تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 2020 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەستىقىي يوليورۇقى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىقلاردىن 92 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى سۈرىتىدىن 41 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب 19 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئەقىل ـ پاراسەت لايىھەسى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر.

مىللەتلەر رايونىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇشى، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىشى، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر تىل ـ يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتىنى تەشكىللەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3 ـ تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى مىللەتلەر رايونىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق، دەل جايىدا ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىغا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.