تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەڭ چوڭ «مەركەزداش چەمبەر»نى سىزىپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەڭ چوڭ «مەركەزداش چەمبەر»نى سىزىپ چىقىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشى باش تېما قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تەلىپىگە سېلىشتۇرۇلۇپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسىلىلەر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئىدىيە ئالماشتۇرۇلۇپ، پارتىيەۋىلىك تەھلىل قىلىنىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش كەسكىن قانات يايدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس خىزمەت لايىھەسى تۈزدى. يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ـ تەكلىپ ئېلىپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، سۆز تېزىسىنى كۆڭۈل قويۇپ يېزىپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى.

يىغىندا، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى. ئارقىدىن، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىر ـ بىرلەپ سۆز قىلىپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مەسىلىلەر چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىلىپ، سەۋەبى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، بۇنىڭدا ھەم يۈزى قىزىرىش، تەرلەشتەك جىددىيلىك ۋە كەسكىنلىك، ھەم غەيرەت ـ شىجائەتكە تولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق بولۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تاۋلاش، خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىگە يېتىلدى، يىغىن ناھايىتى نەتىجىلىك ئېچىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش؛ غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي كوممۇنىستلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش تۈپ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش؛ تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش؛ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي پاك ـ دۇرۇس سىياسىي خىسلەتنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.