تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبە، نەتىجە - ئۈنۈمنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋە نىشان، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىدىن ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى. مەۋقەنى 100 يىللىق پارتىيە تارىخى نەزەر دائىرىسىگە قويۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تارىخىي ۋارىسلىق قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش يۆنىلىشى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىدىن يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشتىكى ئۈنۈملۈك يول، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، نىشان - تەلەپنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى، «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى، «13 تەرەپ»تىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى قاراشلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادرونى قوغداشقا يېتەكلەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تارقىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنى كۆزلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىممەت يېتەكچىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، دەۋر يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئاساس قىلىنغان پائالىيەت شەكىللىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت قۇرۇلۇش نىشانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزىي قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا، ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.