تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قار-مۇز شادلىقى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا قارلىق دالا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

     شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «قار-مۇز ئويۇنى. شادلىققا تولغان بالىلىق چاغلار» ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار-مۇز قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى، 40 مەكتەپتىن كەلگەن 600دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ مەقسىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن مەدەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تەنھەرىكەت جەريانىدا قار-مۇز خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى