تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرەيلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىستراتېگىيە مەسىلىسى بىر پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىسى. «بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەمىزنىڭ ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ئىلمىي ئىستراتېگىيە، تاكتىكىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەتراپلىق خۇلاسىلەندى.» ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەش داۋامىدا ئىستراتېگىيە، تاكتىكىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك».

ئىستراتېگىيە جەھەتتە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىلمىي پىلان تۈزۈپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگەندە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا زور ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەمىز چوڭ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن يېزىلارغا يۈرۈش قىلىشقا ئۆتۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ توغرا بولغان مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۆكتەملىك بىلەن قوزغىغان ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش ئالدىدا، كەڭ ئارمىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا پائال مۇداپىئە كۆرۈشتىن ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتى؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، پارتىيەمىز ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى باش لۇشيەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەپ، ئۈچ دۇنياغا ئايرىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ھازىرقى دەۋرنىڭ باش تېمىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە، پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، قەيسەر بولۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، قۇدرەت تېپىشقا بەل باغلاپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىز دائىم مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور تارىخىي تېمىلارنى ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن تونۇپ، تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، توغرا سىياسىي ئىستراتېگىيە، تاكتىكا تۈزۈپ چىقتى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ سان - ساناقسىز خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

كۈچلۈك رەھبەرلىك توغرا رەھبەرلىكتىن كېلىدۇ؛ توغرا رەھبەرلىك توغرا تەدبىر بەلگىلەشتىن كېلىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ يىللار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە يىل بولدى. پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر قاتار مۇھىم، زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مىسلىسىز دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ بىزگە بەرگەن بىر مۇھىم ئىلھامى شۇكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىنى قەتئىي قوغداش پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور پەيتتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كەسكىن تاللاش چىقىرىشىدىكى ئاچقۇچ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم كاپالەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىز بىر چوڭ پارتىيە، رەھبەرلىك قىلىۋاتقىنىمىز بىر چوڭ دۆلەت، ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىز ئۇلۇغ ئىش، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز، ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن مەسىلىلەرگە قاراشقا، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.» ئىستراتېگىيە − پۈتۈن ۋەزىيەت، يىراق كەلگۈسى، چوڭ يۈزلىنىش جەھەتتىن ھۆكۈم قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەشتۇر، توغرا ئىستراتېگىيە توغرا تاكتىكا ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە موھتاج، تاكتىكا ئىستراتېگىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستراتېگىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنىڭ مۇناسىۋىتى دىيالېكتىكىلىق بىرلىكنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىستراتېگىيەنىڭ قەتئىيلىكى بىلەن تاكتىكىنىڭ جانلىقلىقىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ھەم ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنىلا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار مەۋجۇت. بۇ، بىزدىن ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى، دەۋر دولقۇنى، يەر شارىۋى ۋەزىيەتتىن ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى تەھلىل قىلىپ، تارىخىي قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشنى كۆزلەش بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزلەشنى، ھازىرنى كۆزلەش بىلەن كەلگۈسىنى كۆزلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئىستراتېگىيە، تاكتىكىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، ئىجادىيلىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت پىكىر يولى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، سىياسەت - تەدبىرلەرنى بېكىتكەندە، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئېغىشنى ۋاقتىدا توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى جەزمەن شەرتسىز ئىجرا قىلىپ، ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىپ، ھەم رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىشان - ۋەزىپە، سىياسەت - تاكتىكىلارنى تۈزۈپ چىقتى. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە نەزەر سېلىپ بىر ساھەنى كۆزلەپ، ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ چوڭ ئىشلارنى كۆزلەپ، توغرا سىياسىي ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن دەۋر يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى يارىتايلى، تارىخىي يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى!

( شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.