خاھىش چىرىكلىككە ئۆزگىرىپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ ئاخىرىدا پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدۇر.

«تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قاتتىق جازالاش دەل چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان مەنبەنى يوقىتىشتۇر.

2021 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن 11 ـ ئايغىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىدىن جەمئىي 91 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 131 مىڭ كىشىگە تەنقىدىي تەربىيە بەردى، ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2021 ـ يىلى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى جەمئىي تۆت تۈركۈمدىكى 34 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلاپ، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى شەرھلەپ قانۇننى چۈشەندۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

«پارا بەرگۈچىلەر <قارا تىزىملىكى> تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.» مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 2021 ـ يىلى كۆپ ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقان «پارا ئالغان، پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»دىكى بۇ تەلەپ ئاممىۋى پىكىردە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

بىر تورداش مۇنداق باھا بەردى: پارا بەرگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارا بېرىش سەۋەبلىك «قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ» بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە جايدا چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ دەل «يىلاننى ئۇرغاندا ئەجەللىك يېرىگە ئۇرۇش» دېگەنلىكتۇر.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، جەزمەن تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىش كېرەك.

2021 ـ يىلى، «بىرىنچى قول رەھبەر»نى نازارەت قىلىشتىن پارا ئېلىش، پارا بېرىشنى تەڭ تەكشۈرۈشكىچە، رېۋىزىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىدىن رېۋىزورلار قانۇنىغىچە، يەنە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامىغىچە... بىر قاتار قانۇن ـ نىزام، تۈزۈملەرنىڭ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇشى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قانۇن ـ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپلا قالماي، يەنە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇردى.

ھەربىر دېلو مىسالى، ھەربىر بەلگىلىمە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشتەك ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە گۇۋاھ بولماقتا.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان، پارتىيەنىڭ ئورگانىزمىنى پاكلاشتۇرىدىغان، پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايىنى ھەقىقىي مايىل قىلىدىغان بىر مەيدان كۈرەش.

بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

− ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش

«ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئاچقۇچى مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بولۇشتا».

2022 ـ يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات ـ مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە باشلاندى.

«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لار ئۈچۈن ئۆتۈلگەن بۇ «يىل بېشىدىكى تۇنجى دەرس»تە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى −

«ھازىر، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى ھەم ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، لېكىن پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، قاتتىق بولۇش چېكىگە يەتتى دەيدىغان بىزارلىق كەيپىياتى پەيدا بولسا قەتئىي بولمايدۇ».

«پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، تاشتا، تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك».

«مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ مەسىلە سادىر قىلسا، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى قەتئىي كەچۈرمەيدۇ».

...

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، «تۆت چوڭ سىناق»قا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، «تۆت خىل خەۋپ» ئۈستىدىن قەتئىي غەلىبە قىلىپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرغاندىلا، ئاندىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشتە، جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك −

يېڭى يىلدا يەنە «يولۋاس»قا زەربە بېرىلدى!

2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى ئارقا ـ ئارقىدىن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇڭزې، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى (گۇرۇھ) شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ بىننىڭ قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىدەك ئېنىق سىگنالنى يەنە بىر قېتىم قويۇپ بەردى.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا، تاللاش يوق، جەزمەن قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا، جەزمەن كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي ئىرادىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇتلەق كۈچىنى دائىم ساقلاش كېرەك.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشتە، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلغان تۈپ سىياسىي مەيداندا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك −

«نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىز پۇلىمىزنى ئاخىر قولىمىزغا ئالدۇق...» شىزاڭ ناچۈ شەھىرى بىرۇ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى چاچۈ يېزىسىغا بېرىپ قايتا زىيارەت قىلغاندا، بۇ يېزىنىڭ تاگو كەنتىدىكى بىر كەنت ئاھالىسى ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

2016 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، چاچۈ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تاگو كەنتىدىكى 13 ئائىلىلىك ئاممىنىڭ يېرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ ئىشلەتكەن، لېكىن 174 مىڭ 400 يۈەن يەر ئېلىش تۆلەم تولۇقلىما پۇلىنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرمىگەن. مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشىگە ئاساسەن «قايتا قاراپ چىقىش»تىن كېيىن، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ئاممىنىڭ تۆلەم تولۇقلىما پۇلى ئاخىر نەقلەشتۈرۈلگەن، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرمۇ جازالانغان.

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.

نازارەتچىلىك ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش؛ مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش... ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ پۈتمەس ـ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشتە، جەزمەن چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك −

«ئۆزۈمنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ياكى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ بۇزغۇنچىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» «مېنىڭ تەلۋىلەرچە ئاچ كۆزلۈكۈم چېكىگە يەتتى، لېكىن مەن پۇلنى نېمە ئۈچۈن ئالغانلىقىمنى بىلمەيمەن»...

يېقىندا، تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «قەتئىي يول قويماسلىق» قىزغىن قويۇلۇۋاتىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر سۇن لىجۈن، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىس ۋاڭ فۇيۈ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كامېرا ئالدىدىكى پۇشايمىنى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلغاندىلا، ئاندىن كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزغىلى بولىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق بويىچە چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق قەپىسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچنى قىلماسلىق»نى تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، ئەمەلىيەت يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن چىرىكلىكنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ زور تۈزەش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشتە، جەزمەن نازارەت قىلىشنىڭ ئىجرانى كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك −

2021 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جېجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئورتاق بېيىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىنىپ، جېجياڭغا ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يول ئىزدەش بۇرچى يۈكلەندى.

ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق بېيىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يەنىمۇ رەتلەپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى، دەل جايىدا نازارەت قىلدى:

مىزان چىقىرىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر ئالاقىسىدە «مۇداپىئە تېمى» بەرپا قىلدى؛ تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش، بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىدىكى «توسۇق»لارنى راۋانلاشتۇردى؛ يېقىن، پاك ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغدىدى...

دائىم ياشناپ تۇرۇش يولىدا مېڭىشتا قىممەتلىك بولغىنى ئۆزىنى يېڭىش.

70 نەچچە يىل ئىلگىرى، «جياشېن يىللىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ 300 يىللىقىنى خاتىرىلەش» ناملىق كىتابتا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، يىراق يەنئەندىكى يولداش ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىستىل تۈزىتىش ھۆججەتلىرىنىڭ بىرى قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى كادىرلاردىن ئوقۇش ۋە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.

2021 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا بۇ ئەسەرنى تىلغا ئېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا: «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەررەر غەلىبىسىگە بۇنىڭدىن جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ» دېدى.

ئىمتىھانغا بېرىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى يېڭىلاپ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تايانچ بولالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.