تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

[شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەزەر نۇقتىسى] شىنجاڭ تۇرپان: 55 مىڭ يەشىك ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇق مېۋە شىنجاڭدىن خۇنەنگە يەتكۈزۈلدى

  ئاپتورلار: جاڭ رۇيلىن، دۇ خۇ

  55 مىڭ يەشىك ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇق مېۋە شىنجاڭدىن خۇنەنگە يەتكۈزۈلدى

  1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندىلا، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا، «قىزىل ئانار. شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە يەتكۈزۈش» باھار بايرىمىلىق سەپەر باش تېما پائالىيىتىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. 55 مىڭ يەشىك قۇرۇق مېۋە بۇ يەردىن بىۋاسىتە خۇنەن خەلقىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى «قىزىل ئانار. شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە يەتكۈزۈش» باھار بايرىمىلىق سەپەر پائالىيىتىدە، «ئالاقە تورى +» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەنتتىن شەھەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بىلەن جۇڭگو پوچتىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش سۇپىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، خۇنەن بازىرىغا جەمئىي 55 مىڭ يەشىك تۇرپاننىڭ خاس قۇرۇق مېۋىلىرىنى ساتقان.

  تۇرپاننىڭ قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى سېتىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، «قىزىل ئانار. شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە يەتكۈزۈش» باھار بايرىمىلىق سەپەر پائالىيىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ پوچتىسى خۇنەن پوچتىسى بىلەن بىرلىشىپ، خۇنەن ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، سودا نازارىتى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىقلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، پوچتا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى، پوچتا پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، «قىزىل ئانار. شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە يەتكۈزۈش» باھار بايرىمىلىق سەپەر باش تېما پائالىيىتىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
دۇ خۇ فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇرپان شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تۇرپاننىڭ خاس كەسپىنى چۆرىدەپ، «قوش ئايلىنىش»نى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، پوچتا ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ۋە پوچتا پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى تايانچ قىلىپ، تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قىيىن بولۇش، ساقلاش قىيىن بولۇش، سېتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سېتىۋېلىش ئۇچى، توشۇش ئۇچى، سېتىش ئۇچى قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىن كۈچ چىقىرىپ، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش يېڭى ئۈسكۈنىسى، يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇكەممەل بولغان «ئۈچ ئۇچ يۇغۇرما» كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۇرپاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېتىزدىلا خۇنەن ئۆلكىسى، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە بىۋاسىتە يەتكۈزدى.

  خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى تۇرپان شەھەرلىك شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ كېۋېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىدىن پايدىلىنىپ خۇنەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بازىرىغا تۇتاشتۇرۇپ، تۇرپاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇق مېۋىلىرىنى ۋاقتىدا خۇنەنگە يەتكۈزۈشكە ياردەم بەردۇق، بۇنىڭ بىلەن خۇنەن ئىستېمالچىلىرى شىنجاڭنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان قۇرۇق مېۋىلىرىنى سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە تۇرپان دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، باھار بايرىمىدىن كېيىن 2-تۈركۈمدىكى قۇرۇق مېۋە يولغا چىقىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.