تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى باھار بايرىمىلىق يۇرتقا قايتقاندا مۇداپىئە كۆرۈشكە ئائىت ئەقىل كۆرسەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: باھار بايرىمى يېقىنلاپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى كۆپەيدى. كۆپچىلىك يۇرتىغا قايتىشتىن ئىلگىرى قايسى تەييارلىقلارنى قىلىشى كېرەك؟ يۇرتىغا قايتىش يولىدا مۇداپىئەنى قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۆيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟ 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، مۇخبىر بۇ توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە باش مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋىراچ لى فەننى زىيارەت قىلدى.

«يۇرتقا قايتىشتىن ئىلگىرى يولنى ياخشى پىلانلاپ، يولغا چىققان جاي ۋە بارىدىغان جاينىڭ ھازىرقى خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئىگىلەش كېرەك.» لى فەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: بېلەتنى ئالدىن سېتىۋېلىش، يۇقىرى پەللىدىن چەتنەپ سەپەرگە چىقىش كېرەك. بارىدىغان جاينىڭ ساغلاملىق كود APPسى ياكى كىچىك پىروگراممىسىنى چۈشۈرۈۋېلىپ، زۆرۈر بولغاندا ئىلتىماس قىلىشنى ئالدىن ياخشى قىلىش كېرەك. ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغانلار ئەڭ ياخشىسى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك.

يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئەگەر قىزىش ياكى باشقا نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تېزدىن شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈپ، جىددىي كېسەللىك تىزگىنلەنگەندىن كېيىن ئاندىن يولغا چىقىش كېرەك. يولغا چىققاندا قىزىش ياكى باشقا نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بولمايدۇ، ئۆز ئالدىغا قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئىچىپ كېسەللىك ئالامىتىنى يوشۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ يولغا چىقىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئەگەر يوشۇرۇش سەۋەبلىك يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يۇرتقا قايتىش يولىدا قىزىش ياكى باشقا نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئولتۇرغان قاتناش قورالىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا دەرھال ئېنىق ئېيتىپ، قاتناش قورالى بىلەن توشۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ ياكى شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلىش، يوشۇرماسلىق كېرەك.

«ماسكا (داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ياكى N95 ماسكا)، دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۆرۈر شەخسىي مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ياخشى تەييارلاش كېرەك، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرى دائىم ئىشلىتىدىغان بەزى دورىلارنى تەييارلىۋالسا بولىدۇ.» لى فەن مۇنداق دېدى: يۇرتقا قايتىش يولىدا ماسكىنى ياخشى تاقاش، ئېغىز، بۇرۇن، ئېڭەكنى توسۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ماسكىنى پات - پات ئالماشتۇرۇش، تاقاش ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە توسۇۋېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەنمىگەن قول بىلەن ئېغىز، بۇرۇن، كۆز شىللىق پەردىسىنى تۇتماسلىق كېرەك. قولنى پات - پات دېزىنفېكسىيەلەش، ئەڭ ياخشىسى دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزىنى ئىشلىتىش، مەينەت جايلارنى تۇتقاندا چوقۇم ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

ئەگەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىمەكچى ياكى شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرماقچى بولسا، يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بەزى شەخسىي مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى، مەسىلەن: ماسكا، دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى، سۇ، يېمەكلىك ھەم دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تەييارلاش كېرەك. سەپەر جەريانىدا كىشىلەر توپلاشقان جايغا ئاز بېرىش، يېپىق ھالەتتىكى ئاممىۋى مەيدان - سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر بارماسلىق ياكى ئاز بېرىش كېرەك.

«ئۆز ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇپ، بارغان جاينىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە رىئايە قىلىپ، مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك ئەھۋاللارنى دەل ۋاقتىدا مەھەللىگە مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش، شۇ جاينىڭ دائىملىق خېسۇەن تەكشۈرۈشىگە ئاڭلىق قاتنىشىش كېرەك.» لى فەن مۇنداق دېدى: ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆز ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى ياخشى قىلىپ، قىزىش ياكى باشقا بىئارام بولۇش ئەھۋالىنىڭ بار - يوقلۇقىنى كۆزىتىش، ئەگەر بەدەندە بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.