تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 1000دىن ئارتۇق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشىڭىزگە ھەمراھ بولىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2022 - يىلى باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارايلىرىدا باھار بايرىمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر، مەدەنىيەت - سەنئەت كۆرگەزمە ئويۇنى، قار - مۇز ساياھىتى، قار - مۇز تەنتەربىيە پائالىيىتى بولۇپ سەككىز چوڭ خىلدىكى جەمئىي 1000 تۈردىن ئارتۇق پائالىيەت قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن (دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك يىل) 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە (يۈەنشياۋ بايرىمى) بولغان مەزگىلدە «شىنجاڭ ياخشى جاي − 9 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى» پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، قەغەز قىيما مۇسابىقىسى، تېرە چاڭغا بىلەن قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، شىچۈ تىياتىرى ئورۇنلاش قاتارلىق توردا ۋە تور سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جەمئىي 203 مەيدان بولۇپ، كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى نامايان قىلىدۇ.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 109 ئاممىۋى كۇتۇپخانا بىلەن بىرلىشىپ «تىيانشاننى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، كىتابتىن ھۇزۇر ئالغاچ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» تېمىسىدىكى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ. توردىكى پائالىيەتلەر كىتاب ئوقۇشتا داكا قىلىش، كىلاسسىك ئەسەرلەر لېكسىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تور سىرتىدىكى پائالىيەتلەردىن جۇڭگو تۈگۈچىنى توقۇش ماھارىتى، ئويما باسما قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ماھارىتىنى ھېس قىلىش پائالىيەتلىرى قاتارلىقلار بار. شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى يەنە دۆلەت كۇتۇپخانىسى بىلەن بىرلىشىپ «چىغىناق - تاغاق يېزىقى ئەسلىمىلىرى» كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت سارايلىرى توردا ۋە تور سىرتىدا «يېزا - كەنت باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى»، شىچۈ تىياتىرى مەخسۇس مەيدان ئويۇنى قاتارلىق 251 مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، شېخو ئويۇنى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ھەرقايسى سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئىجاد قىلغان سەھنە سەنئىتى نادىر ئەسەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىلگىچە قويۇلىدۇ، بۇ، باش تېمىلىق ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى «شىنجاڭ ياخشى جاي»، دىراما «ئالتۇن رەڭلىك توغراق»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن» ۋە «بەش يۇلتۇز شەرقتىن كۆتۈرۈلدى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالتاي ۋىلايىتى ئىجاد قىلغان «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى»، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئىجاد قىلغان مۇزىكىلىق تىياتىر «بېشبالىق» قاتارلىقلارمۇ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە بىر مەزگىلگىچە قويۇلىدۇ.

شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى «مۇنبەت تۇپراققا چوڭقۇر مۇھەببەت» «ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش» قاتارلىق باش تېمىلىق كۆرگەزمىلەردىن باشقا يەنە، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭلىق سەنئەتكارلار ھەدىيە قىلغان ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېي، خاتىرە سارايلاردا توردا ۋە تور سىرتى شەكلىدە «مۇزېيدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» باش تېمىسىدىكى 174 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەسىلەن: شىنجاڭ مۇزېيىدا «بايلىق ئىزدەش پائالىيىتى . يولۋاس يىلىدا شىنجاڭ مۇزېيىدا بايلىق ئىزدەش» «قولدا تېرە قونچاق ياساش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېيدا دۆلەت ئۆرپ - ئادىتى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر قار - مۇز كاتتا مەرىكىسى، قار - مۇز ساياھەت پەسلى، قار - مۇز مەنزىرە بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «قار - مۇز + ساياھەت» «قار - مۇز + تەنتەربىيە» شەكلى ئارقىلىق قار - مۇز ساياھىتىگە تۈرتكە بولىدۇ.

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى 15 - نۆۋەتلىك ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى، بۇرچىن ناھىيەسى 6 - نۆۋەتلىك قىراۋ بايرىمى قاتارلىق 110 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆتكۈزىدۇ. «ئالتاي ۋىلايىتى مەنزىرە رايونلارنىڭ بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، ھۆددە ئايروپىلان، مەخسۇس پويىز مۇكاپاتى، 270 مىڭ تال قار تېيىلىش بېلىتىنى ھەقسىز ئېلىش، 100 يۈەنلىك ئالاھىدە باھالىق ياتاق قاتارلىق 21 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.» ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ كېچۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە يەنە 1 - نۆۋەتلىك «جىلىن − شىنجاڭ» قار - مۇز تەنھەرىكىتى ياشلار، ئۆسمۈرلەر دوستلۇق مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر تېز مۇز تېيىلىش بويىچە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق ئالتە چوڭ قار - مۇز تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «باھار بايرىمى كەيپىياتىغا تولغان سانجى»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، 50 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، پۇقرالارنىڭ توردىكى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى، چۈزى تىياتىرلىرى كۆرگەزمە قىلىپ ئورۇنلاشتىن ئىبارەت چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق 30غا يېقىن ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. «بىز پۈتۈن شىنجاڭغا 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئىستېمال بېلىتى تارقىتىمىز، ساياھەتچىلەر بېلەت بىلەن سانجى ئوبلاستىدىكى يەتتە قار تېيىلىش مەيدانى ھەم 24 مۇز تېيىلىش مەيدانىدا %50لىك ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بىر يۈەنلىك قار - مۇز تۈرلىرىنى ھېس قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، قار - مۇز ساياھىتى بازىرىنى جانلاندۇرىدۇ» دېدى سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ زىبىن.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش شەكلىنى قوللىنىپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرى، يېڭىچە ۋە خىلمۇخىل بولغان قار - مۇز تەنھەرىكىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىناق، خۇشال بايرام كەيپىياتى يارىتىپ، باھار بايرىمىدىكى تۇرمۇشقا تۈس ۋە ھۆسن قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.