تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئەڭ چىن ھېسسىيات كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

«قىزىم، بۇ يىل ئۈزگەن ئۈزۈمنى ئۆيدە سىزگە ئاتاپ ساقلاپ قويدۇق، كېلىپ يەپ كېتىڭ...» يېڭى يىل ھارپىسىدا، سانجى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كادىرى شيې ۋېيجيەن ماناس ناھىيەسى لياڭجوۋخۇ بازىرىنىڭ لياڭجوۋخۇ يېڭى كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى خۇيزۇ كەنت ئاھالىسى تو يۈلەنگە تېلېفون ئۇرغانىدى. تو يۈلەن ھاممىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، 2021 - يىلى كۈزدە تو يۈلەن ھاممىنى يوقلاپ بارغاندا، ئۇنىڭ ھويلىسىدا ئۈزۈپ يېگەن بىر ساپاق ئۈزۈم ئېسىگە كېلىپ، شيې ۋېيجيەننىڭ قەلبى بىردىنلا ئىنتايىن تاتلىق تۇيغۇغا تولدى.

2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، شيې ۋېيجيەن تو يۈلەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقانلاشقانىدى. دەسلەپتە «شياۋشيې» دەپ ئاتاشتىن كېيىنچە «قىزىم» دەپ ئاتاشقىچە، تو يۈلەن شيې ۋېيجيەننى تەدرىجىي ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەزاسىدەك كۆرىدىغان بولدى.

تو يۈلەننىڭ ئېرى ۋاڭ خەييۈ ئاغرىق بولۇپ، ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى يېنىدا ئەمەس ئىدى. تو يۈلەن ھەم ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ھەم ئون ياشلىق قىز نەۋرىسى ۋاڭ يۈخەن بىلەن بەش ياشلىق ئوغۇل نەۋرىسى ما شېڭشيەنگە قارايتتى.

ھەر قېتىم تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا، شيې ۋېيجيەن ھەم «قىزى» بولۇپ، تو يۈلەنگە ياردەملىشىپ ۋاڭ خەييۈ بوۋاينىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالاتتى، ھەم «ۋاقىتلىق ئاپا» بولۇپ، تو يۈلەن موماينىڭ قىز نەۋرىسى ۋە ئوغۇل نەۋرىسىگە ئىنتايىن غەمخورلۇق قىلاتتى. باردى - كەلدى قىلىش داۋامىدا، شيې ۋېيجيەن بىلەن تو يۈلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورنىتىلدى. ھەر قېتىم شيې ۋېيجيەن كەنتكە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، بىللە ئەمگەك قىلغاندا، ۋاڭ يۈخەن ئاچا - ئىنى ئىككىيلەن خۇددى «قۇيرۇقى»غا ئوخشاش ئۇنىڭغا سايىدەك ئەگىشىپلا يۈرەتتى.

«شياۋشيې ھەدە، سىز بىزنىڭ ئۆيگە قاچان كېلىسىز، مەن سىزنى بەك سېغىندىم...» بىر مەزگىل كەنتكە بارمىسىلا، ۋاڭ يۈخەن شيې ۋېيجيەنگە تېلېفون قىلاتتى. ۋاڭ يۈخەن ئۈچ ياش ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن ئاپىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، دادىسى يىل بويى سىرتلاردا ئىشلەيتتى، ئاپىسى يېڭى ئائىلە قۇرغانىدى. چوڭ بولۇۋاتقان قىزچاق بۇ ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈلمەي دائىم تىت - تىت بولاتتى.

«ھەدە، مېنىڭ سىزگە ئېيتىدىغان يۈرەك سۆزۈم بار.» بىر قېتىم كەچلىك تاماقتىن كېيىن، يېزىدىكى چىغىر يولدا، ۋاڭ يۈخەن شيې ۋېيجيەننىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭغاچ دەردىنى ئېيتتى... ئەسلىدە، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ۋاڭ يۈخەن ئاپىسىنىڭ يېڭى ئۆيىگە ئوينىغىلى بارغاندا، ئاپىسى بىلەن ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۆزىنى دەپ ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى تاسادىپىي ئاڭلاپ قېلىپ، كۆڭلى يېرىم بولۇپ قاتتىق يىغلىغان ئىكەن.

قىزچاقنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ، شيې ۋېيجيەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئاستا سۈرتۈپ، مۈرىسىدىن چىڭ قۇچاقلىدى. ئاشۇ پەيتتە، شيې ۋېيجيەن كۆز ئالدىدىكى ئەقىللىق ھەم چېچەن بۇ قىزچاقنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ كۆيۈنۈشكە ۋە قوغداشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا، شيې ۋېيجيەن ھەمىشە ۋاڭ يۈخەنگە چىرايلىق كىيىم - كېچەك، كىتاب - دەپتەر، ئۇ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان ئۇششاق يېمەكلىك... قاتارلىق سوۋغىلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى خۇش قىلىدىغان بولدى... بىلىپ - بىلمەيلا، شيې ۋېيجيەن ۋاڭ يۈخەننىڭ «ۋاقىتلىق ئاپىسى» بولۇپ قالدى: قىزچاقنىڭ كۆڭلىدىكى سىرلىرىنى ئاڭلايتتى، ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قوياتتى، چاچلىرىنى چىرايلىق ئۆرۈپ قوياتتى، ئوخشىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتى... ئاستا - ئاستا قىزچاقنىڭ چېھرىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان بولدى.

ۋاڭ يۈخەن دېكلاماتسىيە ۋە رىياسەتچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، شيې ۋېيجيەن ئۆزىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىگە، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. مەكتەپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۇيۇشتۇرغاندا، پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ۋاڭ يۈخەنگە گىرىم قىلىشقا توغرا كەلگەندە، شيې ۋېيجيەن ۋاقىتلىق سىرتتىن قاتناشقان گىرىمچىك بولۇپ بەردى. «1 - ئىيۇن» بالىلار بايرىمىدا، شيې ۋېيجيەن ۋاڭ يۈخەن ئاچا - ئىنى ئىككىيلەننى ئېلىپ، ماناس خۇڭجيۇ باغچىسى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا بېرىپ بىر كۈن تازا قانغۇچە ئويناتتى.

شيې ۋېيجيەننىڭ ھەممىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغىنى يەنىلا تو يۈلەننىڭ ئېرى ۋاڭ خەييۈنىڭ سالامەتلىكى ئىدى.

بىرىنچى قېتىم تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا، ئۇ ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ يوشۇرۇن گەپ تالىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. «دورا يەڭ دېسەم يېمەيسىز، بىئارام بولسىڭىز يەنە چېچىلىدىكەنسىز» دېدى تو يۈلەن ئاچچىقلىنىپ، ۋاڭ خەييۈ شۇ ھامان جاۋاب قايتۇرۇپ: «دورا يە، دورا يەلا دەيسەن، بىر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن كېتىدىغان تۇرسا!» دېدى.

ئەسلىدە، تو يۈلەننىڭ ئېرى ۋاڭ خەييۈ بىرنەچچە يىل ئىلگىرى تۇيۇقسىز مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇپ، پۇت - قولى ئۇيۇشۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئاسارىتى قالغانىدى، ئۇزاق مۇددەت دورا ئىچىشكە توغرا كېلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل دورىنىڭ ھەر قۇتىسى 80 يۈەندىن ئاشاتتى. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ۋاڭ خەييۈ دورىنى بىر مەزگىل يەپ يەنە بىر مەزگىل توختىتىپ قوياتتى.

ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تالاش - تارتىشىنى شيې ۋېيجيەن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. ئۇ ۋاڭ خەييۈ يەيدىغان دورىنىڭ ئىسمىنى چاندۇرماي خاتىرىلىۋالدى. يەنە بىر قېتىم تۇغقان يوقلاپ بارغاندا، ئالايىتەن دورىخانىغا بېرىپ بىرنەچچە ئايلىق دورىنى سېتىۋېلىپ ئالغاچ باردى.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر. شيې ۋېيجيەننىڭ چىن ھېسسىياتى، سەمىمىي كۆڭلى تو يۈلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تەسىرلەندۈردى، چوڭلاردىن بالىلارغىچە ئۇنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەك كۆرىدىغان بولدى. ھويلىدىكى كۆممىقوناقلار پىشىپ، شوخلىلار قىزىرىپ، ئۈزۈملەر مەي باغلىغاندا، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن شيې ۋېيجيەنگە قىسىنىپ ئازراق ئېلىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. شيې ۋېيجيەن ھەر قېتىم بارغاندا، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن خۇددى قايتىپ كەلگەن بالىسىنى كۈتۈۋالغانغا ئوخشاش، جۇۋاۋا تۈگۈش، داپەنجى ئېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. گەرچە شيې ۋېيجيەننىڭ يەنە بىر يېڭىدىن قوشماقلاشقان تۇغقىنى بار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تو يۈلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بولغان مېھىر - مۇھەببىتى قىلچە سۇسلاشمىدى. ھەر قېتىم ماناس ناھىيەسىگە بارغاندا، شيې ۋېيجيەن تو يۈلەن موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇڭدىشىپ كېلىدۇ. بۇ يىل تولۇقسىز 2 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاڭ يۈخەن ئوچۇق - يورۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، دادىل قىز بولدى. ئۇ: «شياۋشيې ھەدە، مېنىڭ يېڭى ئاپام ماڭا بەك كۆيۈنىدۇ، مەن يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدىغان بولدۇم» دېدى. تو يۈلەن موماينىڭ نەۋرىسى ما شېڭشيەنمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى، ئۇ مەغرۇرلانغان ھالدا تاپشۇرۇق دەپتىرى ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى چىقىرىپ: «شياۋشيې ھەدە، قاراڭ، مۇئەللىم مېنى خەتنى چىرايلىق يېزىپسەن، دەپ ماختىدى، مەن ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا يەنە 100 نومۇر ئالدىم!» دېدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تو يۈلەننىڭ ئوغلى قايتا ئۆيلەنگەندىن كېيىن كەنتتە ئاشخانا ئاچتى، سىرتتا ئىشلەيدىغان قىزى ۋە كۈيۈئوغلىمۇ ماناسقا قايتىپ كەلدى ھەم مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. تو يۈلەن موماي كۈنلىرىنىڭ ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال. بىراق، ئۇ دائىم شيې ۋېيجيەننى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئۇ: «مېنىڭ سانجىدا يەنە بىر قىزىم بار، ئۇزاققىچە كۆرۈشەلمەي قالسام، سېغىنىپ كېتىمەن!» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.