ئاپتورلار: نۇرمانباي جېتپىسباي جېڭ فېيفېي
1ـ ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان چاپچال ئىلى دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، بىر توپ ئاق قوتان بەزىلىرى يېمەكلىك ئىزدەپ، بەزىلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بەخىرامان ئويناپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، چاپچال ئىلى دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانىغا ئايلاندى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)