تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30كە يېقىنلاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2010 ـ يىلى 11 ـ ئايدا شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال غول تورى تۇتاشتۇرۇلۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى سىجىل ئاشۇرغان. 2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى تەخمىنەن 134 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارىنىڭ %26ىنى ئىگىلىگەن.

134 مىليارد كىلوۋات سائەت توك چىقىرىش ئۈچۈن 40 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر قالاشقا توغرا كېلىدۇ. كۆمۈر قالاشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەردىن پايدىلىنىپ 134 مىليارد كىلوۋات سائەت توك چىقارغاندا، تەخمىنەن 100 مىليون توننا كاربون Ⅳ ئوكسىدى، 340 مىڭ توننا گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىدى، 300 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى 160 قا، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 16 مىليون 722 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كونترول قىلىش مەركىزى سۇ ئېلېكتىر ھەم يېڭى ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى گوچىڭ مۇنداق دېدى: سىرتقا يەتكۈزۈش ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتىن ئېيتقاندا، گەرچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىمىسىمۇ، لېكىن يۈرۈشتۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنى يەتكۈزۈش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئوت ئېلېكتىر يەتكۈزۈش ماسلاشتۇرۇلدى.

«يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنى ئالدىن يەتكۈزگەندە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنى تولۇق، كۆپ تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنىڭ مۇھىت قوغداش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوت ئېلېكتىرغا تايىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوت ئېلېكتىرنى تولۇقلىما قىلغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دېدى لى گوچىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.