1-ئاينىڭ 7-كۈنى، تېببىي خادىملار ئاھالىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرمەكتە.
ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، جۇڭگو خەلق ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى قۇتۇبى ناھىيەلىك شۆبە شىركىتىنىڭ قۇتۇبى بازىرى نەنمېن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «قويۇق مېھىر-مۇھەببەت سىڭگەن لابا ساغلاملىق يەتكۈزۈش بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.