تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر ئېغىز ۋەدە، ئون مىڭ چاقىرىملىق «ۋاكالىتەن ھەيدەش»

− 11 كۈن + بەش مىنۇت + سەككىز كېچە - كۈندۈزدىكى دوستلۇق «مەخپىي شىفىرى»

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، كورلا شەھىرىدىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى مەنسۇر پەتتار (ئوڭدا) بىلەن مەمەت نۇردۇن 4700 كىلومېتىر يىراقلىقتىن كەلگەن ئالاھىدە رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. □سۈرەتنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ھەبىبە، رېن جياڭ

1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تېلېفون جىرىڭلىدى، مەمەت نۇردۇن كەلگەن تېلېفوننىڭ نومۇرىغا قاراپ، دەرھال يان تېلېفوننى ئالدى. «ۋەي، مەمەت، قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟» دەپ ئەھۋال سورىدى جاۋ شۈلېي خوتۇنى بىلەن بىللە ۋىيشىندا قارشى تەرەپ بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ. «سىزگە ياردەم بېرىپ كىچىككىنە ئىش قىلىپ بەرسەم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تەشۋىق قىلىپ كەتتى، ئوڭايسىزلىنىپ قېلىۋاتىمەن جۇمۇ» دېدى مەمەت.

بىر ئاي ئىلگىرى، شىنجاڭلىق ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ 4700 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، جياڭسۇلۇق يارىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى «ئۆز خىراجىتى بىلەن ۋاكالىتەن ھەيدىگەنلىكى» ھەققىدىكى ھېكايە تارقالغاندىن كېيىن، يۈز مىليونلىغان تورداشنى تەسىرلەندۈردى. مەمەت نۇردۇن بىلەن مەنسۇر پەتتار دەل ئاشۇ ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئىدى، جاۋ شۈلېي بولسا ياردەمگە ئېرىشكەن جياڭسۇلۇق شوپۇر. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار ئارىسىدىكى 4700 كىلومېتىردىن ھالقىغان قويۇق قېرىنداشلىق مېھرى ھېلىھەم تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تەسىرلەندۈرمەكتە.

11 كۈن بىللە تۇرۇش، «تونۇشقىلى ئۇزاق بولغان قېرىنداشلاردەك بولۇپ قالدۇق»

«بۇ قانچىلىك ئىشتى، ھەممىسى ئىنتايىن نورمال ئىشلار. بىز دېگەن ياخشى قېرىنداشلاردىن، دوستلار ئارا ياردەم بېرىش ناھايىتى نورمال ئىشقۇ.» 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مۇخبىر تېلېفوندا مەنسۇر بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۇ قايتا - قايتا شۇنداق دېدى.

ئەمەلىيەتتە، 2021 - يىلى 11 - ئايدىن ئىلگىرى مەنسۇر بىلەن مەمەت جاۋ شۈلېينى تېخى تونۇمايدىغان بولۇپ، كورلا شەھىرىنىڭ پۇخۇي يېزىسىغا پاختا توشۇشقا بىللە بېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچەيلەن تونۇشۇپ قالغانىدى.

«جاۋ شۈلېي خۇش پېئىل كىشى ئىكەن، ئۇ كورلا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنى بىلمىگەچكە، بىز ئۈچەيلەن ۋىيشىن توپى قۇرۇپ، توپتا دائىم پاراڭلىشىپ تۇردۇق» دېدى مەمەت.

بىر قېتىم، مەمەتنىڭ ئاپتوموبىلى يېرىم يولدا بۇزۇلۇپ قالدى. جاۋ شۈلېينىڭ ئاپتوموبىلى ئون نەچچە كىلومېتىر ئالدىدا ماڭغان بولۇپ، ئارقىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقاپ، تېلېفون بېرىپ سورىدى. «سىز كېتىۋېرىڭ، بىز ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىپ بولۇپ يېتىشىۋالىمىز.» مەمەت مۇنداق دېدى: «ئويلىمىغان يەردىن، يېرىم سائەتتىن كېيىن، جاۋ شۈلېي ئاپتوموبىلىنى كەينىگە قايتۇرۇپ كەپتۇ، بىز بىللە ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىپ، قايتىدىن يولغا چىقتۇق».

«مەن شۇ چاغدىلا بۇ قېرىندىشىمىز ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان ئادەم ئىكەن، دەپ ئويلىدىم» دېدى مەمەت. شۇنىڭ بىلەن، ئۈچەيلەن ھەر قېتىم ئاپتوموبىلغا يۈك قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، بىرلىكتە يولغا چىقىدىغان بولدى. ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئارام ئالغاندا، جاۋ شۈلېي دائىم مەمەت، مەنسۇر بىلەن مۇڭدىشاتتى، بىللە تاماق يەيتتى. ئۇلار ئاشۇ قېتىملىق پاختا توشۇشتا ئالدى - كەينى بولۇپ 11 كۈن بىللە قاتنىدى، «بىز خۇددى تونۇشقىلى ئۇزاق بولغان قېرىنداشلاردەك بولۇپ قالدۇق» دېدى مەنسۇر.

11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۇلار پاختا توشۇيدىغان ئىشنى تۈگىتىپ بولۇپ. ۋاقىت چىققاندا يەنە جەم بولۇشقا كېلىشتى.

بەش مىنۇت ئىچىدە قارار چىقىرىش، «بىز سىزگە ھەيدەپ ئاپىرىپ بېرىمىز»

ئۇلار ئايرىلغاندىن كېيىن، مەنسۇر ئۆيىگە قايتىپ بىرنەچچە سائەت بولا - بولمايلا، جاۋ شۈلېينىڭ خوتۇنى ۋاڭ سۈينىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى − جاۋ شۈلېي يۈك قاچىلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبېرىپ، سول كۆزىگە يۈك تېگىپ كېتىپ، كۆزى، بۇرنى، ئېغىزى، قۇلاقلىرىنىڭ ھەممىسى قاناپ كەتكەن بولۇپ، ئەھۋالى تولىمۇ خەتەرلىك، جىددىي ئىدى.

«قانداق قىلامىز، قانداق قىلامىز؟» ۋاڭ سۈي قورققىنىدىن توختىماي يىغلايتتى. ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ كورلا شەھىرىدە بىرمۇ ئۇرۇق - تۇغقىنى بولمىغاچقا، ئۇ مەنسۇر بىلەن مەمەتنى ئېسىگە ئالغانىدى. تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، مەنسۇر دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۇياق - بۇياققا چېپىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىردى، ئاندىن ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلدى. مەمەت ھەر كۈنى تېلېفون بېرىپ ئەھۋال سوراپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى.

جاۋ شۈلېينىڭ ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس بولۇپ، بېيجىڭغا بېرىپ داۋالىنىشى زۆرۈر ئىدى. يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۇلار يەنە بىر قېتىم جەم بولدى. ئەينى چاغدا، جاۋ شۈلېينىڭ يۈك ئاپتوموبىلى مەمەت تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوننىڭ قورۇسىغا توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، تۇغقىنىنىڭ جياڭسۇ پېيشيەن ناھىيەسىدىن شىنجاڭغا كېلىپ ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كېتىشىگە توغرا كېلەتتى. سىنلىق تېلېفونلاشقاندا، مەنسۇر بىلەن مەمەت جاۋ شۈلېينىڭ تۇغقىنىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق ئۇزۇن يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ باقمىغانلىقىنى بايقىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇز ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى.

جاۋ شۈلېي ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يەنە ئاپتوموبىل قەرزى، ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئۇلار جاۋ شۈلېينىڭ كۆزىنى داۋالىتىشقىلا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىدى، بېيجىڭغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە يەنە تېخىمۇ كۆپ پۇل كېتەتتى. «ئەڭ ياخشى، ئەڭ پۇل تېجەيدىغان ئامال كورلىدىكى بىرەرسىنىڭ ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كېتىشى...» مەمەت شۇنداق ئويلىغاچ تۇيۇقسىز مۇنداق دېدى: «بىز بىر پۇڭمۇ ئالماي، ئاپتوموبىلنى سىزگە ھەيدەپ ئاپىرىپ بېرەيلى!»

«توغرا، بىز سىزگە ھەيدەپ ئاپىرىپ بېرەيلى!» دېدى مەنسۇر ئۇلاپلا.

جاۋ شۈلېي ھاياجانلانغىنىدىن مەمەتنىڭ قولىنى، ھەم مەنسۇرنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، توختىماي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان سىرتلاردا ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۈك توشۇغاچقا، كورلىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ جياڭسۇنىڭ پېيشيەن ناھىيەسىگە بېرىش ئۈچۈن 4000 - 5000 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، قۇرۇق ئاپتوموبىل بولغان تەقدىردىمۇ، يول ھەققى ۋە يېقىلغۇ ھەققى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ۋاكالىتەن ھەيدەيدىغان شوپۇرنى ياللاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى ۋاكالىتەن ھەيدەيدىغانلارنى تېپىش ناھايىتى تەس بولۇپ، ۋاكالىتەن ھەيدەش ھەققىنى كۆتۈرۈشمۇ ناھايىتى ئېغىر كېلەتتى.

«بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىشتىن قارار قىلىشقىچە پەقەت بەش مىنۇتلا ۋاقىت كەتتى. گەرچە تونۇشقىلى ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، بىراق بىز ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئىشىنىمىز» دېدى مەمەت.

سەككىز كېچە - كۈندۈز ۋاكالىتەن ھەيدەش، «مانا بۇ قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش»

2 - كۈنى سەھەردىلا، جاۋ شۈلېي ئەر - خوتۇن بېيجىڭغا داۋالىنىشقا ماڭدى، مەنسۇر بىلەن مەمەت ئالدىراش بولۇپ كەتتى − ئىككىيلەننىڭ قولىدا يۈك - تاقلارنى ۋاكالىتەن توشۇيدىغان ئىش بار بولۇپ، تېزدىن دوستلىرىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار جياڭسۇغا قۇرۇق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ماڭسا چىقىمنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىدىغانلىقى، چوقۇم يۈك قاچىلاپ ماڭغاندىلا چىقىمنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار دەرھال ئالاقىلىشىپ، ئاخىر جياڭسۇ ۋۇشىغا ئالما توشۇيدىغان بىر ئىشنى تاپتى. مۇشۇنداق قىلغاندا، توشۇش ھەققى خېلى زور بىر قىسىم يول خىراجىتىنى كۆتۈرەتتى.

ئاقسۇدىن يۈكنى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن ھايال بولماي، شۇ ھامان ۋۇشىغا قاراپ يولغا چىقتى. يول ئۈستىدە ئۇلار پەقەت توقسۇندىلا تويغۇدەك لەڭمەن يېدى ھەم بىرمۇنچە نان، تەييار چۆپ سېتىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئونمىڭ چاقىرىملىق سەپەر جەريانىدا، ئۇلار توپتوغرا سەككىز كېچە - كۈندۈز بىرەر ۋاق ئىسسىق تاماقمۇ يېمىدى. «ئازراق بولسىمۇ تېجەيلى دېدۇق، جاۋ شۈلېينىڭ پۇل خەجلەيدىغان ئىشلىرى تېخى كۆپ» دېدى مەمەت. بەلگىلىمە بويىچە ھەر تۆت سائەتتە ئازراق دەم ئالغاندىن باشقا، ئىككىيلەن كېچە - كۈندۈز يول يۈردى.

ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ۋۇشىغا بېرىپ باقمىغان بولۇپ، يولدا پۈتۈنلەي يان تېلېفون يول باشلىغۇچىسىغا تاياندى. بىراق ئاپتوموبىل لەنجوۋ ئەتراپىغا يېتىپ بارغاندا يەنىلا تاسادىپىي ئەھۋال يۈزبەردى. يان تېلېفوننىڭ سىگنالى ئاجىز بولغاچقا، يول باشلىغۇچنىڭ ئورۇن بەلگىلىشى ئىشلىمەي قېلىپ، ئىككىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن خاتا چۈشۈپ قېلىپ، يولدىن ئادىشىپ قالدى.

مەنسۇر ئۆزىنىڭ «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى» ناملىق ۋىيشىن توپىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، دەرھال توپقا ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپ، توپتىكى دوستلاردىن ياردەم سورىدى. توپتىكى دوستلار بەس - بەستە ئەقىل كۆرسەتتى، ئۇلار ئاخىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ كىرىش ئېغىزىنى تېپىپ، قايتىدىن ۋۇشىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. كېيىن، ئىككىيلەن تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، يان تېلېفون سىگنالىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، ئالدىن توپقا ئۇچۇر يوللاپ، يول لىنىيەسىنى سۈرۈشتۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن يولدىن ئېزىپ قالمىدى.

«بىز ھېسابلاپ كۆردۇق، يەنىلا نان بىلەن مېۋە يېسەك ئەڭ ئەرزان بولىدىكەن.» مەمەت مۇنداق دېدى: مېۋە يېدۇق، قۇرۇق نان يېدۇق، قايناق سۇ ئىچتۇق، تەييار چۆپ يېدۇق، مەن سەككىز كۈندە ئادەتتە يېرىم يىلدا يەيدىغاندىنمۇ كۆپ مېۋە يېدىم.

شىنجاڭلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ 4700 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ «ئۆز خىراجىتى بىلەن ۋاكالىتەن ھەيدەش» ئىشى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، مەنسۇر بىلەن مەمەت بىر كېچىدىلا تونۇلۇپ كەتتى، ئىككىيلەن بۇنىڭغا زادىلا كۆنەلمىدى. «بۇ، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دېدى مەمەت.

بەزى كىشىلەر ئىنكاس رايونىدا ئىككىيلەنگە بىر ھېسابات قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بەك زىيان تارتىپتۇ، دېيىشتى. «مەن شۇ چاغدىلا: <بىز زىيان تارتقاندەك ھېس قىلمىدۇق، ھازىر، مەنسۇر ئىككىمىزنىڭ پېيشيەن ناھىيەسىدە بىر ئۆيىمىز بار بولدى، جاۋ شۈلېينىڭ كورلىدا ئىككى ئۆيى بار بولدى، بۇ نېمىدېگەن بەختلىك ئىش!> دەپ جاۋاب قايتۇردۇم» دېدى مەمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.