1-ئاينىڭ 12-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كۆكتاتچىلارنىڭ چىڭسەي ئورۇشىغا ياردەم بەرمەكتە.
خۇا يەنمىڭ فوتوسى
باھار بايرىمى كېلىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «قىزىل كىيىملىك پىدائىيلار» ھەرىكەتكە كەلدى، ئۇلار پارتىيە ئەزاسى، داشۆ ئوقۇغۇچىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن... ئۇلار پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى پارنىكلارغىچە يەتكۈزدى، ئۆيلەرگىچە يەتكۈزدى.
بىرقانچە كۈندىن بۇيان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ لياڭفەنچاڭ مەيدانىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كۆكتات پارنىكلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆكتاتچىلارنىڭ كۆكتات يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى.
نىياز راخمان فوتوسى
نىياز راخمان فوتوسى
1-ئاينىڭ 4-كۈنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پارنىكقا كۆكتات ئۈندۈرمىلىرىنى تىزماقتا. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ساۋەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ داچۈەن يېزىسى چېڭجياۋدۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارنىكلارغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پەسىلسىز كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلىشىغا ياردەملىشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.
لەن لىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 4-كۈنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىغا ياردەملىشىپ بىرلىكتە كۆكتات يىغماقتا. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ قىزىل بازىرى چىمەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، پارنىكلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.
ئېزىز سامساق فوتوسى
1-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى، مۈلۈك باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە مەھەللە پىدائىيلىرى ياڭگۇاڭ يىجۈ مەھەللىسىدە مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش پىدائىيلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى