تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭ چاپچال: قىشلىق بۆلجۈرگەنلەر يېڭى پېتى بازارغا سېلىندى

  ئاپتورلار: خۇا يەنمىڭ، رېن يەن

     1-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇنجاچى نېرۇ بازىرى چولپان كەنتىدىكى بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ پارنىكىدا بۆلجۈرگەنلەرنىڭ خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، پارنىكتا بۆلجۈرگەنلەر رەتلىك ئۆسكەن بولۇپ، پارنىك ئىچى قىش پەسلىدە تۇنجى تۈركۈمدە پىشقان مېۋىلەر بىلەن تولغانىدى. نۇرغۇن ساياھەتچى بۆلجۈرگەن ئۈزگىلى كېلىپ، يان تېلېفونى ئارقىلىق بۇ خۇشال مىنۇتلارنى سۈرەتكە ئالدى.

  2021-يىلى، چولپان كەنتىدىكى بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش بازىسىدا پەسىلسىز بۆلجۈرگەن پارنىكىدىن 130ى قۇرۇلدى، دېھقانلار ھەربىر بۆلجۈرگەن پارنىكىدىن تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەن پايدا ئالالايدۇ.

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.