تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى نەتىجە ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

يېڭى نەتىجە ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشنى باش تېما قىلىپ، دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن قانات يايدۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس خىزمەت لايىھەسى تۈزدى. يىغىندىن ئىلگىرى، دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ـ تەكلىپ ئېلىپ، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ۋە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، سۆز تېزىسىنى ئەستايىدىل يېزىپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىشقا تولۇق تەييارلىق قىلدى.

يىغىندا، شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى. ئارقىدىن، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىر ـ بىرلەپ سۆز قىلىپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

شەۋكەت ئىمىن خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى، ناھايىتى نەتىجىلىك ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىيدا سادىق بولۇشنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەش، نازارەتچىلىك خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە توپلىغان ئۇلۇغ كۈرەش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.