ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2021 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 161 مىليارد 860 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.6 ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى چىقىمى 398 مىليارد 230 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %73.7ىنى ئىگىلىگەن.
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون كىرىم - چىقىمنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، مالىيەنىڭ يۈرۈشۈشى تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى، كىرىم سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستى، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن كىرىمنى ئاشۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، باج كىرىمىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2020 - يىلىدىكىدىن 5.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ چىقىمى 101 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، چىقىم سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
2021 - يىلى، ئاپتونوم رايون ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 146 مىليارد 640 مىليون يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، جەمئىيەت ئىشلىرى، شەھەر - يېزا سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق 2755 نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بەردى؛ دىققەتنى دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ 38 مىليارد 822 مىليون يۈەن مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە ئىشلەتتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشقا مەدەت بەردى؛ 31 مىليارد 90 مىليون يۈەن تۈرلۈك مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى.
«پۈتۈن يىللىق مالىيە يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئاساسىي قاتلامدىكى <ئۈچ كاپالەت> تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، <14 - بەش يىل>دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مەسئۇلى.