تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىدىن ئىبارەت ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى قوزغاتتى، سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، دېڭىزدىن ئىبارەت «تۆت چاق قوزغىتىلىپ»، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش يولىدا جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى بىردەك. ئەسىر ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ تىرىشىپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ ھەربىر كونكرېت ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ياخشى بېجىرىشتە.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، سەھىيە ـ ساغلاملىق ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ھىندونېزىيە بىلەن ۋاكسىنا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقى ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ رايون ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسىدا پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئاممىۋى سەھىيەنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى تىكلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشى ۋە ھىندونېزىيە دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلدىكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جاكارتا ـ ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى»، «ئىككى دۆلەت قوش باغچىسى» قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، تۆۋەن كاربون، رەقەملىك ئىقتىساد، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقى قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىش بولىدىكەن، جۇڭگو تەرەپ ھەممىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە بۇلتۇرقى جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ خاتىرىلەش ئۇچرىشىش يىغىنىدىكى ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە بۇ يىل ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

جوكو مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ. بۇلتۇر، ھىندونېزىيە ۋە جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپ سودا، سېلىنمىسى تېز ئاشتى، سەھىيە ـ داۋالاش ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ھىندونېزىيەدىكى ۋاكسىنىنىڭ %80ى جۇڭگودىن كەلتۈرۈلدى. جاكارتا ـ ۋەنلۇڭ گاۋتيې قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، قەرەلىدە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشتىن ئۈمىد بار. ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد، سودا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «ئىككى دۆلەت قوش باغچىسى»نى ياخشى قۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى، يۇقىرى تېخنىكا، يېشىل بولۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. بۇ يىل 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن! بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.