تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان كۆۋرۈك مۇھاپىزەتچىسى كۆۋرۈك چارلاپ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنى كۈتۈۋالدى

  خەلق تورى خەۋىرى 2000-يىلى تۇغۇلغان جاۋ چېنيەن جۇڭگو تۆمۈر يولى تەييۈەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى داتۇڭ ئۇچاستىكىسىنىڭ كۆۋرۈك-تونېل ئىشچىسى، نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنى كۈتۈۋالىدۇ.

   رېلس مىخىنىڭ تولۇق-تولۇق ئەمەسلىكىنى، بولتا ۋە ئىلمەكنىڭ بوشاپ قالغان-قالمىغانلىقىنى، رېلىستا دەز بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش... جاۋ چېنيەن ۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرى ھەر كۈنى تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنى سەككىز سائەتتىن ئارتۇق چارلاپ تەكشۈرۈپ، 10 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈپ، توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

     «نەچچە 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆۋرۈك گۇندىسىدا تۇرغاندا، پۇتۇم ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىدۇ، مەن يەنە چېنىقىشىم كېرەك.» ئۇچاستىكا باشلىقىغا ئەگىشىپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان جاۋ چېنيەن تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۈچىنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ ياڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈر يولى تەييۈەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ داتۇڭ ئۇچاستىكىسى كۆۋرۈك-تونېل ئىشچىسى جاۋ چېنيەن داچىن تۆمۈر يولى يۈخې كۆۋرۈكىنىڭ كۆۋرۈك گۇندىسىغا بىخەتەرلىك ئارغامچىسى ئورناتماقتا.

كۆمۈر توشۇيدىغان بىر يۈك پويىزى داچىن تۆمۈر يولى يۈخې كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە. (1-ئاينىڭ 12-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈر يولى تەييۈەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى داتۇڭ ئۇچاستىكىسىنىڭ كۆۋرۈك-تونېل ئىشچىسى جاۋ چېنيەن داچىن تۆمۈر يولى يۈخې كۆۋرۈكىنىڭ كۆۋرۈك گۇندىسىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈر يولى تەييۈەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى داتۇڭ ئۇچاستىكىسىنىڭ كۆۋرۈك-تونېل ئىشچىسى جاۋ چېنيەن(سولدا) ۋە ئۇچاستىكا باشلىقى جاڭ خەيلى جىڭباۋ تۆمۈر يولىدىكى بىر تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنىڭ پىيادە مېڭىش تاختىسىنى ئۆلچىمەكتە.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈر يولى تەييۈەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى داتۇڭ ئۇچاستىكىسىنىڭ كۆۋرۈك-تونېل ئىشچىسى جاۋ چېنيەن داچىن تۆمۈر يولى يۈخې كۆۋرۈكىنىڭ كۆۋرۈك گۇندىسىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى